باش بەت

زورىگۈل

5741يوللانما
40مەستانە

ستارباكسنىڭ چايچىلىققا يۈرۈش قىلىشى مەغلۇب بولۇپ، بارلىق چايخانىلىرىنى تاقىدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-28 13:25 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 28-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ستارباكس (Starbucks)نىڭ 27-ئىيۇل جاكارلىشىچە، قارمىقىدىكى Teavana چايخانىسىدىن 379نىڭ ھەممىنى تاقايدىكەن، بۇ بۇ شىركەتنىڭ چايچىلىق كەسپىگە يۈرۈش قىلىش پىلانىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ستارباكس شىركىتى 2013-يىلى 10-ئايدا 620 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ ئاجرىتىپ، چايچىلىق ماركىسى Teavanaنى سېتىۋالغان، ئەينى چاغدا 5~10 يىلدا ئاز دېگەندە مىڭ چايخانا ئېچىشنى پىلانلىغان.

لېكىن بۇ شىركەت 27-ئىيۇل كەلگۈسى بىر يىلدا بارلىق Teavana چايخانىنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى كېلەر يىلى ئەتىيازدىن بۇرۇن تاقىلىدىكەن. تەسىرگە ئۇچرايدىغان 3300 خىزمەتچى ستارباكس دۇكىنىدا ئىشلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

ستارباكس بۇ يىل 4-ئايدا قىيىنچىلىقتا قالغان Teavana چايخانىلىرىنى «باھالاش ئىستىراتېگىيەلىك تاللايدىغان»لىقىنى جاكارلىغان. بۇ چايخانىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مال سېتىۋېلىش مەركەزلىرىدە بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تور سودىگەرلىرى ۋە ئېتىبارلىق پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ رىقابىتى سەۋەبلىك ئامېرىكا چوڭ سودا-سارايلىرىنىڭ تىجارىتى قىيىنچىلىقتا قالدى، خېرىدارلىرىمۇ كۈنسايىن ئازايدى. UBSنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى بەش يىلدا ئامېرىكىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىم مال سېتىۋېلىش مەركىزى تاقىلىدىكەن.

ستارباكسنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى سكوت (Scott Harlan Maw): «ئۆتكەن نەچچە يىلدا كۆپلىگەن سودا-سارايدىكى پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى خېرىدارى ئازلىغانلىقتىن تەسىرگە ئۇچرىدى، بىزنىڭ Teavana چايخانىمىزمۇ بۇنىڭدىن ساقلىنالمىدى» دېدى.

ستارباكسنىڭ 27-ئىيۇل ئېلان قىلغان مالىيە دوكلاتىدا 2-پەسىللىك ساپ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 754 مىليون ئامېرىكا دولىرىدىن 692 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن ھەمدە بىر مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ستارباكسنىڭ شاڭخەي توڭيى ستارباكس قەھۋە چەكلىك شىركىتىنىڭ قالغان %50 پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ ستارباكسنىڭ بۇ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سېتىۋېلىشى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号