باش بەت

Equalizer

5يوللانما
0مەستانە

رومانتىك شاھى شاھرۇھ خاننىڭ ئەڭ كىلاسسىك 15 كۆرۈنۈشى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-27 19:30 102 ئىنكاس چۈشتى

شاھرۇھ خان رومانتىك فىلىملەردە رولغا چىقمىغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، يېقىندا قويۇلماقچى بولغان ئىمتىياز ئەلى رېژىسسورلۇق قىلغان «Jab Harry Met Sejal» فىلىمىدە ئانۇشكا شارما بىلەن رومانتىك كۆرۈنۈشلەردە پەيدا بولۇشى ھەممەيلەننى خۇش قىلدى. بولۇپمۇ بۇ فىلىمدىكى بىر نەچچە كۆرۈنۈشتە ئۆزىنىڭ رومانتىكلىقىنى تېخمۇ ۋايىغا يەتكۈزگەن ئىدى.

شاھرۇھ خاننىڭ «رومانتىكلىق شاھى» دەپ نام ئېلىشنىڭ سەۋەبى يالغۇز ئۇنىڭ رومانتىك مۇھەببەت فىلىملىرىدە رولغا چىقىشلا ئەمەس، بوللىۋودتىكى چولپانلارنىڭ ھەممىسىلا مۇھەببەت فىلىملىردە رومانتىك رولغا چىقالايدۇ. مەسىلەن ساننى دېئول، ئاكشاي كۇمار، ئاجەي دېۋگان ۋە باشقىلار. ئەمما شاھرۇھ خاننىڭ مۇھەببەت كۆرۈنۈشلىرىدە ئىپادىلىگەن رومانتىكىلىق دەرىجىسىنى باشقا بوللىۋود چولپانلىرى ھەتتا دۇنيادىكى باشقا چولپانلارمۇ دوراپ بولالمايدۇ. ئەستايىدىللىق بىلەن شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، رومانتىكىلىقتا شاھرۇھ خانغا ھېچكىم يېتەلمەيدۇ. خۇددى كىمدۇر بىرى ئېيتقاندەك، شاھرۇھ خان دەرەخنىڭ ئالدىدا تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق رومانتىك تىكىلىپ باقالايدۇ.

بۇ سۆزىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۆۋەندە شاھرۇھ خاننىڭ گۈزەل ساھىبجاماللارغا رومانتىك تىكىلىپ باققان 15 پارچە رەسىمنى نەزىرىڭلارغا سۇندۇق. يەنى ئۇنىڭ تۇنجى فىلىمى «Deewana»دىن تارتىپ يېقىندا قويۇلماقچى بولغان فىلىمى «Jab Harry Met Sejal»غىچە.


Deewana

Baazigar

Dilwale Dulhania Le Jayenge

One 2 Ka Four

Dil Toh Pagal Hai

Kuch Kuch Hota Hai

Mohabbatein

Kal Ho Naa Ho

Veer Zara

Kabhi Khushi Kabhie Gham

Kabhi Alvida Naa Kehna

Om Shanti Om

Dilwale

Raees

Jab Harry Met Sejal

 يەنە بەزىلەر ئېيتقاندەك، سېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ساڭا خۇددى شاھرۇھ خاندەك قارايدۇ.



باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەسەبىي مەستانە1 ھەپتە ئىلگىرى

    مېنىڭچە شارۇلخانغا بۇ نام شۆھرەتلەر ئازاراقمۇ ئارتۇق ئەمەس، مەن شارۇلخانغا بەكلا ئامراق، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكۈم بار، مەنمۇ ئۇنىڭ بىر ئەسەبىي مەستانىسى

  • گۈلۈم1 ئاي ئىلگىرى

    شاھرۇھخان بەك كىلىشكەن مەن ئۇنىڭ كىنولىىرىغا دەششەت ئامراق

  • ئاخسا2 ئاي ئىلگىرى

    شاھرۇھ خاننىڭ چىچى دەششەت ئاخسا جۇمۇ شۇنداقمۇ يا

  • Despacito2 ئاي ئىلگىرى

    شاھرۇھ خانغا ئوسكار مۇكاپاتىدىن بىرسى قەرزىدار مەنچە

  • TRKAN2 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى يىزىپسىز ئانارخان شىرىڭىزنى ماڭا يارىدى

  • TRKAN2 ئاي ئىلگىرى

    شاھرۇھ خان دەك چولپان ئەمدى ھىندىستان تارىخىدا قايتا پەيدا بولمايدۇ مەنچە

  • ئانارخان2 ئاي ئىلگىرى

    شىئېر : بولدىڭىز .
    ئاپتۇرى : ئۆركەشجان ئابلىمىت (ئىزچى),

    كەسپىڭىزدە شەرەپ قۇچۇپ جاھاندا مەشھۇر بولدىڭىز
    ماختىلىپ ئەل قەلبىدە گويا نادىر مۇزىكا - خور بولدىڭىز
    كىم ھەۋەس قىلمايدۇ سىزدەك ھاياتى ئاتالغان ئېكرانغا
    ئاشۇ شەرەپكە مۇناسىپ شاھرۇھخان دەل سىز بولدىڭىز
    ئۆتتى كۈنىڭىز يېتىملىكتە ئۇلاپ نۇرغۇن تۈننى تاڭلارغا
    ھەر فىلىمنىڭ تەھتىتىدىن - دوغ سۈزگۈچى تور بولدىڭىز
    ئىككى مىليارد بەش يۈز مىليون مەستانىنى ئەگەشتۈرۈپ
    ھەممىنى قالدۇرۇپ ھاڭ-تاڭ بوللىۋودقا شاھ بولدىڭىز
    ئىسمىڭىز چۈچۈك تىللاردا دىيىلدى تونۇپ كەتتى ئۇكاشلار
    بۇ رىقابەت سەھنىسىدە تەڭسىز شەرەپكە لايىق بولدىڭىز
    يارىشاركەن ئۇتۇق دىگەن تاپسا تىرىشپ ئۆزى ئەجرىدىن
    مىليارد يۈرەك قات - قېتىغا يېزىپ ئىسمىڭىزمۇ بولدىڭىز
    بارچىنى قايىل قىلغان چولپاندىن كىم ماختانماس خوشال
    ماختاشقا سىزنى (مەستانىلەر تىلى يېتىشمەس) بولدىڭىز

  • shah rukh khan2 ئاي ئىلگىرى

    بوللىۋود كىنو شاھى
    يەرشارى رومانتىك شاھى شاھرۇھ خان

  • مىنىڭ ئىسمىم خان2 ئاي ئىلگىرى

    ئامىرخاننڭ كىنوسى كومىدىيە تۇسىنى ئالغان ئەگەر كومىدىيە بولمىسا ھىچكىم كۆرمەيدۇ ئۇ ئامىرخاننڭ كىنو سىنى ھەم ئامىرخاننڭ رول ئالغان كىنولىرى سىنارىيە ئالايىدە سۇپەتلىك
    ھەر قانداق ئادەم رول ئالسا ئۇتۇق قازىنىدۇ ئامىرخاننڭ
    تاشقى پىلانلىق pk ،ئۈچ ئەخمەق ،دىگەن كىنولىرىنى سىنارىيە سىنى ھىندىستان بويىنچە ئەڭ داڭلىق رىجىسسور يازغان ،ھەتتا ئۈچ ئەخمەق ،نىڭ سىنارىيە نى باشتا شاھرۇھ خان غا كۆرسەتكەن ،شاھرۇھ خان سىنارىيە يارىغان بولسىمۇ باشقا فىلىم ئىشلەۋاتقان بولغاچقا ۋاقىت چىقىمىغانلىقى سەۋەپ لىك ،رەت قىلغان ئاندىن ئامىرخاننڭ قولىغا ،ئۈچ ئەخمەق ،فىلمىنىڭ رول ئىلىش پۇرسىتى كەلگەن ،شاھرۇھ خاننىڭ باشقا كىنو ئىشلەش بىلەن ۋاقىت چىقمىغان ئەگەر ۋاقىتى چىقىپ ئۈچ ئەخمەق فىلمىدە شاھرۇھ خان رول ئالغان بولسا رول ئىلىش دىگەن ماۋۇكەن دەپ قالاتتىڭلار ،كۆگەنسىلەر شاھرۇھ خاننىڭ( مىنڭ ئىسمىم خان )فىلمىدىكى رىزۋانخاننڭ ئوبرازىنى قانداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالغانلىقىنى

  • چارىۋاغ2 ئاي ئىلگىرى

    شاھرۇھ خان ھەرقانداق رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالغاچقا
    رول ئىلىش ماھارىتىغا بىرىدىغا نۇرغۇن مۇكاپات لارغا ئىرىشتى ھىندىستان ئوسكار مۇكاپاتىدىن 8 نى يىللىق ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتى قاتارلىقلارنى ئامىر خاندىن كۆپ ئالدى

    زادى كىم بوللىۋودتىكى ھەقىقىي خان،دەپ

    ئىككى تىما بار مەخسۇس شاھرۇھ خان بىلەن ئامىرخاننىڭ
    رول ئىلىش بىلەت كىرىم تەسىر كۆچى قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرغان شۇنى ئۇقۇپ بىقىڭ،نۇرداش سانۋاغ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号