باش بەت

amangul

63يوللانما
1مەستانە

ستارباكسنىڭ 3-پەسىللىك سېتىش كىرىمى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-28 17:11 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 28-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ستارباكسنىڭ 3-پەسىللىك ساپ كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشقان، لېكىن ئانالىزچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مۆلچەرىدىن يەنىلا تۆۋەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى دۇكانلىرىنىڭ سېتىش كىرىمىمۇ مۆلچەردىن يەنىلا تۆۋەن.

3-پەسىللىك ساپ كىرىمى 5 مىليارد 660 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، 5 مىليارد 760 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۆلچەرلەنگەن (مۆلچەر قىممەت دائىرىسى 5 مىليارد 620 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 5 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچە).

3-پەسىللىك ھەر بىر پاينىڭ پايدىسى EPS 55 سېنتكە تەڭشەلگەن بولۇپ، 55 سېنت مۆلچەرلەنگەن (مۆلچەر قىممەت دائىرىسى 54 سېنتتىن 56 سېنتكىچە).

3-پەسىللىك پۈتۈن دۇنيادىكى دۇكانلىرىنىڭ سېتىش مىقدارى %4.0 ئاشقان بولۇپ، %4.8 ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن (24 نەپەر ئانالىزچى مۆلچەرلىگەن قىممەت).

ئامېرىكا قىتئەسىدىكى زەنجىرسىمان دۇكانلارنىڭ سېتىش مىقدارى %5.0 ئاشقان بولۇپ، %5.2 ئېشىش مۆلچەرلەنگەن (28 نەپەر ئانالىزچى مۆلچەرلىگەن قىممەت).

جۇڭگو ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۇكانلارنىڭ سېتىلىشى %1.0 ئاشقان بولۇپ، %4.3 ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن.

ياۋروپا قىتئەسى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدىكى دۇكانلارنىڭ سېتىش مىقدارى %2.0 ئاشقان بولۇپ، %1.5 ئاشىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن ئىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号