باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى | مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-25 17:03 0 ئىنكاس چۈشتى

  

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر باشقارمىسىدىن جاڭ تىڭ

    2016-يىل نويابىر، مەن ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «قوش تىل» لىق يەسلى ئوقۇتۇشىغا ياردەم بېرىشكە چۈشكەن كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيە ساغان يېزىلىق مەركىزىي يەسلىگە كەلدىم، بالىلارنىڭ ساددا، ئوماق چىرايىغا قاراپ ئۇلارغا مەستلىكىم كەلدى، ئەمما ئوقۇتۇش تەجرىبىسى جەھەتتە قىينىلىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. زىممەمدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ ئېغىر ئىدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىرىنچى ئوقۇش يىلىدىكى مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئاخىرلاشتى، مەن يېتەكلىگەن 50 بالا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىردى، ۋاقىت نېمىدېگەن تېز ئۆتكەن-ھە! 

  بالىلىرىم، بۈگۈنكى كۈندە مەن سىلەرنىڭ ئاشۇ مەسۇم، ئوماق يۈزۈڭلارغا سۆيگىنىمدە ئۆتمۈشتىكى ۋاقىتلارنىڭ كەينىگە قايتمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. سىلەر بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر ھەقىقەتەن تولىمۇ قىممەتلىك، ھەم مەنىلىك ئىدى.

     بىرگە ئۆتكەن گۈزەل چاغلار

   بىز بىرلىكتە نۇرغۇنلىغان ئەھمىيەتلىك «تۇنجى قېتىم»لارنى بىرگە ئۆتكۈزدۇق:  قولۇڭلارغا تۇنجى قېتىم رەسىم قەلىمى ئېلىپ رەسىم سىزغاندا ھاياجانلانغان تۇرقۇڭلارغا قاراپ سىلەرنىڭ داڭلىق رەسسام بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلغانىدىم؛ تۇنجى قېتىم سىلەرگە «توشقان ئۇسۇلى» ئۆگەتكەندە، سىلەر كىيىمىمنى تارتىپ، رىتىمىغا ئەگىشىپ ئارقامدا سەكرەپ سىنىپنى ئايلانغاندا، مەن گويا بالىلىق ۋاقتىمغا قايتىپ قالغاندەك بولغانىدىم؛ مەن تۇنجى قېتىم ئائىشەگە شاكىلات ئېلىپ كەلگەندە، ئۇ شاكىلاتنىڭ ئۆزگىچە تەمىدىن بەكمۇ خۇشال بولغانىدى؛ كوچىدا كېتىۋاتقىنىمدا، تۇنجى قېتىم بىر بالا ئىككى قولىنى كەڭ ئېچىپ، ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېلىپ، ماڭا ئۆزىنى ئېتىپ، مېنى چىڭ قۇچاقلىغاندا قەلبىم تەسۋىرلىگۈسىز شادلىققا چۆمگەنىدى... بىزنىڭ ھەر قېتىملىق «تۇنجى» لىرىمىزغا سىلەرنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىڭلار ۋە سەمىمىيىتىڭلار سىڭگەنىدى، بۇلار سىلەر بىلەن بىللە بولغان ھەر بىر مىنۇتنى قىممەتلىك مەنالارغا ئىگە قىلاتتى.

  بالىلىرىم، ئېسىڭلاردىدۇ، بىز تۇنجى كۆرۈشكەن چاغدا بىزنىڭ ئالاقىمىز پۈتۈنلەي ئىما-ئىشارەتلەر بىلەن بولغانىدى، كېيىن سىنىپتىكى مۇھەممەتسالى گېپىمنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىشكە باشلىدى ھەم مېنىڭ كىچىك تەرجىمانىم بولدى، بۇنىڭ بىلەن خېلىلا يېنىكلەپ قالدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن، چۈشىنىشىمىز بارا-بارا يېتىلىشكە باشلىدى، مېنىڭ ھەر بىر قاراشلىرىمنى، ھەر بىر قول ئىشارىتىمنىمۇ چۈشىنەلەيدىغان بولدۇڭلار. ئۇ كۈنى، بىز «كىچىك مۇئەللىم» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا مۇھەممەت سىنىپتا كىچىك مۇئەللىم بولدى، ئۇ مەن دەرس سۆزلەۋاتقان ۋاقتىمدىكى تەقى-تۇرقۇمنى، ھەرىكىتىمنى دوراپ پۈتۈن دەرسنى خەنزۇتىلىدا ئۆتتى، ئۇ  ئادەتتە دەيدىغان گەپلىرىمنى دوراپ: «بۇ كىچىك دوست ناھايىتى ياخشى سۆزلىدى، كۆپچىلىك چاۋاك چېلىڭلار بولامدۇ؟» دېگەندە مەن ناھايىتى تەسىرلەندىم . ئاشۇ دەقىقىدە مەن بۇ يىل تۆلىگەن بارلىق بەدەللىرىم ۋە تىرىشچانلىقىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  

جاڭ تىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئائىشە

    يېڭى ئوقۇتقۇچىنىڭ «ھوسۇلى»

    بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئوقۇتقۇچى بولۇشۇم، شۇنداقلا سىلەردەك مۇشۇ ياشتىكى بالىلار بىلەن ئۇزۇن ئالاقە قىلىشىم ھېسابلىنىدۇ. سىلەرنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن مەنمۇ بار كۈچۈمنى چىقاردىم، بالىلار ناخشىسىغا ھەر خىل ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى كىرىشتۈردۈم، دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل بۇيۇملارنى قول سېلىپ ياساپ چىقتىم، دوسكىغا ھەرخىل ئاددىي رەسىملەرنى سىزدىم، ھەر خىل ئاساسىي تېمىلىق قارا دوسكىلارنى ئىشلىدىم. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ گۈزەل سەنئەت سەۋىيەممۇ زور دەرىجىدە ئۆستى، جىمجىت كېچىدە سىزمىغىلى نەچچە يىل بولغان رەسىم قەلىمىمنى قولۇمغا ئېلىپ رەسىم سىزىشقا باشلىدىم. رەھمەت سىلەرگە بالىلىرىم، سىلەر ماڭا ئالدىراشلىق ئىچىدىمۇ بىر ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىشنى ئۆگەتتىڭلار، سىلەردىن مەن ئوخشىمىغان ئۆزەمنى بايقىدىم، كۆردۈم.

  ھەر كۈنى ئىختىيارسىز ھالدا سىلەرنىڭ كىچىككىنە يۈزۈڭلارنى سىيلاپ، پېشانەڭلارغا سۆيۈپ، ھەتتا سىلەرنى كۆتۈرۈپ ئايلىنىپ كېتىمەن … مەن بۇ خىل تۇيغۇدىن، سىلەر بىلەن بىللە بولغان ھەر بىر مىنۇتتىن ھۇزۇرلىنىمەن. بەش ياشلىق ئائىشە دائىم ئىككى قولى بىلەن يۈزۈمنى تۇتۇپ، سول مەڭزىمگە بىرنى، ئوڭ مەڭزىمگە بىرنى سۆيۈپ قويىدۇ.مۇيەسسەر دائىم ئۆزىنىڭ نەزەرىدىكى مۇھىم، ئالاھىدە كۈنلەردە ماڭا ئەتىر چېچىلغان سۇلياۋگۈل، ئۆزى قۇراشتۇرغان يۈرەك شەكىللىك گۈلچەمبىرەك، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىچىك چاچ قىسقۇچ قاتارلىقنى ماڭا سوۋغا قىلىدۇ. ئابدۇللا دائىم ئوغرىلىقچە مېنىڭ قولۇمغا بىر تال كەمپۈت تۇتقۇزۇپ قويىدۇ، مەن گەرچە ئۇنىڭغا كەمپۈتنى كۆپ يېمەسلىك توغرىسىدا كۆپ قېتىم گەپ قىلغان بولساممۇ… بالىلىرىم، سىلەر ھەمىشە ماڭا چەكسىز ئىللىقلىق ئاتا قىلىسىلەر، مەن سىلەرنى ياخشى كۆرىمەن !

    بالىلارغا بەخت تىلەيمەن

    بالىلىرىم، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سىلەرمۇ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان بولدۇڭلار، ئەمدى باشلانغۇچ مەكتەپكە بارىسىلەر، سىلەر ئۈچۈن خۇشال بولۇۋاتىمەن، بىراق، سىلەرگە يەنىلا كۆزۈم قىيمايدۇ. خۇشال بولغىنىم سىلەر چوڭ بولدۇڭلار، خۇددى ئۇۋىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى بۈركۈت بالىسىغا ئوخشاش ئۆزۆڭلار ئۇچۇشنى ئۆگىنىسىلەر. قىيالمايدىغىنىم شۇكى، بىز بىرگە بولغان ۋاقىت يەنىلا ئاز بوپتۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇلتۇر مارتتا بىزنىڭ سىنىپتىكى قەلبىنۇر مەكتەپ يېشىغا توشقانلىقتىن مەكتەپكە ماڭدى، ئۇ كېتىشتىن بۇرۇن يەسلىگە كېلپ مەن بىلەن خوشلاشتى. ئىككىلىمىز كۆز ياشلىرىمىزنى تۇتالمىدۇق، مەن ئۇنىڭغا لىق ئوقۇش قوراللىرى قاچىلانغان بىر سومكا بەردىم ھەم ئۇنىڭغا ياخشى ئوقۇشنى تاپىلىدىم. بالىلىرىم، مەن سىلەر بىلەن خوشلاشقان چاغلارنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، شۇڭا تاپىلايدىغانلىرىمنى مۇشۇ يەردىلا ئېيتاي:

 بالىلىرىم، باشلانغۇچ مەكتەپ يەسلىگە ئوخشىمايدۇ، دەرس پىلانى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا زور پەرق بار، سىلەر بەلكىم بىر مەزگىل مەكتەپكە ماسلىشالماي قېلىشىڭلار مۇمكىن. بىراق مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يېڭى مۇئەللىمىڭلار سەۋرچانلىق بىلەن سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ.بالىلىرىم، بىرىنچى يىللىقنىڭ ئۆگىنىش ۋەزىپىسى ئېغىر بولىدۇ، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە قورقماڭلار، ۋاز كەچمەڭلار، قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە مېنى ئىزدەپ كېلىڭلار، سىلەرنى قارشى ئالىمەن. بالىلىرىم، مېنىڭ ئازراق كۆڭۈل سۆزۈم بار، بىرگە بولغان چاغلىرىمىزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ھەرگىز تېزلا ئۇنتۇپ قالماڭلار، بولامدۇ؟ بالىلىرىم، سىلەرنىڭ ماڭا دېگەن ئارزۇيىڭلار ئېسىڭلاردىمۇ؟ سىلەرنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ تيەنئەنمېننى كۆرگۈڭلار، شاڭخەيدىكى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە بارغۇڭلار، ئائىلىدىكىلىرىڭلار بىلەن ئايروپىلانلىق ساياھەت قىلغۇڭلار بار ئىدى، شۇنداققۇ؟! سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا مۇشۇ ئارزۇلارنى پۈكۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە بىلىم ئارقىلىق ئۆزۈڭلارنى ئۆزگەرتىپ، بىلىم ئارقىلىق يۇرتقا جاۋاب قايتۇرۇپ، بىلىم ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېغىز سۆزۈم: سۆيۈملۈك بالىلىرىم، ئوقۇش پۈتكۈزگىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/25/content_610646.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号