باش بەت

ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

346يوللانما
4مەستانە

ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە خەتىرى نېمە ئۈچۈن چوڭ بولىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-20 22:11 0 ئىنكاس چۈشتى

ھاراقنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ئېتىل ئىسپىرىتتىن ئىبارەت. ئېتىل ئىسپىرت بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر قىلىپ، ناركوز قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئادەتتە ھاراق ئىچكەن شوپۇرلارنىڭ روھىي كەيپىياتىدا ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ئىلگىرى كۆپىنچە ھاللاردا بىر خىل روھلىنىش، ھاياجانلىنىش تۇيغۇسى بولىدۇ، بىراق تەپەككۇر پائالىيىتىدە كۆرىنەرلىك نورمالسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەيدۇ، ئادەتتىكى ھەرىكەت پائالىيىتىنىمۇ كونترول قىلىپ تۇرالايدۇ. ئەمما مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، شوپۇرلارنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، ھەتتا يولنى ۋە يول بەلگىلىرىنى ئېنىق كۆرەلمەيدىغان، رولنى مۇقىم كونترول قىلالمايدىغان، تورمۇز دەستىسىنى مۇقىم دەسسىيەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، ئاسانلا قاتناش ھادىسىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شوپۇرلار ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ خەتىرىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشى، ھەرگىزمۇ تەلىيىنى سىناپ كۆرۈش پىسخىكىسىدا بولماسلىقى، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ھاراق ئىچكەندە قەتئىي ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىكى كېرەك.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号