باش بەت

hayrigul

181يوللانما
3مەستانە

ماشىنىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچنى بىر كېچە ئېچىپ قويۇپ ئۇخلىغان ئەر ماشىنىدا ئۆلۈپ قالدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-20 15:21 2 ئىنكاس چۈشتى

جوڭئەن تورى، ئەنخۇي سودا گېزىتىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈش سائەت 11 دە، خېفېي شەھىرى خىزوخۇا كوچىسى بىلەن چېڭشى كوچىسىنىڭ تۇتاشقان يول بۆلىكى ئەتراپىدىكى بىر ئاھالىلەر قورۇسىدا، بىر ئەر ماشىنا ئىسكىلاتى ئىچىگە توختىتىلىپ قويۇلغان ماشىنىسى ئىچىدە ئۆلۈپ قالغان. ۋەقە يۈز بەرگەندە، ماشىنىنىڭ ئىشىك دېرىزىلىرى ھىم ئېتىكلىك بولۇپ، ماشىنا ئىچىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ بىر كېچە ئوچۇق تۇرغان. مۇخبىرنىڭ ساقچىلاردىن ئىگەللىشىچە، بۇ ۋەقەگە دەسلەپكى قەدەمدە باشقىلارنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىك گۇمانى چىقىرىپ تاشلانغان بولۇپ، ماشىنا ئىچىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى بىر كېچە ئېچىپ قويۇش ئەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

شۇ كۈنى ئەتتىگەندە، ئۇ ئەر ئالدىنقى كۈنى كەچتە سىرتقا چىقىپ كېتىپ ئۆيگە قايتىپ كەلمىگەچكە ئۆيىدىكىرى ئەنسىرەپ ئەرنى ھەر تەرەپتىن ئىزدەشكە باشلىغان ھەم ئويلىمىغان يەردىن ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئەرنىڭ ماشىنا ئىچىدە ياتقانلىقىنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇ چاغدا بۇ ئەر ئاللىقاچان جان ئۈزگەن ئىكەن. ئەرنىڭ ئۆيىدىكىلىرى دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان. ساقچىلار بىلەن 120 جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. ماشىنىنىڭ ئىشىك دېرىزىسى ھىم ئېتىكلىك بولغاچقا ساقچىلار ئامالسىز ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ ماشىنىنى ئاچقان.

ئەر ماشىنىدىن ئېلىپ چىقىلغاندا ئەرنىڭ بەدىنى ئېغىرلاپ كەتكەن بولۇپ، دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئەرنىڭ ئۆلگىنىگە نەچچە سائەت بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئىگىلىنىشىچە، ئۆلگۈچى بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن بولۇپ، مۇشۇ ئولتۇراق رايوندا ئولتۇرىدىكەن. 16-چېسلا كەچتە، بۇ ئەر بىر قانچە ئاغىنىلىرى بىلەن ھاراق ئىچكەن بولۇپ، ئولتۇراق رايوندىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ دېيىشىچە، ئەرنى بىرەيلەن ماشىنا ھەيدەپ ئولتۇراق رايون ئىچىگە ئەكىرىپ قويۇپ كەتكەن. شۇ يەردىكى قوشنىلار بۇ ئەرنىڭ ئادەتتە تولىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىرنىڭ ساقچىلاردىن ئىگەللىشىچە، ئەر قەستكە ئۇچراپ ئەمەس بەلكى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇپ ماشىنا دېرىزىسىنى چىڭ تاقاپ ياتقانلىقتىن، كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ قالغان ئىكەن.


بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى: ماشىنىنىڭ ئىشىك دېرىزىسىنى ھىم ئېتىپ ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇپ ماشىنىدا ئۇخلىماڭ

 

ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ دېيىشىچە، ھىم ئېتىلگەن ماشىنا ئىچىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىپ قويغاندا كاربون چالا ئوكسىد ھاسىل بولىدىغان بولۇپ، بۇنداق چاغدا ماشىنا ئىچىدە ئۇزاق ئولتۇرغاندا دېمى سىقىلىپ، نەپەس يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا ماشىنا ئىچىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇپ ئۇخلاش ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەن.

ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ يەنە دېيىشىچە، ئەگەر ماشىنا ھەيدەۋاتقان بولسا، ماشىنا سىرتىدىكى شامال ماشىنىدىكى كاربون چالا ئوكسىدنى ئېلىپ كېتىدىكەن. بىراق ماشىنا توختىغان چاغدا ھاۋا ئۆتۈشۈش ياخشى بولمىغاچقا، ھاۋا تەڭشىگۈچتىن ھاسىل بولغان كاربون چالا ئوكسىد ماشىنا ئىچىگە يىغىلىپ قېلىپ بىر خىل كاربون چالا ئوكسىد زەھىرىنى ھاسىل قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ماشىنا ئىچىدىكى ئادەمنىڭ نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ، ئېغىر بولغاندا مۇشۇنداق نەپەس ئالالماي ئۆلۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • قەشقەرلىك6 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ ئىلگىرى بىر نەچچە قىتىم تازا ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىچىپ قويۇپ مۈگدەپ قىلىپ نەپەسلىنىش قىيىنلىشىپ ئويغىنىپ كەتكەن ئەھۋالغا ئۇچرىغان ، ئىشقىپ دىققەت قىلغۇلۇق.

  • كۆڭۈلچەك6 ئاي ئىلگىرى

    مانا بۇ نۇر تورغا چىقمىغاننىڭ كاساپىتى.مەن بۇلتۇر مۇشۇنداق بىرسىنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ماشىنىنىڭ ئىچىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇپ ئۇخلىمايدىغان بولدۇم.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号