باش بەت

ئادىلجان

5986يوللانما
34مەستانە

ئۈچ ياشلىق بالا ئاپىسىنىڭ 10 مىڭ يۈەن پۇلىنى بالكوندىن تاشلىۋەتتى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-25 10:37 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 25-ئىيۇلدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

23-ئىيۇل كەچ سائەت 20دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە نەنجىڭ جىياڭنىڭ رايونىدىكى تيەنيۈەن جىڭدى شەھەرچىسىدە ئولتۇرۇشلۇق شى خانىم ساقچىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، ئوغلىنىڭ سومكىسىغا قويۇپ قويغان ئون مىڭ يۈەن پۇلنى بالكوندىن يەرگە تاشلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ساقچىلار نەق مەيدانغا تېز سۈرئەتتە يېتىپ كېلىپ، ئولتۇراق رايون خوجىلىق باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە شى خانىم بىلەن بىرگە قاراڭغۇدا پۇل ئىزدىگەن. كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە 9300 يۈەن ۋە كۆپ قىسىم بانكا كارتىسى تېپىلغان. تېپىلمىغان نەچچە يۈز يۈەن بەلكىم شامالدا باشقا ياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. 

شى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۆيى بەشىنچى قەۋەتتە ئىكەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەلۇم بىرى ئۇ قەرز بېرىپ تۇرغان ئون مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەن، ئۇ پۇلنى سومكىسىغا سېلىپ، تېلېۋىزورنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويغان. سائەت 17دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئاشخانىغا كەچلىك تاماق قىلغىلى كىرىپ كەتكەن. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن بالىسىنى ئېلىپ سىرتقا نەرسە سېتىۋالغىلى چىقماچقى بولۇپ، سومكىسىنى ئېچىپ قاراپ پۇل يوقلۇقىنى بايقىغان. ئۆيىدە باشقا ئادەم بولمىغاچقا ئۈچ ياشلىق ئوغلىدىن سورىغان. ئوغلى كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا پۇلنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئوغلى قولىدا بالكوننى كۆرسەتكەن. 

شى خانىم ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى تونۇپ يېتىپ، دەرھال بالكونغا بېرىپ پەسكە قارىغان ھەمدە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە نۇرغۇن قىزىل رەڭلىك پۇلنىڭ چىملىقتا تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم سورىغان، ساقچىلار تېزلا يېتىپ كەلگەن. ئولتۇراق رايوندىكى خوجىلىق باشقۇرغۇچىمۇ شى خانىمغا ياردەملىشىپ پۇلنى ئىزدىشىپ بەرگەن، يەنە قوشنىلارمۇ ياردەم قىلغان. 

ئاخىرىدا ساقچىلار ئىزدەپ تاپقان پۇللارنى شى خانىمغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 9300 يۈەن ۋە ئالتە دانە بانكا كارتىسى تېپىلغان، يەنە 700 يۈەن ۋە ئىككى دانە بانكا كارتىسىنى تاپالمىغان. شى خانىم ساقچىلا ۋە قوشىنىسىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان. ئۇ ئوغلى پۇلنى تاشلىۋەتكىلى ئىككى سائەتتىن ئاشقانلىقىنى، شۇنداق تۇرۇپ يەنە كۆپ قىسىمىنى تېپىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • كىرانچى2 ئاي ئىلگىرى

    ما بالا چوڭ بولغاندا خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدا ئىشلىسە بولغۇدەك

  • كەنجى2 ئاي ئىلگىرى

    ھېلمۇ ساقچىلانىڭ ئىشى ئازدەك ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا ساقچىغا مەلۇم قىلدىكەن ،پەستە كۆگەنكىن ئۈزى چۈشۈپ تىرۋالسا بولدغۇ

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    تازا ئۇيلىمغان ئىشبۇپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号