باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

9468يوللانما
645مەستانە

قوش قاپاق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان مۈشۈك بىردىنلا گۈزەللىشىپ كەتتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-07-22 18:45 13 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مېنىڭ ئىسمىم مۈشۈكچاق. چىرايىمغا قاراپ مېنى بىرەر نەرسىدىن خاپا بولۇپ قالدىمۇ-نېمە دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن. نېمە دېسەم بولار، ئەمەلىيەتتە مەن ھېچقانداق ئىشتىن خاپا بولمۇدۇم، شۇ بىر كۈنى ئۇخلاپ قوپساملا كۆزۈم مۇشۇنداق ئېچىلمايلا قالدى. گۈزەللىكىنى قىزغىن سۆيىدىغان مەن ئۈچۈن، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەكلا بىر ئىش ئىدى.

بەلكىم سىلەر، ۋاي بىچارە، دېيىشڭلار مۇمكىن. راست شۇ مەن بەك بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالدىم، سەتلىشىپ كەتكەننى ئاز دەپ ھازىر كۆزۈمنى يوغان ئاچساممۇ بىر نەرسىلەرنى كۆرەلمەيمەن، بەكلا قىينالدىم. ئاخىرىدا دوستلىرىمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن مال دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرماقچى بولدۇم. چۈنكى بۇنداق قىلمىسام، كېيىنكى ئۆمۈرلۈك ئىشىمغا بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتەتتى.

ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشتىن بۇرۇن، دوختۇرلار مېنى ناركوز قىلدى، مەن خۇدۇمنى بىلمەي ياتقىنىمدا، يەنە بىر دوستۇم مېنىڭ بۇ ھالىتىمنى سۈرەتكە تارتىۋاپتۇ، ھەيييي... نېمىدىگەن سەتچىلىك !

ئەممازە... دېمىگەن بىلەن، ئېسىمگە كەلگەندىن كېيىن، كۆز ئالدىمدىكى نەرسىلەرنى كۆرۈپ ئۆزۈمگە ئىشنەلمەيلا قالدىم، تەلىيىمگە يارىشا، داۋالاش تېخنىكىلىرى بەكلا تەرەققىي قىلىپ كەتكەچكە، مەن يەنە قايتىدىن ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى تاپالىدىم.

بىر قانچە كۈندىن كېيىن، مەن تولۇق ئەسلىمگە كەلدىم. مانا قاراڭلار، ھازىر باشقىلار تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ مېنى سۈرەتكە تارتىدۇ. ھە، راست، ئەمدى مەنمۇ كېيىنكى ئىشلىرىمدىنمۇ ئەنسرمەيدىغان بولدۇم. ئامال قانچە دەيسىز، ھازىر شۇنداق زامان بوكېتىپتۇ... گۈزەللىك ۋە ساغلاملىق ئۈچۈن بەدەل تۆلىمىسەك بولمايدۇ!


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئالەم كوماندىسى بارسىلونا2 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى قىپتۇ دۇنيا مىھرى مۇھەببەت بىلەن گۈزەل

  • ئىمكان2 ئاي ئىلگىرى

    كىرپىك تىكىپ ،قاش سىزىپ قويسا ،تېخىمۇ بەك گزەللىشىپ كېتەتتى

  • گۈل2 ئاي ئىلگىرى

    قوش قاپاق ئوپىراتسىيەسى ئادەملەر دۇنياسىدىمۇ گۈزەللىك ئۈچۈنلا قىلىنمايدۇ ،眼内翻,上睑下垂كېسىلىكىمۇ قىلىنىدۇ ،مۈشۈكمۇ شۇنداق كېسەل بوپتكەن

  • گۈل2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ مۈشۈكنى قىينىغانلىق بولمايدۇ ،ئوماق نۇربىيە خەۋەرنىمۇ ئوماق ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىپتۇ ، ئەسلى خەۋەردە بۇ مۈشۈك ئىگە چاقىسز ،لالما مۈشۈك بولۇپ كۆز قاپىقى ئىچىگە قايرىلىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانكەن ،بۇنداق كېسەل ئادەملەردىمۇ بار ،كىرپىك قارىچۇق پەردىسىگە سانجىلىپ ياللۇغ ھەتتا كۆرمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،مۈشۈكنى ھايۋانات قوغدىغۇچىلار قۇتقۇزۇپ قاپتۇ ،ياخشى ئىش قىپتۇ

  • س گ2 ئاي ئىلگىرى

    قوش قاپاق چىقرىپ مۈشۈك يىگىتلەرنى ئازدۇردىغان چىغۋا

  • ئابدۇلباقى2 ئاي ئىلگىرى

    مۈشۈككە گۈزەللىكنىڭ نېمە كېرىكى، ئۇنىڭ راھىتى كۆيىنىش ،چاشقان ،بەز خالاس.
    بىكادىن مۈشۈكنى قىيناپ ،ھەي باغرى تاش ئادەملەر

  • ۋەلى2 ئاي ئىلگىرى

    مەن بەك قارشى ،بۇنداق ئىشقا ،مۈشۈككنى ئۇنداق قىينماسلىق كىرەك ،

  • ئەپ2 ئاي ئىلگىرى

    ئەمدى مانىڭغا نىمە دىگۇلۇك كۇلەي دىسەم كۇلگۇم كەلمىدى بىر ئەپسۇسلىنىش تۇيغىسىدا بولدۇم

  • شەبنەم2 ئاي ئىلگىرى

    سىزنىڭ شۇنىڭغا يۆتكىلىپ قاپتۇ،،.،،،،

  • قوزىچاق2 ئاي ئىلگىرى

    نۇرداش بۇغىرا بىزنىڭ نورمالغۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号