باش بەت

زورىگۈل

5898يوللانما
22مەستانە

ئەنگلىيە 2040-يىلى بارلىق دىزېل ۋە بېنزىنلىق ئاپتوموبىللارنى سېتىشنى چەكلەيدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-26 19:08 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 26-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ تايمىس گېزىتىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، ئەنگلىيە 2040-يىلىدىن باشلاپ دىزېل مېيى ۋە بېنزىن ئىشلىتىدىغان ھەر قانداق يېڭى ئاپتوموبىلنى سېتىشنى چەكلەشنى پىلانلىغان.

بۇ گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى تەدبىر ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش ئىستىراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. 26-ئىيۇل بۇ تەدبىرنى جاكارلىشى مۇمكىن ئىكەن. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ دىزېل مېيى ئاپتوموبىلىدىن پەيدا بولغان كاربون Ⅳ ئوكسىد قويۇپ بېرىشنى تۈزىشىنى قوللاش ئۈچۈن 255 مىليارد فوندسىتېرلىڭ ئاجرىتىدىكەن.

بۇ گېزىت ھۆكۈمەت ۋەكىلىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ: «ناچار مۇھىت سۈپىتى ئەنگلىيە ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ ئېكولوگىيە خەتىرى، ھۆكۈمەت مۇمكىن بولىدىغان ئەڭ قىسقا مۆھلەتتە كەسكىن تەدبىر قوللىنىشنى پىلانلىدى» دېدى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۆلچەرىچە، ھاۋا بۇلغىنىشى يىلدا تەخمىنەن 50 مىڭ ئادەمنىڭ بالدۇر قازا قىلىشىنى پەيدا قىلىدىكەن، بۇلغىنىش ئاقىۋىتىنى تۈزەشكە ھەر يىلى 27 مىليارد 500 مىليون فوندسىتېرلىڭ كېتىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号