باش بەت

abdulaziz

1345يوللانما
9مەستانە

جېڭجۇدىكى «ئاياللار ماشىنا توختىتىش ئورنى» مۇنازىرە قوزغىدى: بۇ غەمخورلۇقمۇ كەمسىتىشمۇ؟

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-27 18:40 2 ئىنكاس چۈشتى

 

2017-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، خېنەن جېڭجۇ. ئايال خېرىدارلارغا بولغان غەمخورلۇقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بىر KTV ئۆزىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ھال رەڭ سىر بىلەن ئادەتتىكى ماشىنا ئورنىدىن كەڭرەك بولغان «ئاياللار ماشىنا توختىتىش ئورنى» تەسىس قىلدى.

بۇ ماشىنا توختىتىش ئورنىنىڭ سۈرەتلىرى تېزلا تور دۇنياسىنى كەڭ قاپلاپ بىر مەيدان بەس مۇنازىرىگە سەۋەبچى بولدى. بەزى كىشىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى ئاياللارغا ئېتىبار قىلغانلىق دەپ ماختىسا، يەنە بەزى ئاياللار بۇنىڭغا قايىل بولماي بۇنى ئاياللارنى كەمسىتكەنلىك دەپ قارىدى.

بۇ يىل 4-ئايدىلا بىر ئۇنىۋېرسال پىروگرامما «ئاياللار ماشىنا توختىتىش ئورنى ئاياللارنى كەمسىتكەنلىكمۇ؟» دېگەن تېمىدا مۇنازىرە ئېلىپ بارغان. ئاقلىغۇچى تەرەپ:«بۇ پەقەت ئاياللارغا كۆيۈنۈشتىن ئىبارەت، ئەگەر بۇ ماشىنا ھەيدەش ماھارىتى جەھەتتە ئاياللارنى كەمسىتكەنلىك دېيىلسە ئاياللارغا پىراۋا بېرىلمىسە ئاندىن كەمسىتكەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ قارىغان. ئەيىبلىگۈچى تەرەپ بولسا «ئالاھىدە ماشىنا توختىتىش ئورنى چوقۇم ئېھتىياجى بار ئادەملەر ئۈچۈن لايىھەلىنىشى كېرەك، بۇ يەردە چوقۇم ئاياللارنى پۈتۈنلەي شۇنداق ئورۇنغا ئېھتىياجى بار كىشىلەر توپىغا چىقىرىۋېتىشنىڭ ئازراق كەمسىتىش مەنىسى بار» دەپ قارىغان.

«ئاياللار ماشىنا توختىتىش ئورنى» زادى كەمسىتىش ھېسابلىنامدۇ يوق؟ بۇ مەسىلە تاراتقۇلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىپ نەق مەيدانغا بېرىپ KTVنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنى زىيارەت قىلدى. خىزمەتچى خادىملار بۇنىڭغا قارىتا ئاياللار ماشىنا توختىتىش ئورنىنىڭ ئاياللارغا قىلىنغان ئازراق غەمخورلۇق ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇنى راستلا كەمسىتىش دەپ قارايدىغان تېخنىكىسى ياخشى ئايال شوپۇرلار بولسا ئادەتتىكى ماشىنا توختىتىش ئورنىنى ئىشلەتسىمۇ تامامەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ⚽كونۇپكا پالۋىنى:ھالاكەت ئارخىپى⚽8 ئاي ئىلگىرى

    يامانغا ياغ ياراشماس،ئۆچكىگە يۇمغاقسۈت
    دىگەن شۇنداق بولىدۇ………

  • يىلدىز8 ئاي ئىلگىرى

    بۇ قانداقمۇ ئاياللارنى كەمسىتكەنلىك بولسۇن بۇ ناھايىتى ياخشى چارە بولۇپتۇ بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىمۇ مۇشۇنداق بولسىىكەن دەيمىز.بۇ ئەلۋەتتە ئاياللارغا غەمخورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ دە.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号