باش بەت

hayrigul

181يوللانما
3مەستانە

قانۇنسىز قىمارخانا ئاچقان ئەر: ئەيدىز كېسىلىمنى داۋالىتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-24 12:54 0 ئىنكاس چۈشتى

«بۇ قىمارخانا خوجايىنىنىڭ ئاچچىقى بەك يامان ئىكەن، ئۆزىدە ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى بىلەن ئەيدىز كېسىلى بار دەيدۇ، ھەتتا ساقچىلارمۇ ئۇنى تۇتۇشقا پېتىنالمايدىكەن.» نەچچە كۈن ئىلگىرى، خاڭجۇ شەھىرى شياۋشەن شېنۋەن ساقچىخانىسىدىكى ساقچى ما چىيەنلى ئاممىنىڭ مۇشۇ توغرۇلۇق پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى. قىمارخانا؟ ئەيدىز كېسىلى؟ شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ، بۇ يەردە چوقۇم بىر گەپ بار دەپ ئويلىدى ئۇ. 

ما چيەنلى بار يىپ ئۇچىغا ئاساسلىنىپ شۇ رايوننى يوشۇرۇن تەكشۈرۈشكە باشلىدى. بىر مەزگىل تەكشۈرۈپ يىپ ئۇچى توپلاش ئارقىلىق ئۇ بۇ رايوندا ھەقىقەتەن بىر قىمار گۇرۇھىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. بىراق ئۇ يەنە بۇ قىمارخانىغا كېلىدىغانلارنى ئاز ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، بۇ قىمار گۇرۇھىنى تەكشۈرۈش ۋە تۇتۇشقا كۆپ كۈچ بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

كۆپ كۈچ توپلاش ئۈچۈن شېنۋەن ساقچىخانىسى دەرھال داجياڭدوڭ ساقچى چوڭ ئەترىتىدىكى باشلىقلارغا بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ ياردەم سورىدى. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ساقچى چوڭ ئەتىرىتى ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ۋە تۇتۇش ھەركىتىگە ياردەم بەردى. ئۇلارنىڭ ياردىمىدە ساقچى ما چيەنلى بۇ قىمار گۇرۇھىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا ئەتراپلىق تەكشۈردى ھەم بۇ قىمار گۇرۇھى ئەزالىرىغا ئالاقىدار كىملىك ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈردى.

پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە يەنى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە، قىمار گۇرۇھىنى تۇتۇش ھەرىكىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ساقچىخانا يەنە بىر قانچە ساقچىلارنى قىمار گۇرۇھنىڭ ئەزالىرى كۆپرەك پەيدا بولىدىغان جايلارنى مەخپىي نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

7-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەردە، قىمار گۇرۇھىنى تۇتۇش ھەرىكىتى رەسمىي باشلاندى. چوڭ ئەترەت ساقچىلىرى ناھايتى تېزلا بۇ گۇرۇھنىڭ بەش نەپەر ئەزاسىنى قولغا چۈشۈردى ھەم بۇ جىنايەت گۇماندارلىرىنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتتى.

قىمارخانىنىڭ خوجايىنى ۋۇ xx ئۆزىنىڭ شېنۋەن يولى، يېفىڭ يولى قاتارلىق جايلاردا قانۇنسىز قىمار سودىسى قىلغانلىق جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى. تۆت جىنايەت گۇماندارلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قىمار ئوينىغانلىق جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى.

بىراق ساقچىلار جىنايەت گۇماندارى خۇ xx دىن نېمىشقا قىمار سودىسى قىلغانلىقىن سورىغاندا ئۇ ساقچىلارنى ھەيران قالدۇرۇپ كېسىلىمنى داۋالىتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان دەپ جاۋاب بەردى.

ئەسلىدە خۇ xx نىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنى راست بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

خۇ xx سىچۈەن ئۆلكىسى لوڭچاڭ ناھىيىسىدىن بولۇپ، 1978-يىلى تۇغۇلغان، 10 يىل بۇرۇن داجىياڭدوڭغا كەلگەن. 3 يىل ئىلگىرى ئۇ زەھەر چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغان بولۇپ، 2014-يىلى زەھەر چېكىپ داجىياڭدوڭ ساقچىلىرىغا تۇتۇلۇپ قالغان. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ زەھەر چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغاندىن كېيىن ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قېلىپلا قالماي يەنە تېخى سالامەتلىكىنىڭمۇ چوڭ خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن.

دەسلەپ ئۇ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزگەندە ئۆزىنى ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىغا گىرىپتار بولغان ئوخشايمەن دەپ يۈرگەن. بىراق دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئۇققان. ئۇ بۇ نىجىس كېسەلنى زەھەر چېكىپ تاپقانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دوختۇرخانىدىن ئالغان دورا پۇلىنى تۆلەش ئۈچۈن ئامالسىز قانۇنسىز قىمار سودىسى گۇرۇھىغا قاتناشقان.

نۆۋەتتە، ۋۇ xx بىلەن قالغان 4 جىنايەت گۇماندارى جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. دېلو يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号