باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى| خەتەردە قالغان خۇبېيلىق قۇرۇلۇش سودىگىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن سۆيۈندى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-25 21:44 2 ئىنكاس چۈشتى

   تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 9-ئىيۇل سەھەر، قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىنىڭ خاڭدى بازىرى يۇقارقى چاقماقكۆل كەنت ئاھالىلەر كومتېىتىدا، ۋۇخەندىن كەلگەن گاۋ شىنۋېن بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر قېرىندىشى ئەمەت ئەخەت مەھكەم قۇچاقلاشتى. گاۋ شىنۋېن كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ: «رەھمەت سىزگە، سىز مېنىڭ ياخشى قېرىندىشىم !» دېدى.

    ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىق مۇھەببىتىنى بىر ئاي بۇرۇندىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

    2017-يىل باش باھار، گاۋ شىنۋېن تۈر دېرىكتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھرىدىن شىنجاڭغا قوش تىل يەسلىسى قۇرۇش ئىشى بىلەن كەلدى، ئۇ قۇرۇلۇشنىڭ تېزراق پۈتۈشى ئۈچۈن ھەر كۈنى تۆت ئىش ئورنىدا چېپىپ يۈردى.  

   1-ئىيۇن، گاۋ شىنۋېن بۇرۇنقىغا ئوخشاش موتوسىكىلىتىغا ئولتۇرۇپ قورۇلۇش مەيدانىغا ماڭدى، ئۇ  بىر ئەگىمدىن جىددىي ئايلىنىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن موتسىكىلىتى بىلەنلا نەچچە موللاق ئېتىپ يول بويىدىكى پاتقاقلىققا پېتىپ قالدى. يېشى 50تىن ئاشقان گاۋ شىنۋېن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئورنىدىن تۇرالمىدى، «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ توۋلىغۇسى بولسىمۇ، ئاغزىدىن بىر ئېغىزمۇ گەپ چىقمىدى.

   بۇ خەتەرلىك ئەھۋالنى دەل بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كەنت ئاھالىسى ئەمەت ئەخەت كۆرۈپ قالدى، ئەمەت ئوتىغۇچنى تاشلاپ ئۇچقاندەك گاۋ شىنۋېننىڭ يېنىغا باردى.بۇ چاغدا، گاۋ شىنۋېننىڭ يۈزى ۋە پۇتى ئاللىقاچان قانغا بويالغان بولۇپ، ئاغرىقتىن تىلى گەپكىمۇ كەلمەي قالغانىدى.ئەمەت گاۋ شىنۋېننى پاتقاقلىقتىن ئاستا-ئاستا تارتىپ چىقاردى، ئاندىن يېقىن ئەتراپقىلا جايلاشقان ئۆيىگە يۈگۈرۈپ بېرىپ، خوتۇنىنى چاقىردى ۋە ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ، گاۋ شىنۋېننى بازارلىق شىپاخانىغا ئېلىپ باردى.

    جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى دوختۇرلار گاۋ شىنۋېننىڭ يارا ئېغىزىنى كۆرۈپ دەرھال جىددىي بىر تەرەپ قىلدى، ئەمەت يەنە ئالدىراپ-تېنەپ بىنادىن چۈشۈپ، ھادىسە يۈز بەرگەن جايدا قالغان گاۋ شىنۋېننىڭ موتسىكلىتىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىپ، ئامانلىق ساقلاش خادىمىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

    كۈنلەر بىردىن-بىردىن ئۆتمەكتە ئىدى، ئەمەتمۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا، سەھەر قوپۇپ كەچ يېتىپ ئېتىزدا ئالدىراش يۈرەتتى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئەمەت بازارغا باردى ۋە يولدىن ئۆتكەچ دوختۇرخانىغا گاۋ شىنۋېننى كۆرگىلى باردى. بىراق، گاۋ شىنۋېن دوختۇرخانىدىن ئاللىبۇرۇن چىقىپ بولغانىدى.

    يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان گاۋ شىنۋېن باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ شەپقەتچىسىنى ھەر كۈنى ئىزدەۋاتاتتى. بۇنى ئەمەت ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئىيۇلنىڭ باشلىرى گاۋ شىنۋېن شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا باردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن يۇقىرى چاقماقكۆل كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جۇ چۈەن بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن كەنتتىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، بۇ ياخشى ئادەمنى دەرھال تېپىپ، ئىككىسىنى ئاخىرى كۆرۈشتۈردى.

    گاۋ شىنۋېن چىن قەلبىدىن تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭغا يېڭى كەلگەندە ھىچكىمنى تونۇمايتتىم، تىلدىمۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىدىم. لېكىن مەن بۇ يەردە شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىن، ئاق كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.» گاۋ شىنۋېن يەنە ئەمەتنى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىش ئورنىدا ئىشلەپ، ئائىلە كىرىمىنى كۆپەيتىشكە تەكلىپ قىلدى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/25/content_610704.htm

باش سۈرەت تاللاش x
  • قاراقچى دارا3 ئاي ئىلگىرى

    مانا دۇلىتىمىزنىڭ ئىناق ئىتتىپاقلىقىنىڭ نامايەندىسى ياشسۇن دۇلىتىمىز ياشسۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

  • ياسىن3 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى ئش بۇپتۇ ئادەم مىھرىبان بۇلىشى كېرەك يارايسەن ئاغىنە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号