باش بەت

نۇسرەتگۈل

11255يوللانما
212مەستانە

يېقىنقى يىللاردىكى دۇنيا بويىچە قىرغىنچىلىق خاراكتېرى ئەڭ كۈچلۈك 10 قېتىملىق يەر تەۋرەش

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-07-24 16:52 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 23-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئاپەتلەر ئىچىدە تەبىئىي ئاپەت ئەڭ قورقۇنچلۇق. بۇ ئاپەتلەرنى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ، خەتىرى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. بۇ مەزمۇندا بىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن دۇنيا بويىچە قىرغىنچىلىق خاراكتېرى ئەڭ كۈچلۈك 10 قېتىملىق يەر تەۋرەش بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. 2011-يىلى ياپونىيەنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدا يۈز بەرگەن چوڭ يەر تەۋرەشنىڭ بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسى چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ سەۋەبتىن يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنى ھەمدە فۇكوشىما ئارىلىدىكى يادرو ئاپىتى ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان.

بۇ سۈرەتتە 1970-يىلى پېرۇدا يۈز بەرگەن 7.6 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى مەنزىرە خاتىرىلەنگەن بولۇپ، شۇ قېتىمقى ئاپەت سەۋەبىدىن 160 مىڭ ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالغان.

1908-يىلى ئىتالىيەنىڭ مېسسىنا شەھىرىدە 7.5 بال يەر تەۋرەپ، 12 مېتىر ئېگىزلىكتە دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلغان. بۇ قېتىمقى ئاپەت ئىتالىيە دېڭىز قىرغاقلىرىنى ئېغىر تەسىرگە ئۇچراتقان، مېسسىنا شەھىرى ئاساسىي جەھەتتىن تۈزلىنىپ كەتكەن.

2005-يىلى پاكىستاننىڭ كەشمىر رايونىدا 7.6 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، بۇ پاكىستاندىكى 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرەش بولۇپ، شۇ قېتىمقى ئاپەت سەۋەبىدىن 200 نەچچە مىڭ ئادەم قازا قىلغان.

1948-يىلىدىكى يەر تەۋرەشتە تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخاباد بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا خارابىلكىككە ئايلىنىپ قالغان.

2008-يىلى جۇڭگو ۋېنچۈەندە 7.9 بال يەر تەۋرەپ، 400 نەچچە مىڭ ئادەم قازا قىلغان ۋە يارىلانغان، نەچچە 10 مىليارد يۈەن ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققان.

1920-يىلى جۇڭگونىڭ خەييۈەندە 7.8 بال يەر تەۋرەپ نۇرغۇن جايلارغا تەسىر قىلغان، بىر نەچچە يىل قالدۇق يەر تەۋرىگەن، قازا قىلغان ئادەم سانى 20-ئەسىردىكى يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.

2004-يىلى ھىندى ئوكياندا 9.2 بال يەر تەۋرەپ 20 مېتىرغا يېقىن دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلغان ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىنى يۇتۇپ كەتكەن.

1923-يىلى ياپونىيەنىڭ كانتو رايونىدا 7.9 بال يەر تەۋرەپ 12 مېتىر ئېگىزلىكتە دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلغان. بۇ سەۋەبتىن ياپونىيەنىڭ بەشتىن ئىككى قىسىم زېمىنى ئاپەتكە ئۇچراپ، نۇرغۇن جايلاردىكى قۇرۇلۇشلار ئۆرۈلۈپ كەتكەن.

1976-يىلى جۇڭگونىڭ تاڭشەن شەھىرىدە 7.8 بال يەر تەۋرەپ نەچچە 100 مىڭ ئادەم قازا قىلغان ۋە يارىلانغان. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلغان، قازا قىلغان ئادەم سانى خەييۈەندىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتىنلا كېيىن تۇرغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号