باش بەت

Kelly

1665يوللانما
129مەستانە

بېلەت كىرىمىدە ئەڭ زور زىيان تارتقان بوللىۋود فىلىملىرى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-26 22:57 0 ئىنكاس چۈشتى

 Bombay Velvet

ئانۇراگ كاشياپنىڭ بۇ فلىمىنىڭ تەننەرخى 1 مىليارد 250 مىليون رۇپىيە بولغان بولۇپ، لېكىن 1 مىليارد رۇپىيە زىيان تارتقان. بۇ فىلىم بوللىۋود تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ زىيان تارتقان فىلىم. 


لەگلەك

رىتىك روشان باش رول ئالغان، ئانۇراگ باسۇ رېژىسسورلۇق قىلغان بۇ فىلىمگە 1 مىليارد 500 مىليون رۇپىيە سەرپ قىلىنغان، لېكىن بېلەت كىرىمىدە زىيان تارتقان.

مۇھەببەت ھېكايىسى 2050

فىلىم ئىشلىگۈچى خاررى باۋېيا بۇ فىلىم ئۈچۈن يېڭى زىنلاندىيە ۋە ئاۋسترالىيەدىن ئالاھىدە ئۈنۈم گۇرۇپپىسى تەكلىپ قىلغان لېكىن فىلىمنىڭ ناچار سىنارىيىسى تۈپەيلى فىلىم مەغلۇپ بولغان.

 Raavan

بۇ فىلىم رېژىسسور مانى راتنامنىڭ قايتىپ كېلىش فىلىمى، فىلىمگە 1 مىليارد رۇپىيە سەرپ قىلىنغان لېكىن بېلەت كىرىمىدە تەننەرخنىڭ يېرىمىنىمۇ تاپالمىغان.

Mangal Pandey

بۇ فىلىمگە 350 مىليون رۇپىيە سەرپ قىلىنغان، ئامىر خان رول ئۈچۈن ئوبرازىدا چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان. لېكىن بېلەت كىرىمىدە زور زىيان تارتقان.

Blue

كۆپ چولپان رول ئالغان بۇ فىلىمگە 1 مىليارد 290 مىليون رۇپىيە سەرپ قىلىنغان، قىممەت ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلەر، سۇ ئاستى كۆرۈنۈشلىرى بولسىمۇ لېكىن بۇ كىنونى كۆرىدىغان ئادەم چىقمىغان. 

Aag

بۇ رام گوپال ۋېرمانىڭ ئەڭ زور خاتالىقى، ئۇ «Sholay»نى قايتا ئىشلەش بىلەن ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇپ بولغان فىلىمىنى پەيدا قىلغان. 

 Saawariya

بۇ فىلىم رانبىر كاپور ۋە سونام كاپورنىڭ تۇنجى فىلىمى. 400 مىليون رۇپىيە سەرپ قىلىنغان بۇ فىلىمنىڭ گۈزەل كۆرۈنۈشلىرى، ناخشىلىرى بولسىمۇ لېكىن بۇلار فىلىمنى بېلەت كىرىمىدە مەغلۇپ بولۇشتىن قۇتقۇزۇپ قالالمىغان.

 Shaandar

بۇ فىلىمنىڭ ناخشىلىرى ۋە مۇقەددىمە فىلىمى خېلى ياخشى، لېكىن بۇ فىلىمنىڭ تايىنى يوق سىنارىيىسى تۈپەيلى يەنىلا تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلالمىغان. 

Drona

870 مىليون رۇپىيە سەرپ قىلىنغان، بۇ فىلىممۇ بېلەت كىرىمىدە ھېچقانچە نەتىجە يارىتالماي نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. 

 Ajooba

1991-يىلى 80 مىليون رۇپىيەلىك فىلىم ئىشلەش چوڭ ئىش ئىدى، ئامىتاب باچچان باش رول ئالغان بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان فىلىمى بېلەت كىرىمىدە ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان، بۇ سەۋەبلىك شاشى كاپور كىنو شىركىتىنى تاقاشقا مەجبۇر بولغان.

Besharam

بۇ فىلىم رانبىر كاپورنىڭ مەستانىلىرىنى كۆپ ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. فىلىمگە 850 مىليون رۇپىيە سەرپ قىلىنغان. لېكىن پەقەت 350 مىليون رۇپىيە بېلەت كىرىمى ياراتقان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号