باش بەت

ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

435يوللانما
4مەستانە

مېتانولدىن زەھەرلىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-28 16:30 1 ئىنكاس چۈشتى

ساختا ھاراقنىڭ خام ئەشياسى كۆپىنچە سانائەت ئىسپىرتى بولۇپ، تەركىبىدە مەلۇم مىقداردا مېتانول بولىدۇ. ئەمما مېتانولنىڭ جاننى ئالىدىغان ئاجىزلىق نۇقتىسى بار بولۇپ، كىشلەرنىڭ ساغلاملىقىغا زور تەھدىد پەيدا قىلالايدۇ. تەركىبىدە مېتانول بولغان ھاراقنى ئىچكەندىن كېيىن، ئېتىل ئىسپىرىت بەدەندىكى فېرمىتلارنىڭ تەسىرىدە ئاۋۋال ئېتىل ئالدىھىدقا، ئاندىن ئېتىل كىسلاتاسىغا ئايلىنىدۇ. بۇ خىل رېئاكسىيەلەر ئاساسلىقى جىگەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھالبۇكى مېتانول بەدەندە ئوكسىدلىنىپ زەھەرلەش رولى كۈچلۈك بولغان فورمات كىسلاتاسىغا ئايلىنىپ، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشقا قاتناشمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئاسانلىقچە بەدەن سىرتىغا چىقىرىلماي بەدەندە تۇرغۇنلىشىپ قالىدۇ-دە، كىشلەرنىڭ ساغلاملىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەڭ ئاۋال بىر قەدەر سەزگۈر بولغان نېرۋا سىستېمىسى بىلەن كۆز ئالمىسى ئەڭ ئاسان فورمات كىسلاتاسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ. بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشمۇ فورمات كىسلاتانىڭ زەھەرلىشى تۈپەيلىدىن قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا كىشلەر تەركىبىدە مېتانول بولغان ساختا ھاراقنى ئىچىپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىنلا بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باش قېيىش، قۇسۇش، غەرق مەس بولۇش، نەرسىلەرنى غۇۋا كۆرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا كۆرۈش قۇۋۋىتى تېزدىن ئاجىزلاپ بىر جۈپ كۆزىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. تېخىمۇ ئېغىرراق بولغاندا يۈرەك سوقۇش تېزلىشىپ، تومۇر سوقۇش ئاجىزلاپ، نەپەس سىقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇڭا نۆۋەتتە ھەر قايسى دۆلەتلەر تەركىبىدە مېتانول بولغان ئىچىملىك ھاراقنى ياساش ۋە سېتىشنى قاتتىق مەنئىي قىلماقتا. شۇنداقتىمۇ بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار مېتانولنىڭ ئىتانولغا قارىغاندا ئەرزان بولۇشتەك باھا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ساختا ھاراق ياساپ سېتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا بىۋاستە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئادەتتە ھاراق ياسايدىغان ئىتانول بىلەن مېتانولنىڭ ھەر ئىككىلىسى رەڭسىز سۇيۇقلۇق، سۇدا ئاسان ئېرىيدۇ، ئاسان ئوت ئالىدۇ. ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىغان ساختا ھاراقنى پۇراش ۋە تېتىش ئارقىلىق سېزىش بىر قەدەر تەسكە توختايدۇ.

شۇڭا كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھاراق سېتىۋالغاندا قانۇنلۇق سودا سارايلاردىن سېتىۋىلىشىنى، ھاراق ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئادرېسى، ۋاقتى، سۈپىتى لاياقەتلىك ياكى لاياقەتلىك ئەمەسلىكى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي كۆرۈشىنى، قاراڭغۇ بازاردىن ئالدىراپ مال سېتىۋالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 吐尔逊5 ئاي ئىلگىرى

    كۈردىڭلارمۇ شۇڭا ھاراقنى ئازراق ئىچەرسىلەر زاباي دۇسلار سالامەتلىكىڭلارنى ئاسراڭلار بەك ئىچكىڭلار كىلىپ كەتسە پىجۇ ئىچىڭلار

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号