باش بەت

durdana

1071يوللانما
58مەستانە

سەردار رەھىمخان نېمە ئۈچۈن ئوقۇشنى تاماملاپ دىپلوم ئالمىدى؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-28 14:50 2 ئىنكاس چۈشتى

ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرىستىتنىڭ پىروفېسسورى، داڭلىق مۇزىكانت دىلئارام ئامانۇللايىۋا ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس سەردار رەھىمخاننى مۇزىكا بىلىملىرىنى ئۆگەنمىگەن، بۇ جەھەتتە بىلىمسىز دېگەن ئىدى.

«سەردار رەھىمخان ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس دەپ ئۇنۋان ئېلىشى مەدەنىيەت مىنىستىرىنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن بولغان. ئۇ قوبۇل قىلىنغاندا مەن يوق ئىدىم. لېكىن سەردار رەھىمخان ئوقۇشقا كەلمىدى ۋە تەلەپلەرنى تولۇق ئورۇندىماي، يېرىم يىلدىلا تاماملىدى» دەيدۇ دىلئارام ئامانۇللا.

سەردار رەھىمخان سەيياد تورى بىلەن قىلغان سۆھبەتتە بۇ ئىشنى ئايدىڭلاشتۇردى:

«بۇ گەپ توغرا بولماپتۇ، تەلەپلىرىنى ئورۇندىمىغىنىم ئەمەس. بىر ئايدىن كېيىن ئوقۇشتىن كەتكەن ئىدىم. چۈنكى بۇ ساھەدە بىلىم ئېلىشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم. ئوقۇشقا ئەمدى كىرگەن ۋاقتىمدا ئىجادىيىتىمنىڭ يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كەلگەن بولغاچقا ئوقۇشقا بېرىشقا ئىمكانىيتىم بولمىدى. بىر كىملەرگە يالۋۇرۇپ، يېلىنىشقا مەجبۇر بولاتتىم، يا پۇل بېرىپ، يا پۇل بەرمەي دېگەندەك، بۇ ئىشلار سىر ئەمەسقۇ... شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، ئۇنداق ئوقۇشنى ئۆزۈمگە قوبۇل كۆرمىدىم، ۋىجدانىم قوبۇل قىلمىدى. 4 يىل ئامال قىلىپ ئوقۇساممۇ بولاتتى، دىپلوم ئېلىپ كەتسەم بولاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ بەرىبىر بىلىم ئالالمايتتىم. قولۇمدا دىپلوم بولۇشنىڭ نېمە كېرىكى بار؟ ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئالدىغۇم كەلمىدى. شۇڭا كەتكەن ئىدىم.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • مۇزەپپەر3 ئاي ئىلگىرى

    دىپلوم ھەممىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ، ئۇ پەقەت ئوقۇغانلىق ئىسپاتى ، قابىلىيەت ئىسپاتى ئەمەس !

  • ئىسمىمنى يازمىساممۇ بولا3 ئاي ئىلگىرى

    يۈرىكىدىكى گەپنى دەۋاپتۇ.،،،،،،،،،،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号