باش بەت

جۇشقۇنجان

3304يوللانما
4مەستانە

چاۋشيەنلىكلەر توردا نىمە ئىش قىلىشقا ئەڭ ئامراق؟

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-27 23:30 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 27-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چاۋشيەندە تورغا چىقسىڭىز قانداق ھېسسىياتتا بولارسىز؟ Mashable تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى Recorded Future ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەندىكى %60تىن كۆپ ئابۇنت تورغا چىقالايدىكەن. ئۇلار تورغا چىققان چاغدا ئۆزى خالىغان مەشغۇلاتلارنى خەۋەر ئوقۇش، تور ئويۇنى ئويناش، ئېلخەت يوللاش ۋە ئامازون تور بېكىتىگە چىقىپ سېتىۋالىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىزدەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى بىمالال قىلالايدىكەن. بۇ ئەھۋاللار كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرامدۇ قانداق؟ چاۋشيەندىكى ئەمەلىيەت دەل مۇشۇنداق.

Recorded Futureنىڭ تەكىتلىشىچە، چاۋشيەندە تورغا چىقىش كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۇنداق غەلىتە ئەمەس ئىكەن (تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدەك ئۇنداق بېكىنمە ھالەتتە ئەمەس ئىكەن)، باشقا دۆلەتتىكى پۇقرالار بىلەن ئوخشاش ئىكەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەندىكى %60تىن كۆپ تورغا چىقالايدىغان ئابۇنت كۆپ قىسىم ۋاقتىنى توردا مەزمۇن ئوقۇش، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش ۋە ئويۇن ئويناشقا سەرپ قىلىدىكەن، بۇ 2 تۈرلۈك پائالىيەت چاۋشيەن تور پائالىيىتىنىڭ %65نى تەشكىل قىلىدىكەن.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا بولسا نۇرغۇن چاۋشەنلىكلەردە يانفون بار، ئەمما بۇ يانفونلاردا پەقەت تېلېفون ئۇرۇش ۋە ئۇچۇر يوللاشقىلا بولىدۇ، تورغا چىقىشقا بولمايدۇ. چاۋشيەندە تورغا چىقىدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوقۇغۇچىلار، ئالىملار ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. Recorded Futureنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سانلىق مەلۇماتلار چاۋشيەندە تورغا چىققان ئاممىدىن ئېلىنغان ئىكەن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ تورغا چىققاندىكى خاتىرىسىنى يۇيىۋەتمىگەن، شۇڭا چاۋشيەندىكى تور مۇھىتىنى يەنىلا مۇۋاپىق دەرىجىدە ئېچىۋېتىلگەن دېيىشكە بولىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号