باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى | دىللارنى سۆيۈندۈرگەن خالىسانە ياردەم

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-25 12:28 1 ئىنكاس چۈشتى

  

   تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى يېقىندا، بىر بوۋاينىڭ كەنتتە خالىسانە يول ئوڭشاۋاتقان سۈرىتى بورتالالىقلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى بىر ئالدى.

   بوۋاينىڭ ئىسمى زۇنۇنبېك خۇدابەردى، ئۆيى بورتالا ئوبلاستى بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرى ئالبىن بەشىن كەنتىدە، ئۇ بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن بولۇپ، دائىم ئەتراپىدىكى ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ئۈن-تىنسىز ياردەم بېرىپ تۇرىدۇ.

    زۇنۇنبېكنىڭ ئىككى قىزى، ئۈچ ئوغلى بار، 12 جان بىر ھويلىدا ناھايىتى ئىناق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بوۋاي ياش ۋاقتىدا ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، خىش زاۋۇتى ئېچىپ باققان، توخۇ باققان، قۇدۇق قېزىش سودىسىمۇ قىلغان، 2000-يىلى يەنە ئىككى ئوغلى بىلەن ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش دۇكىنى ئاچقان.

    ھال-ئەھۋالى بارا-بارا ياخشىلانغاندىن كېيىن، زۇنۇنبېك كەنتتىكى ئۆزى بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئاكا-ئۇكىلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىپ ياردەم قىلدى. ئۇن ئاپىرىپ بەردى، پارچە-پۇرات پۇل بەردى... بۇ قارىماقتا كىچىك ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن، ئۇ بۇ ئىشنى ئىزچىل  42 يىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

 

 زۇنۇنبېك كەنت يولىنى خالىسانە ئوڭشىماقتا

    بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن كەنت ئاھالىسى بيەن دېجۇڭ بۇلتۇر شوتىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ سول پۇتىنى سۇندۇرىۋېلىپ، 25 مىڭ يۈەن داۋالىنىش پۇلىغا قەرز بولۇپ قالدى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان زۇنۇنبېك دائىم ئۇنى يوقلاپ تۇردى، ئۇنىڭغا ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بەردى.

    «لاۋبيەن، سىز بارمۇ؟» زۇنۇنبېك بيەن دېجۇڭنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ، ھويلا ئىچىدە تۇرۇپ ۋارقىرىدى. زۇنۇنبېكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان بيەن دېجۇڭ ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئاستىغىنە ھۇجرا ئۆيدىن چىقىپ، يىراقتىنلا ئۇنىڭغا قاراپ قولىنى ئۇزىتىپ كەلدى ۋە ناھايىتى قىزغىن ھالدا: «مېنىڭ ياخشى قېرىندىشىم، كەلدىڭىزمۇ؟» دېدى.

    «مېنىڭ بۇ قېرىندىشىم مېنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆرىدۇ، ئىقتىسادىي ئەھۋالىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئۇ ماڭا ئۇدا ئۈچ يىل ياردەم قىلدى، مەن ئۇنىڭ بۇ شەپقىتىنى بىر ئۆمۈر ئەستە تۇتىمەن» دېدى بيەن دېجۇڭ.

    زۇنۇنبىك بيەن دېجۇڭنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ يەنە بىر كەنتتىكى ساۋ شىڭتاڭنىڭ ئۆيىگە باردى، 76 ياشلىق ساۋ شىڭتاڭ كىچىكرەك قورۇدا ئۆزى يالغۇز تۇراتتى. «ساۋ ئاكا، سىزنى كۆرگىلى كەلدىم، ئۆيۈم كەنتىكى رېمونت دۇكىنى بار بىنادا، كېيىن سىزنىڭ نېمە قىيىنچىلىقىڭىز بولسا مېنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ» دېدى ئۇ. ئۇ سۆزلىگەچ 200 يۈەن پۇلنى ساۋ شىڭتاڭنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

    بۈگۈنكى كۈندە، زۇنۇنبېك ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتىنى مىنىپ، كەنتتە ئالدىراش يۈرىدۇ، كىم ياردەمگە موھتاج بولسا ئۇ دەل ۋاقتىدا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. ئۇنىڭ ئاددىي، ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلىرى، چىن، ھەقىقىي مۇھەببىتى ئالبىن بەشىن كەنتىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرماقتا.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/25/content_610586.htm

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئابدۇسالام ئېزىز.2 كۈن ئىلگىرى

    ئۇ ئادەم ھەقىقەتەن ياخشى ئىشقىلىپ ، باشقىلارنىڭمۇ ئاشۇ ئادەمدىن ئۆگىنىپ ، ياخشى ئىش قىلىشىنى قوللايمەن.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号