باش بەت

خەندان

391يوللانما
51مەستانە

ئېرىڭىز تالاغا قارىسا قانداق قىلىسىز؟

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-22 23:16 35 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى تاماشا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، «كورېيەدىكى بىرىنچى ساھىبجامال» دەپ نامى بار چولپان كىم خېسون(金喜善) بىلەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى كىم سامسۇن(金三顺) دىكى باش رولچى كىم سۇنئا(金宣儿) بىرلىكتە رول ئالغان  JTBC سىملىق تېلېۋىزىيەسىنىڭ كۆپ قىسىملىق يېڭى تىياتىرى «ئېسىلزادە ئايال»(有品位的她) فىلىمىدا كىم خېسون ئېسىلزادە ئايال بولۇپ، ئېرى تالاغا قاراپ بۇزۇلۇپ ئۇنىڭغا يۈزسىزلىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ. رېئال تۇرمۇشتا كىم خېسون ئون يىل ئىلگىرى پاك جۇيۇڭ بىلەن توي قىلغاندا ئۇنىڭدىن «ئېرىڭىز تالاغا قاراپ قالسا قانداق قىلىسىز؟» دېگەن سوئال سورالغان.

ئۇ ئاچچىق كۈلۈپ تۇرۇپ: تالاغا قارىغان ئېرىم بىلەن ئۈچىنچى شەخس قوشۇلۇپ قولۇمدا تۈگىشىدۇ، مەن بۇتساتۋا ياكى ئەيسا ئەمەس دەپ جاۋاب بەرگەن.

كىم خېسون يېقىندا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

تىياتىردىكى گاڭناملىق ئايالنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىش، پەقەت گاڭنامدىلا يۈز بەرمەيدۇ، ئەتراپىمىزدىكىلەردە، ئۆيىمىزنىڭ يېنىدا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزدا، بىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ بېشىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ فىلىم غۇلغۇلا قوزغىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • يۇلتۇزلۇق ئاسمان3 ئاي ئىلگىرى

    مەندىن ۋاز كەچكەن ئادەمدىن مەنمۇ ۋاز كىچىمەن،ھەرگىز كەچۈرمەيمەن

  • بوپتۇلا،3 ئاي ئىلگىرى

    گۇلجەننەتكە،بىر،بىلەت، ۋاي،چىمەن نۇرداش،يۇمغاق سۇت،قىتىق،بىلەن،خۇشىي،يۇقلارنىي،چۇ،

  • ناجىيە4 ئاي ئىلگىرى

    بۇ سەھپە قىزىپ كېتىپتىغۇبۇنداق ئۈچىيىم ئۈزۈلۈپ كېتەيدېدى دوستلار.

  • نىلۇپەر4 ئاي ئىلگىرى

    ئەپ ئىسىملىك نۇرداش، بىز پىكىرلىشىپ باقساق بوپتىكەن

  • گۈلجەتىن4 ئاي ئىلگىرى

    قانداق بولسا بولمامدۇ ماڭا سۆيگۈسى قالمىغان كىشىنى قۇيۇپ بېرىمەن ، بەختىنى تاپسۇن

  • شەھلا5154 ئاي ئىلگىرى

    ئىنكاسلا بوپ قويدىكەنغۇ،،مەن كەچۈرەلمەيمەن،،،تالاغا قاراپ قالغان ئەر بىلەن ھەرگىز ئۆي تۇتمايمەن

  • نەفىس4 ئاي ئىلگىرى

    ئۈچىنچى شەخىسنىڭ چېچىنى يۇلسىڭىز ،يەنە چېچى بار بىرسىنى تېپىۋىرىدۇ ،ئۇنىڭدىن ئىرىڭىزنىڭ چىچىنى يۇلۇپلاۋەتسىڭىز ،تازكەن دەپ باشقىلارمۇ قارىماسمىكىن

  • ئۈمۈتۋار4 ئاي ئىلگىرى

    ئىرىڭىز تالاغا قاراپ قالسا تالاغا قارايدىغان دەرىزىنى قارا قەغەز بىلەن چاپلىۋىتىڭ ھاھاھا

  • قوشماق4 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي چىمەن نۇرداش ،مەن تولا كۈلۈپ ئۈچەيلىرىم ئۈزۈلۈپ كىتەي دىدى جۇمۇ راسلا ،ماڭىمۇ توي قىلغىلى ئون يەتتە يىل بولدى ،بۇ گەپنى پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ،راسلا بولىدغان ئامالكەن ئاپىرىن جۇمۇ سىزگە

  • زىمىستان4 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ قەتتى كەچۈرمەيمەن ،ئۈچىنچى شەخىسنىڭ چاچلىرىنى بىرمۇ بىر يۇلۇپ يولدىشىمنىڭ كۆز ئالدىدا تازا،ماڭا ئاسىيلىق قىلغانغا تويغۇزۇپ قۇيىمەن ،بۇمۇ ئاز بوپ قالىدۇ تېخى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号