باش بەت

رازى

1800يوللانما
52مەستانە

ئۆزى گېنېراتور ئىشلىتىپ توك تارقاتقان دۇكاندارنىڭ ئوغلى زەھەرلىنىپ قازا قىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-26 13:43 0 ئىنكاس چۈشتى

7-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن سېنشى شەھىرى تىرانسفورموتور پونكىتىدىكى مەلۇم بىر بېسىم ئۆزگەرتىش ئەسۋابى چاقماقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كۆيۈپ كېتىپ، شەھەرنىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا قىسىمىدىكى كۆپلىگەن رايونلاردا توك توختاشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇ سەۋەبلىك قىسمەن ئاھالىلەر ئۆزىلىرى تەييارلىۋالغان گېنېراتور ئارقىلىق توك ھاسىل قىلىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇردى. ئەمما، 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سېيشى شەھىرىدىكى مەلۇم بىر دۇكاندار ئۆزى گېنېراتوردا توك ھاسىل قىلىش جەريانىدا پاجىئە يۈز بېرىپ، 17 ياشلىق ئوغلى كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ قازا قىلدى.

7-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتە ساقچىلارنىڭ يۆگەلمە ئىشىكنى بۇزۇپ كىرىپ كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلەنگەن بالىنى قۇتقۇزۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغانلىقى ھەققىدىكى ۋىدىيو سۈيشى تورى، qq توپى ۋە ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقالدى. مۇخبىر شۇ يەردىكى ساقچىلار ۋە ھادىسە يۈز بەرگەن يېقىن ئەتراپتىكى تىجارەتچىلەردىن بۇ ئىشنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

نەق مەيداندىكى شاھىت خۇاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دۇكىنى ھادىسە يۈز بەرگەن دۇكانغا خېلى يېقىن ئىكەن، 7-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 ئەتراپىدا، ھادىسە يۈز بەرگەن دۇكاندىكى خىزمەتچىلەر ئىشقا چىققاندا، ئىشىكنىڭ چىڭ تاقالغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە ئىشىكنى كۈچەپ ئۇرغان بولسىمۇ دۇكان ئىچىدىن ھېچقانداق سادا كەلمىگەن، تېلېفون قىلسا ئالىدىغان ئادەم چىقمىغان. خىزمەتچى ئەھۋالنىڭ چاتاق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، دەرھال سايمانلارنى ئېلىپ كېلىپ ئىشىكنى ئاچماقچى بولغان، گەرچە بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ھەپىلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما يۆگەلمە ئىشىكنى ئاچالمىغان. سائەت 10:40 ئۆتكەندە دۇكان خىزمەتچىسى ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

سېنشى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چېڭجۇڭ ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، كەپشەرلەش ئۇستىسى يۆگەلمە ئىشىكتىن چوڭ بىر تۆشۈك ئاچقان. ساقچىلار دۇكانغا كىرگەندىن كېيىن، دۇكان ئىگىسى، ئايالى ۋە ئوغلىنىڭ ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى بايقىغان. ئارقىدىن ساقچىلار 120 گە تېلېفون ئۇرۇپ ياردەم تەلەپ قىلغان، قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، دۇكان ئىگىسى لى فامىلىلىكنىڭ ئوغلىنىڭ ئاللىقاچان قازا قىلغانلىقىنى بايقىغان. لى فامىلىلىكنىڭ ئايالى دېرىزە يېنىدا ئۇخلىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېرىزە ئازراق ئوچۇق بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەھۋالى ئانچە ئېغىر ئەمەس ئىكەن. ساقچىلار يەنە ھادىسە يۈز بەرگەن دۇكاندا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقى، ئەمما دۇكاندىكى ئۆزلىرى تەييارلىۋالغان گېنېراتورنىڭ مېيى قالمىغاچقا، ئۆچۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان. ساقچىلار بەلكىم گېنېراتور سەۋەبلىك بىر ئائىلىدىكى ئۈچ كىشى كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلەنگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.

7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 17:00 ئەتراپىدا، مۇخبىرنىڭ سېنشى شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، لى فامىلىلىك ئەر-ئايال ئىككەيلەن ھوشىغا كەلگەن بولۇپ، ھاياتى خەتەردىن قۇتۇلغان.



باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号