باش بەت

نىجات سامساق

100يوللانما
40مەستانە

ئاخىرى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارمۇ SUV غا قاراپ يۈزلەندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-28 15:45 3 ئىنكاس چۈشتى

يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئاپتوموبىل بازىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، ئاپتوموبىل تىپلىرى سەرخىللاشتى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تېخنىكىلار كۈنسېرى بارلىققا كېلىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ئىقتىدارىنى دەسلەپكى تۆت چاقلىق قاتناش قورالىدىن، تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان دەرىجىگە ئېلىپ كەلدى.

20170728115120686.jpg

بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ تېخنىكىسى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، ئىقتىدارلىرى مۇكەممەللىشىپ، ئىسمى–جىسمىغا لايىق ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل تىپلىرىغا ئايلاندى.

20170728115120325.jpg

بۇ ئاپتوموبىل تىپلىرى ئىچىدە SUV غا تۇتاشقان ئوت ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ، بۇ ئوت بارغانسېرى ئۇلغىيىپ، ئەنئەنىۋى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ماركىلىرىمۇ SUV بازىرىغا قاراپ يۈزلەندى. بۇ يەردە ھەرگىزمۇ BBA نىڭ ھەشەمەتلىك SUV لىرىنى دېمەكچى ئەمەسمەن. مەن دېمەكچى بولغانلىرى ساپلا دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ SUV تىپلىرىدۇر.

20170728115120734.jpg

كىشىلەر بىلىدىغان لەندىروۋېر ئاپتوموبىلىنى ئالاھىدە سۆزلەش بىھاجەت بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىل ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىگى ۋە ھەرىكەتچانلىقلىقى بىلەن ئەنگىلىيە كېنەزلىرى ۋە ئېسىلزادىلىرىنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ كەلمەكتە.

20170728115120131.jpg

گەرچە تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي بىرقانچە قېتىم باشقا–باشقا يەرلەرگە «تويى»نى قىلىپ، ئاخىرى ھىندىستان تا تا ئاپتوموبىل گۇروھىغا ياتلىق قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر لاندىروۋېرنىڭ ھەشەمەتلىكلىگى ۋە دالا ئىقتىدارىدىن گۇمان قىلىشمايدۇ.

20170728115120333.jpg

ئەمەلىيەتتە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ SUV بازىرىغا تۇنجى ئوتنى تۇتاشتۇرغان ئاپتوموبىل ماركىسى دەل پورش بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ بازارغا سالغان Cayenne بىلەن بىراقلا كىشىلەرگە قايتا تونۇلغان.

20170728115120567.jpg

Cayenne نىڭ تەمىنى تېتىغان پورش ئاپتوموبىل شىركىتى كېيىنكى ئىخچام ھەشەمەتلىك SUV سىنى Macan غا قاراتقان بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىلمۇ ئوخشاشلا بازار تېپىپ، كىشىلەرنىڭ پورشنى پەقەت بەيگە ئاپتوموبىلىلا ئىشلەپچىقىرىدۇ دېگەن كۆز قاراشتىن، يەنە ھەشەمەتلىك SUV مۇ ئىشلەپچىقىرىدۇ دىگەن قاراشقا يۆتكىدى.

20170728115120489.jpg

ئۇنداقتا ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ماركىلىرىغا تۇتاشقان SUV ئوتى نەگىچە تۇتاشتى؟

ئالدى بىلەن بازارغا سېلىنىپ بولغان دەرىجىدىن تاشقىرى SUV ئاپتوموبىللىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى:

بېنتلىي Bentayga

20170728115120215.jpg

ماساراتى Levante

20170728115405487.jpg

جاگۇئار F-PACE

ئالفا رومىئو Stelvio

20170728115120114.jpg

بۇلاردىن سىرت يەنە بىر تۈركۈم دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ SUV لىرى يېتىپ كېلىشكە تەييار بولۇپ قالدى. مەسىلەن:


لامبورگىنى Urus

20170728115404155.jpg

ئاستون مارتىن Lagonda

20170728115404742.jpg

روللىس رويىس Cullinan

20170728115404724.jpg

لېكىن يۇقارقى ئۈچ خىل تىپتىكى ئاپتوموبىللار ئاساسەن ئۇقۇم ئاپتوموبىلى باسقۇچىدا بولۇپ، تېخى بازارغا سېلىنغىنى يوق. لېكىن بازارغا سېلىنىش تەييارلىقى بار. بۇلارنىڭ ئارىسىدا لامبورگىنىنىڭ SUV يىل ئاخىرى رەسمىي بازارغا سېلىنىدۇ.


بېنتلىي Bentayga

20170728115404825.jpg

2015–يىلى 10–ئاينىڭ 23–كۈنى، مەزكۇر ئاپتوموبىل داغدۇغىلىق ھالدا دۆلىتىمىزدە رەسمىي بازارغا سېلىنغان بولۇپ، باشلىنىش باھاسى 3 مىليون 980 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. تېخىمۇ ھەشەمەتلىك بولغان First Edition نۇسخىسى بولسا چەكلىك ھالدا 55 دانىلا ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 4 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە يەتكەن بولسىمۇ، بازارغا سېلىنىپلا پۈتۈنلەي زاكاز قىلىنىپ بولۇنغان. مەزكۇر ئاپتوموبىل بېنتلىي ماركىسى ئاستىدىكى تۇنجى SUV بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزگە نېمىنىڭ ھەشەمەتلىك SUV ئىكەنلىگىنى ھەقىقىي بىلدۈرۈپ قويدى دېيىشكە بولىدۇ.

20170728115404275.jpg

بېنتلىي بۇنىڭ بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، كەينى–كەينىدىن Mulliner نۇسخىسى، ئوۋچى نۇسخىسى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغاندىن سىرت يەنە 2019–يىلىغا بارغاندا ئۆتكۈنچى ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىنى ئېلان قىلماقچى. بۇنىڭ ئىچىدە Bentayga Coupe نۇسخىسى، دېزىل نۇسخىسى ۋە توك قاچىلىنىدىغان ئارىلاشما يېقىلغۇلۇق نۇسخىلىرىمۇ بار.

20170728115404256.jpg

ماساراتى Levante

20170728115404561.jpg

بۇ ئاپتوموبىل بولسا 2016–يىلى جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 2016–يىلى 3–ئاينىڭ 23–كۈنى دۆلىتىمىز بازىرىغا كىرگەن. 3.0T موتور سەپلەنگەن تۆۋەن قۇۋۋەتلىك نۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 999 مىڭ 800 يۈەن بولۇپ، يەنە بىر 3.0T يۇقىرى قۇۋۋەتلىك نۇسخىسى بولغان Levante S نىڭ سېتىلىش باھاسى 1 مىليون 478 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

20170728115404124.jpg

Levante ماساراتى جەمەتىنىڭ تۇنجى SUV ئاپتوموبىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماساراتى ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تاشقى قىياپەت لايىھە ئۇسلوبىغا بويسۇنغان ئاساستا ئاپتوموبىلنى بەيگە ئاپتوموبىلى ۋە SUV نىڭ بېرىكمىسى ھالىتىگە ئېلىپ كەلگەن. ئىچكى بېزىلىشى ئىنتايىن نەپىس بولۇپ، ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى بىلەن ئىسمى–جىسمىغا لايىق ھەشەمەتلىك SUV قاتارىغا كىرگەن.

20170728115405126.jpg

جاگۇئار F-PACE

20170728115602135.jpg

2015–يىللىق گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە، جاگۇئار F-PACE ئېلان قىلغان سېتىلىش باھاسى 548 مىڭ يۈەندىن 898 مىڭ يۈەنگىچە بولغان. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغىنى پەقەت سېتىلىش باھاسىلا بولۇپ، ئاپتوموبىلنى 2016–يىلى زاكاز قىلغىلى بولغان. تاكى 2017–يىلى 15–ئىيۇن ئاندىن رەسمىي سېتىلىشقا باشلىغان.

20170728115602302.jpg

ئاپتوموبىلغا جاگۇئارنىڭ ئەڭ يېڭى 2.0T موتورى سەپلەنگەن بولۇپ، قۇۋۋەت جەھەتتە ئاپتوموبىلنىڭ ئۇمۇمىي لايىھەسىگە ئالاھىدە ماس كەلگەن.

20170728115602277.jpg

جاگۇئار F-PACE بىلەن پورش Macan قاتارلىق ئىككى ئاپتوموبىل، ئوخشاش تىپتىكى ھەرىكەتچانلىق خۇسۇسىيىتى بىر قەدەر كۈچلۈك SUV غا كىرىدىغان بولۇپ، جاگۇئار پورشقا قارىغاندا بوشلۇق جەھەتتىن نىسبەتەن ئەۋزەللىككە ئىگە ھەم ھەرىكەتچانلىق ۋە قوللىنىشچانلىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن SUV قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

20170728115602505.jpg

نۆۋەتتە ئاپتور ئۈرۈمچىدە ئاللىبۇرۇن مەزكۇر ئاپتوموبىلدىن ئىككىنى بايقىدىم. قارىغاندا ئۈرۈمچىدىمۇ مەزكۇر ئاپتوموبىلنىڭ پىنتوزىلىرى كەم بولمىسا كېرەك...


ئالفا رومىئو Stelvio

20170728115602307.jpg

2017–يىلى 3–ئىيۇندىكى شېنجېن شىياڭگاڭ ئاۋمېن ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە، ئالفا رومىئو Stelvio رەسمىي بازارغا سېلىنغان بولۇپ، باھاسى 418 مىڭ يۈەندىن 478 مىڭ يۈەنگىچە بولغان. مەزكۇر ئاپتوموبىل ئوخشاشلا باشقا SUV لاردەك كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان بولۇپ، ئاساسلىقى لايىھە ئۇسلۇبى ۋە ئاپتوموبىلنىڭ ھەرىكەتچانلىقى مەزكۇر ئاپتوموبىلنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ.

20170728115602760.jpg

رىقابەتچىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، Stelvio تېخىمۇ ھەرىكەتچانلىق ۋە ھۇجۇمچى تاشقى قىياپەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئالدى يۈز شەكلى قويۇق جەمەت يۈز شەكلىگە ۋارىسلىق قىلغان. كۆرگەنلا كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق ياشلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.

20170728115602552.jpg

مەزكۇر ئاپتوموبىل ئالفا رومىئو جەمەتىدىكى تۇنجى SUV بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېخى يىل بېشىدا ئېلان قىلىنغان Giulia ئاپتوموبىلىغا ئوخشاشلا ئالفا رومىئونىڭ ئەڭ يېڭى گىيورگىيو كەينى سۆرەش سۇپىسىدا بارلىققا كەلگەن. يېقىنقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، يۇقىرى ئىقتىدارلىق نۇسخىسى بولغان QV نۇسخىسىنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىش ئېھتىماللىقى ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن.

20170728115602180.jpg

يۇقىرىقى ئاپتوموبىللارغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، بېنتلىينىڭ ھەشەمەتلىگى، ماساراتىنىڭ ھەرىكەتچانلىقلىقى، جاگۇئارنىڭ كونتىروللىقتىكى ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالفا رومىئونىڭ رومانتىكلىقىدىن يۇغۇرۇلغان بۇ ئاپتوموبىل تىپلىرى كىشىلەرگە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ماركىلىرىمۇ ئۆزلىرىگە خاس SUV يارىتالايدىغانلىقىنى جاكارلىماقتا.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئابدۇللا1 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ماشىنلارنى تىزراق بازارغا سىلىۋەتسە بوپتىكەن ،بولمىسا ماۋۇ جوڭتەي بالدۇرلا بازارغا سىلىپ بولىدۇ

  • جەگۇئار1 ئاي ئىلگىرى

    جەگۇئار ماشىننى خۇتۇن ئالمىساممۇ ئالىمەن بىر يۈركىمدىن كۈيمەن جەگۇئارغا

  • كاباننا1 ئاي ئىلگىرى

    نىجات سامساق توربو قىنى تاشلىۋەتتۇقما ئەمدى ئاندا قىلشىپ كەتمەيلى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号