باش بەت

River Novel

286يوللانما
52مەستانە

ھاۋا تەڭشىگۈچ ئاچقاندا پاشىلىق ئىشلەتكەچكە بىر ئۆيدىكى بەش جان ئادەم زەھەرلەندى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-07-24 19:13 2 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تومۇز ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچنى كېچىچە ئېچىپ قويۇپ، ئىشىك-دېرىزىنى تاقاپ يېتىش كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى. يازدا ھاۋا ئىسسىق بولۇپلا قالماي، پاشىمۇ ئادەمنى ئاۋارە قىلىدىغان بولغاچقا، ھەرخىل پاشا ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرى چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىقى پاشىلىق ئىشلىتىش بولۇپ قالدى.

19-ئىيۇل سائەت 9دا، خاۋجۇ قاتناش ساقچى 1-چوڭ ئەترىتى بىر شوپۇرنىڭ قۇتقۇزۇش تەلىپىنى تاپشۇرىۋالغان. قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكى بەش جان ئادەم پاشىلىقتىن زەھەرلەنگەن بولۇشى گۇمان قىلىنغان. ساقچىلار قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغۇچىنىڭ ماشىنىسىنى تېپىپ، ئۇلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان.

 گاۋ ئەپەندىن بىر كىچىك ئاشخانا ئاچقان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەممىسى ئاشخانىدا تۇرىدىكەن. يازدا پاشا جىق بولغاچقا، 7-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇ ئاشخانىدىكى 20 نەچچە پاشىلىقنىڭ ھەممىنى كۆيدۈرۈپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇپ ئۇخلىغان. ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا،  گاۋ ئەپەندىمنىڭ بېشى قېيىپ، بىئاراملىق ھېس قىلغان، ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئۈچ بالىسىدىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بىئاراملىق كۆرۈلگەن. شۇڭا گاۋ ئەپەندى ھەرقانچە بىئارام بولغان بولسىمۇ چىداپ ماشىنا ھەيدەپ ئۆيىدىكىلەرنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغان. يولدا سالامەتلىك ئەھۋالى ھەقىقەتەن يار بەرمىگەچكە ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان.

پاشىلىق گەرچە پاشىنى قوغلىيالىسىمۇ، ئەمما ئادەم تېنىگە زىيانلىق، شۇڭا پاشىلىق ئىشلەتكەندە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى يېرىم سائەت پاشىلىق ئىشلىتىشنىڭ ياخشى پەيتى بولۇپ، پاشىلىقنى كۆيدۈرگەندە ئىشىك-دېرىزىنى چىڭ تاقاپ، ئادەم ئۆيدىن ئايرىلىپ تۇرۇشى كېرەك. پاشىلىقنى ئامال بار ئوچۇقچىلىقتا، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان جايدا ئىشەتكەن ياخشى. بىخەتەرلىك ئۈچۈن پاشىلىقنى باش تەرەپكە قويۇپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەستانە.8 ئاي ئىلگىرى

    بەك جىق يىقۋىتىپتۇ 2 تال ياقسىمو بولاتتى

  • قۇترىغان ئەجدىھا.8 ئاي ئىلگىرى

    ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئۆلچەملىك ئورناتسا بۇنداق ئىش بەرمەيدۇ.
    ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىدىغان ئۇستاملار ھەقنىڭ ئازلىغىدىن ياكى تەجىربىسنىڭ كەملىگىدىن ياكى ھورۇنلىقىدىن ئۆينىڭ سىرتىدىن ئۆينىڭ ئىچىگە ھاۋا تارتىپ ئەكىردىغان بىرتال شىلەنگە با
    گاز ماڭىدىغان بىر چوڭ بىر كىچىك تۇربىغا قۇراشتۇردىغان چاغدا ئاۋارچىلىق كۆرەپ ئوناتمايدۇ شۇڭا بۇ ئىش يۈز بەرگەن بولۇشى مومكىن
    ناۋادا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئوينىڭ سىرىتىدىكى ھاۋانى ئۆينىڭ ئىچىگە ئىچىرىپ بىردىغان شىلەنكىسنى ئورناتقان بوسا ،ئىشىك دىرىزە يىم يىپىغلىق ھالەتتىمۇ مىنىڭچە بۇنداق خەتەرلىك ئەخۋال يۈز بەمەيدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号