باش بەت

نۇسرەتگۈل

11255يوللانما
212مەستانە

قاراماي دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ «پۇلدار» 10 چوڭ شەھەر قاتارىغا كىردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-26 11:41 29 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 26-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دوڭگۇەن شەھىرى: دوڭگۇەن گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى قارىمىقىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ، «گۇاڭدوڭدىكى 4 يولۋاس بالىسى»نىڭ بىرى.

قاراماي شەھىرى: قاراماي جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىي رايونى، دۇنيا نېفىت-خىمىيە سانائىتى كەسپلىرى توپلاشقان رايون.

سۇجۇ شەھىرى: سۇجۇ جياڭسۇ بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان، زامانىۋىيلىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى شەھەر.

فوشەن شەھىرى: فوشەن خۇاڭ فېيخوڭ، لى شياۋلوڭلارنىڭ يۇرتى، جۇجياڭ دەريا دېلتىسىدىكى مۇھىم ئىقتىسادىي رايون.

ۋۇشى شەھىرى: ۋۇشى دۆلىتىمىز مىللىي سانائىتى بارلىققا كەلگەن جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەزەلدىن «كىچىك شاڭخەي»، «رەخت پىرىستانى» دېگەن نامى بار، دۆلىتىمىزنىڭ ئاز ساندىكى ئىقتىسادىي مەركىزىي شەھەرلىرىدىن بىرى.

جۇخەي شەھىرى: جۇخەي جۇڭگودىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن 50 كۈچلۈك شەھەرنىڭ بىرى، يېڭى تىپتىكى باغچا شەكىللىك شەھەر؛ جۇخەيگە «بەخت شەھىرى»، «مەدەنىيەتلىك شەھەر» دېگەن ناملار بېرىلگەن. ئۇ يەنە «رومانتىك شەھەر».

جوڭشەن شەھىرى: جوڭشەننىڭ ئىقتىسادى ئۇدا بىر نەچچە يىل گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى ئىقتىسادىدا 5-ئورۇننى ساقلىغان بولۇپ، شۇندې، نەنخەي، دوڭۋەنلەر بىلەن بىرلىكتە «گۇاڭدوڭدىكى 4 يولۋاس بالىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

جوۋشەن شەھىرى: جېجياڭ ئۆلكىسى جوۋشەن شەھىرىنىڭ «دوڭخەي دېڭىزىنىڭ بېلىق ئامبىرى»، «جۇڭگو بېلىق شەھىرى» دېگەن چىرايلىق ناملىرى بار.

ۋېنجۇ شەھىرى: جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدە دائىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 9 مىليون 122 مىڭ 100 بولۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەر ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ.

چاڭجۇ شەھىرى: جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭجۇ شەھىرى 2500 يىلدىن كۆپرەك يازمىچە تارىخى بار قەدىمىي مەدەنىيەتلىك شەھەر، جۇڭگو يېقىنقى زامان سانائىتى بارلىققا كەلگەن جاي، زامانىۋىي قورال-ياراغ ياساش شەھىرى، كۈمۈش بۆشۈكى، داڭلىق پەن-مائارىپ شەھىرى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • كۈسەن10 ئاي ئىلگىرى

    بىز نىڭ كۇچا ما بۇش شە،ئمەس جۇما

  • ئافران10 ئاي ئىلگىرى

    قاراماينىڭ ئەخلەت چىلەكلىرىدە توك قاچىلىغىلى بۇلىدۇ ئاپتۇۋۇس بىكەتلىرىمۇ ياپۇنيەنىڭكىگە ئوخشاش ۋاقىتقا رىئايە قىلدۇ تازىلىق ئۆيى ھەقسىز پاكىزلىقنى قارامايغا بېرىپ كۆرۈڭلا قاراماي خەلىقى خورازدىكى خو دەكلا خەلىق ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق -ئىتپاق كۆز تەگمىسۇن قارايغا داشۆدە ئۇقۇيدىغانلا ئالدىن تالىساڭلا بۇلىدىغان شەھەر بىردىن بەشكىچە نۇمۇرنى بېسىش ئارقلىق شەھەر باشلىقى بىلەن ئالاقىلاشقىلى پىكىر بەرگىلى بۇلدىغان ياخشى شەھەر

  • كۇسەن10 ئاي ئىلگىرى

    كۆپچىلىك ئۇيغۇرچە خەتنى ئۆلچەملىك يازايلى ،ئاندىن ھەممىمىز باي بولالايمىز !

  • ئەلى10 ئاي ئىلگىرى

    ئانچە بەك پەرىقلىنىپمۇ كەتمەيدىكەن مۇشۇنداقلا ماڭسا بەش يىلدا ھازىرقى ئۇرۇمچىنىڭ ھالىتىگە كىرىپ بولغۇدەك

  • ئالىم10 ئاي ئىلگىرى

    شاڭخەي ،بېيجىڭ ،شاڭگاڭلاردىنمۇ بايما ئەمدى.

  • زەفەر10 ئاي ئىلگىرى

    قاراماي ھەقىقەتەن گۈزەل پاكىزە ئىستىمال سەۋىيەسى يۇقىرى شەھەر ساياھەت قىلىشقا ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ

  • ھەي،،جاھان10 ئاي ئىلگىرى

    ئاھ مىنىڭ،،قارمىيىم ئازقالدى مەن بارىمەن

  • سەن10 ئاي ئىلگىرى

    مەدەنىيەتلىك ئىسىل شەھەر قاراماي

  • بۆلجۈرگەن قىزچاق10 ئاي ئىلگىرى

    ئەمسە قارامايغا بىر بېرىپ ساياھەت قىلىپ كەلسە بولغىدەك

  • ساا10 ئاي ئىلگىرى

    ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچىنى نامرات شەھەر دىگەنتۇق بۈگۈن قارامايئى باي دېدۇق… قىززىق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号