باش بەت

مۇھەررەم

132يوللانما
13مەستانە

توردىشى بىلەن ئۇچرىشىشقا چىققان قىز باسقۇنچىلىققا ئۇچرىدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-24 21:56 8 ئىنكاس چۈشتى

13 ياشلىق قىز كېچىسى توردىشى بىلەن ئۇچرىشىشقا چىققان، ئاقىۋەتتە «ئاشىق-مەشۇقلار» كۆۋرۈكىدە توردىشىنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان.

شەنشى ئۆلكىسى بەيشۈي ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدا بىر كۆۋرۈك بار بولۇپ، ناھىيەگە يېقىن ھەم مەنزىرىسى گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن ياشلارنىڭ مۇھەببەتلىشىدىغان ئارامگاھىغا ئايلانغان ئىدى، لېكىن بىر نەچچە ئاينىڭ بېرى بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ئىشلار يۈز بەردى، بەزى ئاشىق-مەشۇقلار بىر-بىرىنى كۈنلەپ بۇ يەردە ئۇرۇشتى، بەزىلىرى مۇھەببەت ئازابىغا چىدىماي بۇ يەردە ئۆلىۋالدى، ھەتتا بەزى ئادەم قېلىپىدىن چىققان ھايۋانلار بۇ يەردە كىچىك قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلدى، بۈگۈن دېمەكچى بولغىنىمىز بىر دېلو مىسالى.

13 ياشلىق قىز يېرىم كېچىدە باسقۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال 13 ياشلىق قىزىنى ئېلىپ بەيشۈي ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئەترىتىگە كېلىپ، قىزىنىڭ ئالدىنقى كۈنى كېچىدە باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا دېلو مەلۇم قىلغان.

دېلو مەلۇم قىلغۇچى ۋاڭ خانىم ئىنتايىن غەزەپلەنگەن، كىچىك قىزچاق بولسا قورقۇپ كەتكىنىدىن غال-غال تىترەپ كەتكەن، بىر ئېغىز گەپمۇ قىلالمىغان. ئىشنىڭ جەريانى راستىنلا ۋاڭ خانىم ئېيتقاندەكمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن قىزى راستىنلا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانمىدۇ؟ بەيشۈي ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئەترىتى قىزنى ئاياللار بۆلۈمىگە ئاپىرىپ تەكشۈرتكەن، نەتىجىدە قىزچاقنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى دەلىللەنگەن. ساقچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ Xنى ئېلىپ، ئالدىنقى كۈنى ۋاڭ X ماڭغان يوللارنى بويلاپ مېڭىپ دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بارغان.

ئۇ يەر ئىلگىرى كۆمۈر توشۇيدىغان تۆمۈر يول بولۇپ، ھازىر پويىز ناھايىتى ئاز ماڭىدىكەن. ئۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل ھەم تىنچ بولغانلىقى ئۈچۈن ياشلارنىڭ مۇھەببەتلىشىدىغان ئارامگاھىغا ئايلانغان، شۇ يەرلىك كىشىلەر بۇ كۆۋرۈكنى «ئاشىق-مەشۇقلار» كۆۋرۈكى دەپ ئاتىغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ Xنىڭ يول باشلىشى ئاستىدا، ساقچىلار «ئاشىق-مەشۇقلار» كۆۋرۈكىگە يېقىنلا جايدىكى ئورمانلىقتىن بىرىنچى قېتىم دېلو يۈز بەرگەن ئورۇننى تاپقان، ساقچىلار نەق مەيداندىن بىر نەچچە پارچە قان تازىلىق قەغىزىنى بايقىغان.

ئارقىدىنلا ساقچىلار نەق مەيداندىكى قان قەغەزنى ۋېينەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەن، نەتىجىدە قەغەزدىكى قان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ Xنىڭ قېنى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ساقچىلار تازىلىق قەغىزىنىڭ ئۈستىدىكى ئەرلىك سۇيۇقلۇقنى بايقىغان، بۇ سۇيۇقلۇقنى چوقۇم ۋاڭ Xكە باسقۇنچىلىق قىلغان ئەرنىڭ دەپ پەرەز قىلغان.

ساقچىلارنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن تەربىيە قىلىشى ئاستىدا، ۋاڭ X دېلو يۈز بەرگەن بارلىق جەرياننى ساقچىلارغا ئېيتىپ بەرگەن.

قىزچاقنىڭ دېيىشىچە، قىزچاق QQدا ئۆزىنى سۈنبو دەپ ئاتىۋالغان ئەر بىلەن ئىككى كۈندەك پاراڭلاشقان، قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ بۇ يىل 16 ياشقا كىرگەنلىكىنى، پۇچېڭ ناھىيىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، گەپ قىلىش تەلەپپۇزىمۇ پۇنەن ناھىيىسىنىڭ تەلەپپۇزىدا ئىكەن. ساقچىلار دەرھال پۇنەن ناھىيىسىدىكى سۈنبو ئىسىملىك ئەركىشىنىڭ رەسىمىنى يىغىپ قىزچاققا كۆرسەتكەن، لېكىن قىزچاق رەسىملەرنى تونۇيالمىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەيشۈي ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئەترىتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ X تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۆزىنى سۈنبو دەپ ئاتىۋالغان بۇ ئەرنىڭ QQ نومۇرىنى تاپقان.

QQدىكى شەخسىي ئۇچۇرىغا قارىغاندا،  ئۆزىنى سۈنبو دەپ ئاتىۋالغان بۇ ئەرنىڭ توردىكى ئىسمى ئەنرەن (安然) بولۇپ، بۇ يىل 16 ياش، ۋېينەن ناھىيىسىدىن ئىكەن، ئۇنداقتا ساقچىلار ئىزدەۋاتقان جىنايەت گۇماندارى دەل مۇشۇ ئەر كىشىمىدۇ؟

پاكىتلارنى دەلىللەشتۈرۈش ئۈچۈن ساقچىلار ۋاڭ خانىم بىلەن ئۇنىڭ قىزىنى ئىزدەپ بارغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ X ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى بىلەن پاراڭلاشقان ئوغۇل بالىنىڭ QQ ئىسمىنىڭ ئەنرەن ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىگە باسقۇنچىلىق قىلغان ئەرنىڭ ئۇ ئەمەسلىكىنى ئېيتقان، بۇ نۇقتىنى ۋاڭ Xنىڭ ئانىسى ۋاڭ خانىم ئېنىق بىلىدىغاندەك قىلاتتى.

سوراق قىلىش جەريانىدا ساقچىلار ۋاڭ خانىمنىڭ بىلىدىغانلىرىنىڭ قىزىنىڭ بىلىدىغانلىرىدىنمۇ جىق ئىكەنلىكىدىن بەكلا ھەيران قالغان، بۇ زادى قانداق ئىش؟ دېلو يۈز بەرگەن ۋاقىت 10-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچ 9لار ئەتراپىدا تۇرسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلىدىكىلىرى نېمىشقا ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن بولغاندا ئاندىن دېلو مەلۇم قىلىدۇ؟ ساقچىلارنىڭ قايتا-قايتا سوراق قىلىشى بىلەن ۋاڭ خانىم ئۆزىنىڭ تىل قىسىنچىلىقىنى ئېيتقان.

13 ياشلىق قىزىنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىنتايىن ئازاپلانغان، بىر كېچە ئازاپ چېكىپ كىرپىك قاقمىغان، ئاخىرى يىلاننى ئۇۋىسىدىن چىقىرىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ ئۆچ ئېلىشنى پىلانلىغان. قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان نائەھلىنى تېپىش ئۈچۈن ۋاڭ خانىم قىزىنىڭ نامىدا ئەنرەن ئىسىملىك تورداش بىلەن پاراڭلاشقان، ئەنرەن ئىسىملىك تورداش ۋاڭ خانىمغا باشقا بىر QQ نومۇرىنى دەپ بەرگەن. يېڭى QQ نومۇرنىڭ ئاكىسىنىڭ ئىكەنلىكىنى، ۋاڭ خانىمنىڭ قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى ئەمەس ئاكىسى ئىكەنلىكىنى، ۋاڭ خانىمنىڭ ھەر قانداق تەلىپى بولسا ئاكىسىنى ئىزدىسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ۋاڭ خانىم يېڭى QQ نومۇرىنى قوشۇپ قارشى تەرەپكە تۆلەم بېرىش توغرىسىدا سۆز قىلغان، لېكىن قارشى تەرەپنىڭ كارى بولمىغان. ئىككىنچى كۈنى ۋاڭ خانىم قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان ئادەمنى تېپىش ئۈچۈن مەكتەپ ئالدىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان.

قىزىنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگىچە بولغان ئارىلىقتا ۋاڭ خانىم ئۇ نائەھلىنى تاپالمىغان، قەلبى چەكسىز ئازاپقا تولغان بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاخىرى بۇ ئىشنى قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولغان.

دېلو يۈز بەرگەن ۋاقىت دەل ھەپتە ئاخىرى بولۇپ، قىزچاق دادىسىنىڭ تېلېفونىدا QQ  ئويناۋاتقان ۋاقىتتا، ئەنرەن ئىسىملىك تورداش قىزنى قاچىلىغان، قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىنتايىن بايلىقىنى، ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭمۇ ئىنتايىن ياخشىلىقىنى، ئۆزىنىڭ ماشىنا ھەيدىيەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇلارنىڭ ھەممىسى 13 ياشلىق ۋاڭ X نىڭ قىززىقىشىنى قوزغىغان، ئارقىدىنلا قارشى تەرەپ ۋاڭ X نى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ تاماق يەپ كىلىشكە تەكلىپ قىلغان، ۋاڭ X ئارتۇق ئويلىمايلا ئۇنىڭغا ماقۇل بولغان، يېرىم سائەتتىن كېيىن قارشى تەرەپ ۋاڭ X نى ئالغىلى ئۇنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەن، ۋاڭ X ئۆزىمۇ بىلمەيلا ئۆزىنى يولۋاس ئۇۋىسىغا ئاتقان.

بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جىنايەت گۇماندارىنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشى بولغانلىقتىن، ۋاڭ X ئىزا تارتىپ ئۇنىڭ چىرايىغا ئۇدۇل قارىيالمىغان، ماشىنا بىر ئاز ۋاقىت ماڭغاندىن كېيىن، ماشىنا ھەيدەۋاتقان بالىنىڭ ئۆزى بىلەن QQدا پاراڭلاشقان بالا ئەمەسلىكىنى بايقىغان.

جىنايەت گۇماندارى ماشىنىنى ناھايىتى ئىتتىك ھەيدەپ تاغلىق يولغا كىرگەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ X قورققىنىدىن تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان، يېرىم سائەتتىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارى ماشىنىنى ئورمانلىق ئارىسىغا ھەيدەپ كىرگەن، شۇ يەردە 13 ياشلىق قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان. ئىشتىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارى ۋاڭ Xكە بولغان ئىشلارنى باشقىلارغا دېمەسلىك توغرىسىدا تەھدىت سالغان ھەمدە ۋاڭ Xنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان.

ئارقىدىنلا ساقچىلار قىز بالا سىياقىدا ئەنرەن ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى بىلەن QQدا پاراڭلاشقان، نەتىجىدە ئىككەيلەن بىلەن تەڭلا ۋاقىتتا پاراڭلاشقىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ساقچى ئەترىتىدىكىلەر ئەنرەن ئىسىملىك QQ بىلەن ئەنرەننىڭ ئاكىسىنىڭ QQ سىنىڭ بىر تېلېفوندا ئالماشتۇرۇپ ئېچىلغانلىقىنى بايقىغان. ئەنرەن ئاكامنىڭ QQسى دېگەن QQ نەتىجىدە ئۆزىنىڭ بولۇپ چىققان، ئۇنىڭ تېلېفونىنىڭ ئۇچۇرلىرىمۇ ھەممىسى يالغان چىققان، دېمەك جىنايەت گۇماندارى ياش قىزلارنى ئالداپ باسقۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلغان، جىنايەت گۇماندارىنىڭ QQ سىدا نۇرغۇنلىغان 13،14 ياشلىق قىزلارنىڭ بارلىقى بايقالغان، ئۇنداقتا بۇ ئىپلاسنىڭ كېينكى نىشانى كىمدۇ؟ قانداق قىلغاندا بۇ ئىپلاسنى تېز قولغا چۈشۈرگىلى بولىدۇ؟

دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن بەيشۈي ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى قولغا چۈشۈرگەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى رەتلەش ئارقىلىق، ھەر تەرەپتىن جىنايەت گۇماندارىنى تەسۋىرلەپ چىققان: جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنى سۈنبو دەۋالغان، توردىكى ئىسمى ئەنرەن، 25 ياشلار ئەتراپىدا، بوي ئېگىزلىكى 1 مېتىر 80 سانتىمىتېر ئەتراپىدا، ۋېينەننىڭ يەرلىك تەلەپپۇزىدا گەپ قىلىدۇ، چىرايى ئادەتتىكىچە، QQدا پاراڭلاشقان ۋاقتىدا خاتا سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ، دېمەك مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن، ھەيدىۋالغان ماشىنىسى كونا، يولدا نەچچە قېتىم ئوتى ئۆچۈپ قالغان، دېمەك ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار، بەلكىم  ۋېينەنلىك دېھقان بولۇشى مۇمكىن. ساقچىلار يېرىم يىل ئىچىدىكى ۋېينەن ناھىيىسى ۋە بەيشۈي ناھىيىسىدىكى بارلىق تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىكى كامېرا سۈرەتلىرىنى كۆزەتكەن. گۇمانلىق 10 ماشىنا ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ھەر قايسى تەرەپلەر ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاخىرى جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن.


باش سۈرەت تاللاش x
  • دەقېيانۇس7 ئاي ئىلگىرى

    ساقچىلار لاغا ئاپىرىپ

  • تەنھا ♡8 ئاي ئىلگىرى

    كاللا ئىشلىمىسە ،پۇت -قولغا ئارام يوق
    دىگەن شۇ ،نىم قىلىدۇ كىچىدە سىرىتقا چىقىپ
    ئۆزىگە ئاز 。

  • ئەمچى بەگ9 ئاي ئىلگىرى

    يېرىم كىچىدە نەگە بارىسەن قىزىم دىمىگەن ئاتا ئانىسىدا گۇناھ

  • ئوغلان؟9 ئاي ئىلگىرى

    كىچىك تۇرۇپ مۇھەببەتلىشىپىپ خۇددى ئەر چىقمايدىغاندەك.ساراڭ قىز.

  • ئالاۋىدىن ۋە سېھىرلىك چىراق9 ئاي ئىلگىرى

    باسقۇنچىلىق جىنايىتى قىلغانلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن …

  • قىساسكار-ئەرۋاھ9 ئاي ئىلگىرى

    ئەرلەر نىڭ شۇنچىلىك ئىپلاسلىقنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئىشنىپ چىققان ئۇ قىز مۇ بىر كالۋا

  • ھاياجان مەستانە9 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇنداق ئۇششاق تۇرۇپ مابەتلىشىدىغان بالىلارغىمۇ «يۇمشاق زەربە» بىرىش كىرەك ...

  • يامغۇر9 ئاي ئىلگىرى

    ئەسلى بىر كويلۇق لەڭپۇڭ يېگلى چققان ،ما گۇينىڭ ئەسكلگنى نەدىن بىلەي

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号