باش بەت

durdana

804يوللانما
19مەستانە

ئامېرىكىلىقلار كۆپ بالىلىق بولسا بالىلىرىنى قانداق بېقىپ بولىدۇ؟

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-25 20:30 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگودا ئىككى بالىلىق بولۇشقا يول قويۇلدى، لېكىن نۇرغۇن ئائىلىلەر بۇنىڭدىن بەك خوش بولۇپمۇ كەتمىدى، چۈنكى بالىنىڭ تۇغۇلۇشى ئاسان بولغان بىلەن بېقىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. لېكىن نۇرغۇن ئامېرىكىلىق كۆپ بالىلىق بولۇشقا ئىنتىلىدۇ. ئامېرىكىدا بىر ئائىلىدە 5-6 بالا بولۇش نورمال ئىش ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: جېسسىكا ئائىلىسى، يىلدا بىر بالىلىق بولىدۇ، 6-بالىسى تېخى يېشىغا توشمىدى، 7-بالىسى بولسا قورساقتا.

بىر قىسىم ئامېرىكا ئائىلىلىرى بالا كۆپ بولسا بەختلىك بولىدۇ، دېگەنگە ئىشىنىدۇ، بالا تەڭرىنىڭ سوۋغىسى دەيدىغان ئۇقۇمغا ئەگىشىدۇ، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمايدۇ، بويىدا قالسا يەڭگىۋېرىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا ئائىلىلىرىدە بىر دۆۋە بالا بار دېيىشكە بولىدۇ.

بۇنداق چوڭ ئائىلىدە بالىنى نېمە بىلەن باقىدۇ؟

ئامېرىكىدا بالىڭىز قانچە كۆپ بولسا ھۆكۈمەت شۇنچە كۆپ ياردەم پۇلى بېرىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ئىشتاتلىرىدا تۇغۇت تولۇقلىما سىياسىتى بار، ئائىلىلەرنىڭ كىرىمى ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولسا، ھۆكۈمەت ئائىلىدىكىلەرنىڭ جان سانىغا ئاساسەن تولۇقلىما بېرىدۇ، بالا قانچە كۆپ بولسا، ئېرىشىدىغان تولۇقلىمىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

نۇرغۇن جايلاردا بالىلارغا ھەقسىز سۈت پاراشوكى، قوشۇمچە يېمەكلىك ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ، ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپتە ئوقۇسىمۇ ھەقسىز ئوقۇيدۇ.

بېسىمسىز بالا باقىدۇ، بىر نەچچىنى كۆپ يەڭگىۋالسىڭىز كۆڭۈللۈك بولىدۇ ئەمەسمۇ؟

6 بالا ئوخشاش كىيىنىپ ئىشىكتىن چىقسا، قالتىس ھەيۋەتلىك قوشۇن كۆرۈنۈشى ھاسىل بولىدۇ.

بالا كۆپ بولسا، ئائىلىدە خوشاللىقمۇ كۆپ بولىدۇ.


ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号