باش بەت

Kelly

1665يوللانما
129مەستانە

يۇقىرى سوممىلىق ئېلان ئىشلەشنى رەت قىلغان بوللىۋود چولپانلىرى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-25 08:00 0 ئىنكاس چۈشتى

كانگانا رانۇت

كانگانا رانۇت زېھنىنى كىنو ئىشلەشكە سەرپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېلانغا ناھايىتى ئاز چىقىدۇ. بىز بىلىمىز بۇ ئۇنىڭ تاللىشى ھەرگىز ئۇنىڭغا ئېلاننىڭ كەم بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس. ئىلگىرى بىر گىرىم بۇيۇم ماركىسى ئاقارتىش مېينىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇش ئۈچۈن كانگانانى ئىزدىگەن لېكىن كانگانا ئۇلارنى رەت قىلىۋەتكەن. كانگانانىڭ سەۋەبى بولسا، ئۇنىڭ ھەدىسى رانگولىنىڭ تېرسىى قارا لېكىن ناھايىتى چىرايلىق، ئەگەر ئۇ ئاقارتىش مېيىنىڭ ئېلانىغا چىقسا ھەدىسىگە ھاقارەت قىلغان بولىدۇ، ئۇ ھەدىسىگە بۇنداق قىلالمىغاندىن كېيىن پۈتۈن دۆلەتكە بۇنداق قىلىشنى خالىمايدۇ.

ئامىر خان

ئامىر خان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تاللاش ۋە ئۇنى ئېكرانغا ئېلىپ چىقىش بىلەن داڭلىق. ئۇ جەمئىيەتكە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىغان نەرسىلەرنىڭلا ئېلانىغا چىقىدۇ. ئۇ بۇ سەۋەبتىن ئىلگىرى بىر ھەشەمەتلىك ماشىنىنىڭ ئېلانىنى ئىشلەشنى رەت قىلغان.

راندېپ خودا

راندېپ خودا ئىلگىرى بىر ئاقارتىش مېيىنى ئېلانىنى رەت قىلغان. ئۇ:«تېرىسى ئاق بولۇش مۇستەملىكچى دۆلەتلەرنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن گۈزەللىك قارىشى، پۈتۈن دۇنيا قۇياش نۇرىغا قاقلىنىپ بۇغداي ئۆڭ بولۇشقا ئىنتىلىۋاتقاندا ھىندىستاندا ئاق بولۇش ئەۋج ئالغان» دېگەن ئۇ يەنە «ئەرلەر ئېگىز، قارا، كېلىشكەن بولۇشى كېرەك» دېگەن.

جون ئابراھام

جون ئابراھام ئارتىس بولۇشتىن بۇرۇن مودېل بولغان. بىر موتو ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتى بىلەن موتو ئېلانلىرىنى كۆپ ئىشلەيدۇ. لېكىن جون ئابراھام ئۆزىنىڭ ھاراق ياكى تاماكىنىڭ ئېلانىغا چىقمايدىغانلىقىنى ئېنىق قىلىپ ئېيتقان.

ئامىتاب باچچان

ئامىتاب باچچاننىڭ كەسپى تۆۋەن باسقۇچقا چۈشۈپ قالغاندا ئۇنى تېلېۋىزىيە ئېلانى قۇتقۇزۇپ قالغان. ئۇ ۋاقىتتا ئۇ تام قەغەز ئېلانىدىن تارتىپ بالىلار كىيىملىرىگە ھەر تۈرلۈك ئېلانلارنى ئىشلىگەن. لېكىن ئۇ ھەممە نەرسىگە «ھە» دەۋەرمەيدۇ. ئۇ بىر كولانىڭ ئېلانىنى ئىشلىگەندىن كېيىن بىر كىچىك قىز ئۇنىڭدىن نېمىشقا «زەھەر»نىڭ ئېلانىنىڭ ئىشلىگەنلىكىنى سورىغان، چۈنكى بۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا كولانى «زەھەر» دەپ چۈشەندۈرگەن. بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئامىتاب باچچان كولانىڭ ئېلانىنى ئىشلەشنى رەت قىلغان. 

ئامىتاب باچچان يەنە سىنارىيىسى قىز مېلىغا ئاساسەن يېزىلغان بىر ئېلاننى ئىشلەشنى رەت قىلغان.

رانبىر كاپور

رانبىر كاپور كىنو تاللاشقا كەلگەندە ناھايىتى تاللىمىچى، ئېلانغىمۇ ھەم شۇنداق. ئۇ ئىلگىرى ئاقارتىش مېىينىڭ ئېلانىنى ئىشلەشنى رەت قىلغان. چۈنكى ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇنداق ئېلان پەقەت جەمئىيەتتە تېرە رەڭگىگە قارىتىلغان ئېرقىي ئايرىمىچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号