باش بەت

durdana

1508يوللانما
122مەستانە

باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا بەك ئەھمىيەت بېرەمسىز؟ نېمىشقا؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-07-25 22:36 0 ئىنكاس چۈشتى

سىز ئاقكۆڭۈل، باشقىلارنىڭ تۇيغۇسىنىڭ ئېتىبارغا ئالىسىز، كۆڭلىڭىز نازۇك، ھېسسىياتقا باي. لېكىن باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا بەك ئەھمىيەت بەرگەچكە باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشتا غەملىك بولۇپ قالامسىز؟ بىر ئادەمگە بەك يېقىنلىشىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ نۇرغۇن پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋېتىپ بارامسىز؟ سىز «ياخشى ئادەم بولۇشنىڭ قىيىنلىقى» نى ھېس قىلىۋاتامسىز؟

سىز باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا ئەھمىيەت بېرىشتىن باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا ئانچە ئېتىبار قىلماسلىققا ئۆتۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلامسىز؟

1.  سىز نېمىشقا باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا ئەھمىيەت بېرىسىز؟

(1)           قورقۇنچ

سىز باشقىلارنى خاپا قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيسىز. شەك-شۈبھىسىزكى، بۇ باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا زىيادە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەمنىڭ ھەممىسىدە بولىدىغان بىر خىل روھىي ھالەت.

سىز باشقىلار بىلەن ئارازلىشىپ قېلىشتىن قورقىسىز، سىز باشقىلارنىڭ سىزگە ئاچچىقلىنىشىدىن، باشقىلارنىڭ سىزگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىشىدىن قورقىسىز، سىز باشقىلارنىڭ قوپاللىق قىلىشىدىن، سىزنى تاشلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيسىز.

بۇ خىل قورقۇنچ كىچىك ۋاقىتتا سايە تاشلىغان پىسخكىلىق ھالەتنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ.

(2)           نازۇكلۇق

بۇ بىر ئىقتىدار، نازۇك ئادەمنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاجىز بولمايدۇ، بەلكى مەلۇم بىر ئىشلارنىڭ قانداق يۆنىلىشتە بولىۋاتقانلىقىنى تېزلا بايقىۋالالايدۇ. شۇڭا بۇنداق ئادەم ئوشۇقچە ئويلىۋالىدۇ، ھەم مۇناسىۋەتتە كۆپ مەسىلە چىقىدۇ.

(3)           ئۆزىنى قوبۇل قىلالمايدۇ

ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، كاج، ھەتتا پاسسىپ بولغانلىقى سەۋەبلىك بەزىلەر ئۆزىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىگە مۇتلەق ئىشىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار كۆڭلىنى باشقىلار ئارقىلىق قانائەت تاپقۇزماقچى بولىدۇ. مەسىلەن: باشقىلاردەك بولۇشنى نىيەت قىلىش، دائىم ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش دېگەندەك.

بىر ئادەم ئۆزىنى قوبۇل قىلالمىغان چاغدا ئۇنىڭ قەلبى قۇپقۇرۇق بولۇپ قالىدۇ، ئۇ ئۆز قەلبىدە ئۆزىنى تىكلەپ تۇرىدىغان بىر تىرەكنى تاپالمايدۇ، شۇنداقلا سىرىتقى دۇنيانىڭ ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشىنى، سىرىتقى دۇنيادىن كۈچ ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تەبئىيلا باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

2.  قانداق ئۆزگىرىش

ئۇنداقتا بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟ جاۋابى ئەلۋەتتە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. نۇرغۇن ئادەمنىڭ «باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا ئەھمىيەت بېرىش»تىن «باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا ئانچە ئېتىبار قىلماسلىق»قا ئۆزگىرىش كەچۈرمىشى بولغان. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن جەريان كېتىدۇ، بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن ياخشىلاش كېرەك.

(1)           مەسىلىنى تونۇش

ئاۋۋال سىز يۇقىرىدىكىلەرگە قاراپ ئۆزىڭىزدىكى مەسىلىنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىڭىزدىكى ئۆزگىرىشنى تەھلىل قىلىڭ. ئاندىن سىز ھەر قېتىم باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا ئەھمىيەت بەرمەكچى بولغان ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ: بۇ توغرا ئەمەس، بۇ بىر خىل كېسەللىك دەڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلى ھالىتىڭىزنى قوبۇل قىلىڭ.

(2)           ئۆزىڭىزنى قوبۇل قىلىڭ

مەيلى ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، ئەسكى بولسۇن، توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن، پەقەت ئۆزىڭىزنىڭلا بولىدىكەن، ئۇنى قوبۇل قىلىڭ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ بىر قىسمىڭىز. ئۇلار كەم بولسا سىز مۇكەممەل بولماي قالىسىز. سىز ئۆزگەرسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ئۆزىڭىزنى قوبۇل قىلمىسىڭىز بولمايدۇ. ئۆزىنى قوبۇل قىلىش نورماللىققا قايتىشتىكى تۇنجى قەدەم.

(3)ئۆزىڭىزنى ئەسكەرتىڭ

ئۆزگىرىش ئەلۋەتتە تەس ئىش. سىز تۆۋەندىكى بۇ بىر قانچە جۈملە ئاكتىپ ئىنىرگىيەلىك سۆزنى خاتىرلىۋېلىڭ، ئۆزىڭىزگە ئۆزگىرىمەن دەپ ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ:

باشقىلار سىزگە ئۇنچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ، سىز ئۇنچە كۆڭۈل بۆلۈپمۇ كەتمەيدۇ.

بۇ دۇنيادا سىز ئۆزىڭىزلا ئەڭ مۇھىم. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنىڭ سىز بىلەن پىتچىلىك مۇناسىۋىتى يوق.

باشقىلارنى خاپا قىلىپ قويۇشتىن قورقۇپ كەتمەڭ، باشقىلارمۇ سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە نوچى ئەمەس.

ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، توغرا بولسۇن، خاتا بولسۇن، بۇلار مۇھىم ئەمەس، سىز ئېرىشمەكچى بولغىنى ئەڭ مۇھىم.

3.خۇلاسە كالام

بىر جۈملىگە يېغىنچاقلىساق: ئۆزىڭىزنىڭ يولىدا مېڭىۋېرىڭ، خەق نېمە دېسە دېسۇن.

 

 

 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号