باش بەت

زەپەر-7

146يوللانما
7مەستانە

دۇنيادىكى يېشى ئەڭ كىچىك ھايۋانات باشقۇرغۇچى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-07-28 18:25 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن كالى پارك بۇ يىل يەتتە ياشقا كىردى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىر ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى ئاچقان بولۇپ، بۇ بالا ئۈچ يېشىدىن باشلاپ ھەرخىل ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئۇچراشقان. ئۇ دۇنيادىكى يېشى ئەڭ كىچىك بولغان ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرغۇچى ھېسابلىنىدۇ.

 

پاركنىڭ ئانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىنكى تۇنجى قىلىدىغان ئىش باشقۇرغۇچىنىڭ خىزمەت كىيمىنى كىيىش بولۇپ، ئۇ بۇ «خىزمەت»نى قىزغىن سۆيىدىكەن.

 

ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ ھەر خىل ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئىچقۇيۇن-تاشقۇيۇن بولۇپ كەتكەن، ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئوماق شۇمتەكنى ياخشى كۆرۈپ قالغان.

 

 پاركنىڭ ئوينايدىغان ھەمراھلىرى دەل بۇ يىرتقۇچ ياۋايى ھايۋانلار، ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال.

 

خىزمەت قىلىپ ھېرىپ كەتكەندە، ئۇ تاشپاقا قېپى ئۈستىدە دۈم يېتىپ ئارام ئالىدۇ.

كەسلەنچۈك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش، بۇ ئەبلەخ قارىماققا ناھايىتى قورقۇنچلۇق كۆرۈنىدۇ، لېكىن پارك ئازراقمۇ قورقمايدۇ، بەلكىم ساددا بالا قورقۇشنى بىلمىسە كېرەك.

ئۇ بۇ ئۇششاق ھايۋانلار بىلەن ئوماقلىقتا بەسلىشىۋاتامدۇ؟ بۇ راستلا بىر مۇھەببەتلىك كۆرۈنۈش.

بۇ چوڭ تاشپاقىنىڭ مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراۋاتقان كۆزىگە قاراڭ، ئۇ خۇددى مېنىڭ يېشىم بۇ كىچىك بالىدىن يۈز ھەسسەئۈستۈن تۇرىدۇ دەۋاتقاندەك قىلاتتى.

پاركنىڭ ئاتا ئانىسى ھەر كۈنى ئۇنىڭ كىچىك ھايۋاناتلار بىلەن بىللە بولغان كۆرۈنۈشلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ.

ئوڭ تەرەپتىكى كىچىك بۇرادەر كامېراغا قارىغاندىكى چىراي ئىپادىسى:«مېنىڭ سۈرەتكە چۈشكۈم يوق.....»

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号