باش بەت

نۇسرەتگۈل

6618يوللانما
60مەستانە

دۇنيا بويىچە ئېگىز بىنالار ئەڭ كۆپ شەھەردىن 5ى جۇڭگودا

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-24 15:39 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 23-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Maps Of World تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېگىزلىكى 100 مېتىردىن يۇقىرى بولغان بىنالارنىڭ «ئېگىز بىنا» دېيىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

نۆۋەتتە دۇبەيگە جايلاشقان خەلىپە مۇنارى (Burj Khalifa) دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز مۇنار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىنانىڭ ئېگىزلىكى 828 مېتىر كېلىدىغانلىقتىن دۇنيا قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى مۆجىزە دەپ ئاتالغان.

بىراق، ئېگىز بىنا دېگەن ئۇقۇم 20-ئەسىردە بارلىققا كەلمىگەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ سۆز 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىلا بار ئىدى.

بىراق، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئېگىز بىنالارنىڭ ھەممىسى 20-10 قەۋەت ئارىلىقىدا بولاتتى. 1885-يىلى چىكاگودا سېلىنغان ئائىلە سۇغۇرتا بىناسى (The Home Insurance Building) بىلەن تۇنجى پولات جازا قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش ئىللىنويز ئەينى ۋاقىتلاردا ئېگىز بىنا دەپ ئاتىلاتتى. شۇ ۋاقىتلاردا بۇ ئىككى قۇرۇلۇش ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، ئېگىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئاران 10 قەۋەتلىك قىلىپ سېلىنغان بۇ ئىككى بىنانىڭ ئېگىزلىكى 42 مېتىر كېلەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىنالارنىڭ ئېگىزلىكى تەدرىجىي ئېشىپ ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان خەلىفە مۇنارىغا ئوخشاش دەرىجىدىن تاشقىرى ئېگىز بىنالار مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا، نيۇيوركقا جايلاشقان دۇنيا سودا مەركىزى ۋە باشقا شەھەرلەردىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئېگىز بىنالارنىڭ ھەممىسىنىڭ 100دىن كۆپ قەۋىتى بار.

ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئېگىز بىنا بار. تۆۋەندە بىز دۇنيا بويىچە ئېگىز بىنالار ئەڭ كۆپ 10 چوڭ شەھەرنى كۆرۈپ باقايلى. بۇ رەت-تەرتىپتە 1-ئورۇنغا تىزىلىدىغىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى. شياڭگاڭدا ئېگىز بىنادىن 453ى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىز بولغىنى خەلقئارالىق سودا مەركىزى (International Commerce Centre) بىناسى. خەلقئارالىق سودا مەركىزى بىناسىنىڭ 108 قەۋىتى بار بولۇپ، ئېگىزلىكى 484 مېتىرغا يېتىدۇ، دۇنيا بويىچە 10-ئورۇنغا تىزىلىدۇ.

دۇبەيدە ئېگىز بىنادىن 283ى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېگىز بولغىنى خەلىفە مۇنارى. ئېگىزلىك جەھەتتە 2-ئورۇنغا تىزىلىدىغان قۇرۇلۇش مارىنا 101. بۇ بىنانىڭ 101 قەۋىتى بار. نيۇيوركتا ئېگىز بىنادىن 262سى بار بولۇپ، بۇ شەھەردىكى دۇنيا سودا مەركىزى بىناسىنىڭ 104 قەۋىتى بار. ئۇ نيۇيورك بويىچە، شۇنداقلا ئامېرىكا بويىچە ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش.

4-ئورۇنغا تىزىلىدىغىنى كورېيە پايتەختى سېئول بولۇپ، بۇ شەھەردە ئېگىز بىنادىن 221ى بار. بۇ شەھەردىكى ئەڭ ئېگىز بىنا Lotte World Towerنىڭ 123 قەۋىتى بار، ئېگىزلىكى 554.5 مېتىر.

جۇڭگونىڭ ۋۇخەن، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5-، 6-، 7-ئورۇنلارغا تىزىلىدىغان بولۇپ، بۇ شەھەرلەردە ئېگىز بىنادىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 208ى. 186سى، 183ى بار.

8-ئورۇنغا تىزىلىدىغىنى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرى بولۇپ، بۇ شەھەردە ئېگىز بىنادىن 179ى بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ گۇاڭجۇ ۋە مالايسىيانىڭ كۇئالالومپور شەھەرلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 9- ۋە 10-ئورۇنلارغا تىزىلىدۇ. بۇ ئىككى شەھەردە ئېگىز بىنادىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 169ى ۋە 167سى بار.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号