باش بەت

مەستان

245يوللانما
7مەستانە

سەرگەردان مۈشۈك خىزمەت تېپىپ، ئىش ئورنىدىن 9 يىل ئايرىلمىدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-07-29 16:30 12 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈنكى زاماندا، كوچىلاردا سەرگەردان مۈشۈكلەر بەكمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. نيۇيوركنىڭ خەنزۇلار كوچىسىدا بىر سەرگەردان مۈشۈك بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەت تۈپەيلى سەرگەردانلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئاشپۇزۇلنىڭ ئالدى سۇپىسىدا تۇرىدىغان «بايلىق ئىلاھى»غا ئايلاندى. بىر تۇرۇش بىلەن ئۇدا 9 يىل داۋاملاشتۇرغان.

ئاشپۇزۇل غوجايىنىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىر قېتىملىق بازارغا بېرىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋىلىش جەريانىدا مۈشۈكنىڭ ئۆزىنىڭ «پېيىگە چۈشكەن» لىكىنى بايقىغان، مۈشۈك غوجايىنغا ئەگىشىپ ئاشپۇزۇلغىچە كەلگەن، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان غوجايىن ئۇنى بېقىۋالغان، شۇنىڭدىن باشلاپ غوجايىننىڭ سودىسى باشقىچىلا يۈرۈشۈپ كەتكەن.

ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، ئۆزىنى «تۈزەشتۈرۈپ» ئاشپۇزۇلنىڭ ئالدى سۇپىسىغا سەكرەپ چىقىپ، بىر كۈنلۈك كۈتكۈچىلىك خىزمىتىنى باشلايدۇ. ئاشپۇزۇلغا كىرىپ چىققان كىشىلەرنى كۆرگىنىدە كىچىك ئاۋازدا مىياڭشىپ قويىدۇ، كەچتە ئەڭ ئاخىرقى مېھمان ماڭغاندا ئاندىن «ئىشتىن چۈشىدۇ».

غوجايىننىڭ گېپى بويىچە، مۈشۈك بۇ يەردە ئىشلىگىلى 9 يىل بولغان، مۈشۈك پەيدا بولغاندىن باشلاپ، غوجايىننىڭ سودىسى باشقىچىلا ياخشى بولۇپ كەتكەن. نۇرغۇن كونا خېرىدارلار بۇ مۈشۈكنى بەكمۇ ياقتۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بۇ مۈشۈك قېرىپ قالغانلىقتىن، «خىزمىتى»نى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدى.


باش سۈرەت تاللاش x
  • شەرۋانەم3 ئاي ئىلگىرى

    دوسلار ھازىرقى ۋاقتىڭلا خەيرىلىك بولسۇن

  • فاتىمە مى مى4 ئاي ئىلگىرى

    رەھىمسىز ئايالكەنمەن دېگەن نۇرداش ئىككىمىز پاراڭلىشىپ باقساق بوپتىكەن

  • مەن4 ئاي ئىلگىرى

    خاتالىقىڭىزنى بوينىڭىزغا ئالغىنىڭىزنىڭ ئۆزى سىزنىڭ ياخشى ئايال ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ

  • رەھىمسىز ئ‍ايالكەنمەن4 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئ‍ىشنى بۇ يەردە دىيىشتىن سەل قىيلىنىۋاتىمەن،،بىراق دەۋەتمىسەم ئ‍ىچىمنى قۇرت يەۋاتقاندەك ئ‍ازابلىنىپ كېتىپ بارىمەن تورداشلار
    ئ‍ىككى كۈن ئ‍اۋال ئ‍ەتىگەندە يولدۇشۇمنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئ‍استىغا بىر ئ‍اق رەڭلىك كىچىككىنە بىر ئ‍اسلانچاق كىرىپ يېتىۋاپتىكەن،، يولدۇشۇم سىرىتقا ئ‍ىش بىجىرگىلى چىقماقچى ئ‍ىدى، ئ‍اسلانچاق دەل ماشىنا چاقىنىڭ ئ‍استىدا يېتىپتىكەن، يولدۇشۇم مېنى ئ‍اسلاننى ئ‍ېلىۋەتكىن دەپ بۇيرىدى،مەن سۈپۈرگە بىلەب ھېلىقى ئ‍اسلانچاقنى ئ‍اراب تەستە ئ‍ېلىپ چىقتىم،، ئ‍اسلانچاق بەكمۇ مەينەتلىشىپ كېتىپتۇ ھەمدە بەك ھالسىزلىنىپ قاپتۇ،، خۇددى ھازىرلا ئ‍ۆلۈپ كېتىدىغاندەكلا تۇرۇپتۇ،،ھەم تىتىرەۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى،،كۆزلىرىنى بەك تەس ئ‍اچتى يۇ يەنە يۇمىۋالدى،،، مەن بەك رەھىمسىز ئ‍ايال ئ‍ىكەنمەن،،،مەندىن باشقىڭلار بولغان بولسا بۇ ئ‍اسلانچاقنى چوقۇم ئ‍ۆيۈڭلارغا ئ‍ەكىرىپ ئ‍ازىراق يەيدىغان نەرسە بەرگەن بۇلاتتىڭلار،،،بىراق مەن دەل ئ‍ەكسىچە ئ‍ۇ ئ‍اسلانچاقتىن يىرگەندىم،،باللىرىمغا كىسەل يوقىدۇ دەپ ئ‍ويلاپ ئ‍ۆيىمىزدىن ئ‍انچە يىراق بولمىغان ئ‍ەخلەت تۇڭىنىڭ يېنىدىكى بىر سېپىل تامنىڭ ئ‍ۈستىگە ئ‍ېلىپ قويدۇم،،بىچچا ئ‍اسلانچاق شۇنچىلىك ئ‍ۇرۇق،شۇنچىلىك جانسىز ،شۇنچىلىك بىچچارە ئ‍ىدى،،مەن ئ‍ۇنى شۇ يەردە تۇرسا باشقىلار كۆرۈپ ئ‍ېلىپ كېتەر دەپ ئ‍ويلاپتىمەن،،بىراق ئ‍ۇنى شۇ يەردە قويۇپ كەينىمگە يېنىشىمغا ئ‍ۇ سېپىل تامنىڭ كەينىگە چۈشۈپ كەتتى،مەن كەينىمگىمۇ قارىماي يۈگۈرگەن پېتى ئ‍ۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم،،يولدۇشۇم ئ‍ىشقا كەتتى،بىراق مېنىڭ قولۇم ئ‍ىشقا بارمىدى،،،نېمىشقىمۇ ئ‍ۇنى ئ‍ۆيگە ئ‍ەكىرىپ ئ‍ازىراق بىرنەرسە يىگۈزۈپ قويمىغاندىمەن،،،شۇ ئ‍اسلاننىڭ ئ‍ورنىدا مىنىڭ بالام شۇنداق كۈنگە قالسا باشقىلارمۇ مىنىڭ بالامنى ئ‍ەشۇنداق تاشۋىتەرمۇ؟ مەن نىمانچە رەھىمسىز دەپ ئ‍ۆز ئ‍ۆزۈمنى ئ‍ەيىپلىدىم قولۇم پەقەت ئ‍ىشقا بارمىدى،، پۈتۈن كاللامغا ئ‍ەشۇ رەھىمسىزلىكىم كىرىۋېلىپ شۇنداق بىئارام بولدۇم،،،ئارىدىن بىر ھائەتچە ئ‍ۆتۈپ مەن بەرداشلىق بىرەلمىدىم ،يۈگۈرۈپ ھېلىقى ئ‍اسلانچاق چۈشۈپ كەتكەن يەردىكى تامنىڭ كەينىگە قاراپ بېقىش ئ‍ۈچۈن چىقتىم،،،ئاسلانچاق چۈشۈپ كەتكەن يەر ئ‍ەخلەت بىلەن توشۇپ كەتكەن ئ‍ىككى مىتىردىن چوڭ چوڭقۇر يەر ئ‍ىكەن، شۇنچە قاراپمۇ ئ‍ۇنى تاپالمىدىم،،،،،مانا ئ‍ىككى كۈن بولدى پۈتكۈل كاللامدا ئ‍ەشۇ ئ‍اسلانچاقنىڭ بىچچارە ھالىتى ۋە ئ‍ۆزۈمنىڭ ئ‍ۈچ بالىسىنىڭ سېلىشتۇرمىسى ئ‍ەكىس ئ‍ىتىپ بەكمۇ بىئارام بولىۋاتىمەن،،،ئۈچ كۈندىن بىرى تۇرمۇشۇمدىمۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر ئ‍ارقا ئ‍ارقىدىن يۈز بىرىۋاتىدۇ،،مەن بەك قورقىۋاتىمەن ئ‍ەزىزلەر،،،

  • مېھمان4 ئاي ئىلگىرى

    چشى مۇشۇك ئىگسگە بەك سادىق.

  • r m n4 ئاي ئىلگىرى

    ئادەم بولغان بولسا 9 كۈندىن كىيىن يەنە سەرگەردان بۇلۇپ كەتكەن بۇلاتتى

  • مېھمان4 ئاي ئىلگىرى

    ئېسىمدە قىلىشىچە مەن بۇ خەۋەرنى بىر يىلنىڭ ئالدىدا كۆرگەن.

  • 0074 ئاي ئىلگىرى

    مېنىڭ مۈشۈكۈممۇ قىرىپ قالغانىدى ،لىكىن يۈتۈپ كەتتى

  • ياپراق شەكىلدىكى قۇش4 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن ساداقەتمەن مۇشۇككەن ،

  • ئەزىزە4 ئاي ئىلگىرى

    ياخشىلىق قىلسا ياخشىلىق كۈرىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号