باش بەت

hayrigul

181يوللانما
3مەستانە

91 ياشلىق باي بوۋاينىڭ پۇلىنى 68 ياشلىق قېرى موماي بۇلاپ كەتتى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-26 21:53 3 ئىنكاس چۈشتى

ھازىرقى زامان گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

7-ئاينىڭ 18-كۈنى، يىشىڭ شەھىرىدە 91 ياشقا كىرگەن خې فامىلىلىك باي بوۋاي بۇلاڭچىغا يولۇققان بولۇپ، ئۇنىڭ پۇلىنى باشقا ئادەم ئەمەس، بەلكى 68 ياشلىق قېرى موماي بولۇپ كەتكەن.

شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 10لار ئەتراپىدا، خې xx ئۆزى يالغۇز يىچىڭ كوچىسى خەلق يولىدىكى يېزا-ئامانەت قەرز ھەمكارلىق بانكىسىدىن 6500 يۈەن نەق پۇل ئېلىپ بانكىدىن ئايرىلغان. ئۇ پۇلنى ئېلىپ يىچىڭ كوچىسى تۇچېڭ يولىغا كېلىپ، شۇ يەردىكى ئولتۇراق رايون ئىچىگە كىرەي دەپ تۇرغاندا توساتتىن ئارقىسىدىن بىر قېرى موماي كېلىپ ئۇنىڭ قولىدىكى پۇل قاچىلانغان سۇلياۋ خالتىنى كۆتۈرۈپ قاچقان. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەن ياشانغان بوۋاي دەرھال ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلغان.

ساقچىلار بوۋاينىڭ دېلو مەلۇم قىلغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن دەرھال دېلو تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. ساقچىلار شۇ كۈنى باي بوۋاي پۇل ئالغان بانكىدىن پۇلىنى ئوغرىغا بېرىپ قويغان يول بۆلىكىگىچە بولغان يولنى قايتا-قايتا كۆزىتىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى تاپقان ھەمدە ناھايىتى تېزلا ۋاڭ xxنى جىنايەت گۇماندارى دەپ پەرەز قىلغان.

7-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5لەر ئەتراپىدا، ساقچىلار يېچىڭ كوچىسى فۇچياڭ ئولتۇراق رايونىدىن 68 ياشلىق جىنايەت گۇماندارى ۋاڭ xxنى قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە ئۇ بۇلاپ كەتكەن نەق پۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرغان.

ۋاڭ xxنىڭ دېيىشىچە، شۇ كۈنى ئۇ بانكا يېنىدا تۇرغاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ سۇلياۋ خالتا كۆتۈرۈپ بانكىدىن چىققانلىقىنى كۆرۈپ قالغان ھەم ئۇ ئادەمنىڭ ياشانغان ھەم يالغۇز كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى بۇلاش نىيىتىدە بولغان.

نۆۋەتتە، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • بايقاش4 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋۇ موماينىڭ قولى ئامبۇكەن،
    ھاشىمجاننىڭ دادىدى رامبۇكەن.

  • كۆكلەم4 ئاي ئىلگىرى

    ھە، بۇ ئۆز ئارا قاملاشقانلارنىڭ بىرىنىڭ-بىرىگە قارىتا كېلىشتۇرمە ياردەم سودىسى شەكىللىنىپتۇغۇ ئەينا ،

  • ھاشىم رامبو4 ئاي ئىلگىرى

    6500كوي پۇلى بولسا باي ھىساپلىندىكەندە مومايلامۇ شاشلىشىپ كىتۋاتدىغۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号