باش بەت

Equalizer

4يوللانما
0مەستانە

شاھرۇھ خان بىلەن ئامىر خاننىڭ رولى سالمان خان بىلەن ئاجەي دېۋگانغا ئالمىشىپ قالغانلىقىنى بىلەمسىز؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-27 16:35 95 ئىنكاس چۈشتى

2009-يىلدىكى «لوندون چۈشى» فىلىمى ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئەينى چاغدا ئۇ فىلىمنىڭ ئېلان قىلىنىشى تولىمۇ چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. رېژىسسور ۋىپۇل شاھ فىلىمگە سالمان خان بىلەن ئاجەي دېۋگاننى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تەخمىنەن ئون يىل بۇرۇنقى «خاتا سۆيگۈنىڭ غەۋغاسى» (Hum Dil De Chuke Sanam) ناملىق فىلىمدە داڭق چىقارغاندىن كېيىنكى يەنە بىر فىلىمى ئىدى. لېكىن فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن بېلەت سوممىسى كۆزلىگەن نىشاندىن خېلىلا يىراق بولۇپ ھەممەيلەننى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى. فىلىمدە روك مۇزىكا چولپىنى بولۇشقا ھەۋەس قىلىدىغان ئارجۇن ۋە ماننۇ دىن ئىبارەت ئىككى دوستنىڭ ھېكايىسى سۆزلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى پېرسوناژنىڭ رولنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاجەي دېۋگان ۋە سالمان خان ئالغان. ئارجۇن داڭق قازانغان روك مۇزىكا چولپىنى بولغاندىن كېيىن تالانت جەھەتتە ئۇنىڭدىن قېلىشمايدىغان دوستى ماننۇغا ھەر تەرەپتىن ياردەم قىلماقچى بولىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن ماننۇ ئارجۇننىڭ ياردىمى بىلەن داڭق قازىنىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ مۇزىكا ئەترىتى ئىچىدىكى ئارجۇن يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەن قىز پىرىيانىڭ سۆيگۈسىگە ئېرشىدۇ. فىلىمنىڭ داۋامىدا ئارجۇننىڭ ھەسىتى ۋە رەزىل قىلمىشىلىرى ماننۇنىڭ تۇرمۇشىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ.

گەرچە ۋىپۇل خان رېژىسسورلۇق قىلغان بۇ فىلىم 2009–يىلى قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئون يىل بۇرۇنقى راج كۇمار سانتاشى رېژىسسورلۇق قىلىپ ئىشلىمەكچى بولغان «رەشىك»( Rashque) يەنى ھەسەت تېمىسىدىكى فىلىمنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى ئىدى. دەسلەپتە سالمان خان بىلەن ئاجەي ھەر ئىككىلىسى تالاش–تارتىشتا بولمىسىمۇ، راج كۇمار سانتاشىنىڭ كاللىسىدا شاھرۇھ خان بىلەن ئامىرخان بار ئىدى. شۇ چاغدا بۇ ئىككى جۈپ دەرىجىدىن تاشقىرى بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ ئىككىلىسىنىڭ سىنارىيەدە تەسۋىرى بولۇپ، ئوخشاشلا بۇ سىنارىيەنى ياقتۇرغان.

قىزىقارلىق يېرى، شاھرۇھ خان ئاجەي دېۋگان رول ئالغان ئارجۇن رولىغا، ئامىرخان سالمان خان رول ئالغان ماننۇ رولىغا چىقماقچى بولغان، لېكىن ئىشلار ئويلىغاندەك بولماي راجكومار سانتاشى سىنارىيەنى ۋىپۇل شاھقا بەرگەن، ھەمدە سىنارىيە ۋىپۇل شاھ تەرىپىدىن «لوندون چۈشى» (London Dreams) قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

 سىزنىڭچە شاھرۇھ خان ۋە ئامىر خان فىلىمدە چىققان بولسا «لوندون چۈشى» نىڭ تەقدىرى باشقىچە بولارمىدى ؟

 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەۋلانە2 ئاي ئىلگىرى

    نىمىشقا سىلەر مەندەك قارنىڭلارنى كەڭرى تۇتۇپ تۆتىنىسىلا ئوخشاش ياقتۇرمايسىلەر، مەن ھەقىقەتەن بۇ تۆتىلىسىنىڭ كىنولىرىغا ئامراق، لىكىن شاھرۇھنىڭكىنى كۆرسەممۇ كۆرمىسەممۇ بولدۇ

  • لىيلى2 ئاي ئىلگىرى

    ئاجەيدىن باشكىسى قۇناق بىر باش قۇناق شۇ

  • مەستانە3 ئاي ئىلگىرى

    ئاجاي ئۆزگىچىلىككە ئىگە ھىندىستاننىڭ يۇرۇق يۇلتۇزى
    كىنو كۆرمەيۋاتقان ئوخشايسىز

  • 3 ئاي ئىلگىرى

    بوللىۋوتتىكى ھىچقانداق ار

  • قەيسەر3 ئاي ئىلگىرى

    قۇچقاچنى ئەنقاغا دىگەن نۇرداش،سىزگە بىر بىلەت كەتتى، بەك توغرا گەپ قىپسىز، مىڭىسىنى قاغا چوقۇۋالمىغان بولسىلا ئاجەي ھىندىنى ئۈچ خانغا سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرمايتتى

  • قەيسەر3 ئاي ئىلگىرى

    شۇ ئاجەينى دۇنيادىكى ھىچقانداق چولپانغا سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئاجەي ئادەتتىكى بىر ئارتىس خالاس، چولپانغا ئارتىسنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ

  • ئاجاي3 ئاي ئىلگىرى

    ئاجايغا دۇنيادىكى ھېچقانداق چولپاننى سېلىشتۇرماڭ

  • يىگىت123 ئاي ئىلگىرى

    نادان ھېي نادان نادان ئاجەينى ئامىرخاننى چولپان قىلدى دەپ شۇمۇ گەپ مۇ ئەمدى قاملاشمىغان گەپ قىما ئاجەي 10يىلغىچە ئۈچ خانغا يىتىپ بولالمايدۇ ئوت يۈرەكتىن باشقا كىنولىرىنىڭ ئانچە تايىنى يوق بىلەت كىرمى بىرەر خاننىڭ كىنوسىنىڭ يېرمىچىلىك كىرىم يارتاممايدۇ ئىسىلى سالمانخان ياشا سالمان

  • مەستانە3 ئاي ئىلگىرى

    شاھرۇھ خانغا يەرشارىدىكى ھىچقانداق چولپاننى سېلىشتۇرۇشماڭ ما بەزىلە ھە ، ما قوۋۇرغام ئون يەتتە يەردىن سۇنۇپ كەتتى ماقۇلما

  • قۇچقاچنى ئەنقاغا3 ئاي ئىلگىرى

    قۇچقاچنى ئەنقاغا سېلشتۇرساڭ ئەلۋەتتە قۇچقاچنىڭ پارڭى جىق بولدۇدە ئاجەي دىگەن سورتلۇق ھىندىنى ئۈچ خانغا سېلشتۇرغانلار چۇقۇمكى ئەقىل بۈلۈنمىسى توققۇز ئون ياشلىق بالىغا تەڭداش مېڭىسى يىگلەپ قالغان دالدۈشلەردۇر بۇ خۇددى تايسىن ئىلگىرى ئانچە نامى چىقمىغان بوكسيۇرچى بىلەن دويىلغا چۈشۈشنى رەت قىلغىندەك ئىش چۈنكى تايسسىن يېڭۋالسمۇ يەنىلا ئۇ نامى چىقمغان بوكسيورچىنىڭ نامى چىقىدۇ تايسىن بىلەن مۇسابىقە ئوينىغان دەپ مابەزى دەلدۈشلەر ئاجەينى ئۈچ خانغا سېلشتۇرۇپ قويسا ئۇنىڭدىنمۇ ئۈتە دەلدۈشلەر راس ئۈچ خانغا يىتەلەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتۇ كۆڭلدە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号