باش بەت

نۇسرەتگۈل

8952يوللانما
149مەستانە

تۆت خىل تور پۇل-مۇئامىلە ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-21 14:00 1 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ مەبلەغ سالىدىغان، مەبلەغ باشقۇرىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيدى. بىراق، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارمۇ نەزىرىنى بۇ يېڭى ساھەگە تىكىىپ، ئىنتېرنېت پۇل-مۇئامىلە ئالدامچىلىقىدىن پايدىلىنىپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالداشقا باشلىدى. دۆلەت ئىچىدىكى تور ئالدامچىلىقىنى پاش قىلىش سۇپىسى «ئوۋچى» تور سۇپىسى يېقىندىن بۇيان كۆپ يۈز بېرىۋاتقان 4 تۈرلۈك تور پۇل-مۇئامىلە ئالدامچىلىقىنى ئاشكارىلاپ، ئالدامچىلىق ۋاستىسىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئالدامچىلىق ۋاستىلىرىنى چۈشۈنىۋېلىشىغا ياردەم قىلماقچى بولدى.

بىرىنچى، ساھىبجامال ھىيلىسى. نۇرغۇن ئالدامچىلار ساھىبجامال قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالىدا ئەرلەرنى پايچېكى، فوند، قەرەللىك مال، قىممەت مېتاللارغا مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن نىشانلىغان مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ياغلىما سۆزلەر بىلەن ئالدايدۇ. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالغانلارنىڭ ئەجرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. 

ئىككىنچى، يېقىن كىشىلىرىنى تونۇشتۇرۇش. ئىنتېرنېت پۇل-مۇئامىلە ئالدامچىلىقى شاخلىتىپ سېتىشقا ئوخشاش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بىر ئادەم «قىلتاققا» چۈشسىلا ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمۇ ئالدىنىپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى بۇنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكتىن يېقىنلىرىنىڭ ئاسانلا ئالدىنىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. 

ئۈچىنچى، پايدىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشى. «بانكا مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش» پايدا نىسبىتىنىڭ %15-%13 بولۇشىغا ئىشىنەمسىز؟ توردا مالىيە باشقۇرۇش سۇپىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تەسىر دائىرىسى چوڭ بولغان تور بېكەتلەردە قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرى كۈچلۈك ئېلان-تەشۋىقاتلارنى يوللاش ئارقىلىق ئۆسۈمىنىڭ بانكىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى، مەبلەغ سېلىش مۇددىتىنىڭ قىسقا ۋە جانلىقلىقى، ھەتتا مەبلەغ سالماي تۇرۇپلا پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا جار سالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ پايدا ئېلىش پىسخكىسىدىن پايدىلىنىپ قىلىنغان ئالدامچىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تۆتىنچى، كەڭ قوللۇق قىلىش. چەتئەللەردىكى چوڭ تىپلىق خەلقئارالىق گوروھلارغا مەبلەغ سېلىش، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا، خەلقئارالىق داڭلىق شىركەتلەرنى قۇرۇش بەكلا قالتىس ئىشتەك بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە قانۇنسىز ئۇنسۇرلار مۇشۇ داڭلىق شىركەتلەرنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ تورداشلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالغاندىن كېيىن چەتئەل فوندى ۋە دەسلەپكى پايلىرىنى سېتىپ بېرىدۇ. ناۋادا تورداشلارنىڭ سالغان مەبلىغى كۆپ بولسا پۇل ئەۋەتىلىپ بولۇش بىلەنلا تور بېكەت ئېچىلمايدىغان، ھېسابات نومۇرىنى ئاچالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ سالغان مەبلىغىدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۇچقۇن09086 ئاي ئىلگىرى

    ماڭا يېقىندىن بېرى 2 قېتىم ئىچكىرى ئۆلكىدىن تېلىفۇن كەلدى ۋە ئىسمىمنى تولۇق ئاتاپ تۇرۇپ: ئىشخانامغا كەل جىددى ئىش بار، دىدى، بىرىنچىسى مەن ناھىيىلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دىگەچكە ھەم ئورنىمىز يېقىن بولغاچقا يۈگۈرۈپ كىرىپ مىنى سەن چاقىرغانما دىسەم ياق دىدى، نومۇرنى كۆرسەتسەممۇ ئەمەسكەن.
    ئىككىنچى قېتىم مەن مالىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بەك جىددى ئىش، ھازىرلا ئىشخانامغا كەل دەپ تۇرىشىغا، مەن ئالدامچىلار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تېلىفۇننى دەرھال قويىۋەتتىم ۋە قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويدۇم.

    بۇلار بۇنداق دىيىش ئارقىلىق نىمىگە ئېرىشمەكچىدۇ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号