باش بەت

زورىگۈل

5741يوللانما
40مەستانە

قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ كۈچتۈڭگۈر ئون جانلىققا نەزەر، ئادەملەر قانچىنچى رەتتە؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-07-29 19:03 27 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 28-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1 . كانا. كانا يەر شارىدىكى ئەڭ قاۋۇل قۇرۇقلۇق ھايۋىنى. بۇنداق ئۇششاق ھايۋانلار تۇپراقتا ياشايدۇ، ھەر كىۋادرات مېتىر تۇپراقتا نەچچە ئون مىڭ كانا بار. ئۇلارنىڭ تارتىش كۈچى ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 1180 ھەسسىسىگە تەڭ، بىر ئادەم 82 توننا نەرسىنى سۆرىگەنگە باراۋەر.


2 . تېزەكچى قوڭغۇز. ئۆز بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 1141 ھەسسىسىگە باراۋەر ئېغىرلىقتىكى نەرسىنى كۆتۈرەلەيدۇ، بىر ئادەم 6 دانە قوش قەۋەتلىك ئاپتوبۇسنى سۆرىگەنگە باراۋەر. ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلىدىكى پەرق چوڭ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 1~6 سانتىمېتىر كېلىدۇ. تېزەكچى قوڭقۇز سكاراب خانقىزى ئائىلىسىگە تەۋە، بۇ ئائىلىنىڭ قوڭغۇزلاردىكى نىسبىتى %10كە يېتىدۇ.

3 . جەنۇبىي ئامېرىكا يوپۇرماق قىرقىغۇچ چۈمۈلىسى. ئۇنىڭ تاڭلىيىنىڭ كۈچىگە ئادەم ھەيران قالىدۇ. ئۆزىنىڭ بەدىنىدىن چوڭ يوپۇرماقنى چىشلەپ ئۈزەلەيدۇ. يوپۇرماقنىڭ ئېغىرلىقى ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 50 ھەسسىسىچىلىك كېلىدۇ، بىر ئادەم ئىككى يېرىم توننا ئېغىرلىقتىكى نەرسىنى كۆتۈرگەنگە باراۋەر. يوپۇرماق قىرقىغۇچى چۈمۈلىدىن تۈزۈلگەن چۈمۈلە پادىشاھلىقىنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ھايۋانلار دۇنياسىدا ئەڭ يۇقىرى، ئاھالە سانى 8 مىليونغا يېتىدۇ.

4 . ئورانگۇتان. بەدەن ئېغىرلىقىدىن ئون ھەسسە ئېغىر، يەنى 2 توننا نەرسىنى كۆتۈرەلەيدۇ. ئۆمرى 50 يىلدىن ئارتۇق. ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ھەر بىر ئورانگۇتاننىڭ بارماق ئىزىمۇ بىردىنبىر.

5 . ئافرىقا تاجلىق بۈركۈتى. بۇ تىزىملىكتىكى بىردىنبىر قۇش. ئۇچۇش جەريانىدا 16 كىلوگىرام گۆشنى چىشلەپ ئۇچالايدۇ، بۇ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 4 ھەسسىسىچىلىك كېلىدۇ. تاجلىق بۈركۈت كۈچلۈك ھەم ئىنتايىن ھۇجۇمچان تۇتۇپ يېگۈچى. مايمۇن، ھەتتا كىچىك بۆكەنمۇ ئۇنىڭ تامىقىغا ئايلىنىدۇ.

6 . ئىنسان. ئىنسانلارنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرىشى پالۋان Zydrunasنىڭ تۆھپىسى، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئادەم، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك نەرسە كۆتۈرەلەيدۇ. Zydrunas بۇ يىل 34 ياش، لىتۋانىيەلىك، ئېگىزلىكى بىر مېتىر 90 سانتىمېتىر، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ بەش ھەسسىسىچىلىك كېلىدۇ.

7 . يولۋاس. ئېغىرلىقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك نەرسە كۆتۈرەلەيدۇ، تەخمىنەن 540 كىلوگىرام. ئۇنىڭ بۇرنىدىن تارتىپ قۇيرۇقىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 3.3 مېتىرغا يېتىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى 300 كىلوگىرامغا يېقىن. ئۆزى يوغان بولسىمۇ، يۈگۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە تەخمىنەن 64 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

8 . پىل. كۆپلىگەن ئېغىر نەرسىلەرنى يۆتكىيەلەيدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 9 توننىغا يېتىدۇ، نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 1.7 ھەسسىسىچىلىك. ئۇلار قۇرۇقلۇقتىكى تېنى ئەڭ چوڭ ھايۋان، ئۆمرى 70 يىلغا يېتىدۇ.

9 . كالا. ئېغىرلىقىنىڭ 1.5 ھەسسىسىچىلىك، يەنى 900 كىلوگىرام نەرسىنى سۆرىيەلەيدۇ. بۇقا ئادەتتە پىچىۋېتىلىدۇ، دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا يەر تېرىش ۋە توشۇش قورالى قىلىنغان.

10 . كۈلرەڭ ئېيىق. تۇغۇلغاندىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئاران 0.5 كىلوگىرام كېلىدۇ، چوڭ بولغاندىن كېيىن تەخمىنەن 550 كىلوگىرامغا يېتىدۇ، ئارقا پۇتىدا تىرەپ ئۆرە بولغاندا ئېگىزلىكى تەخمىنەن 2.5 مېتىرغا يېتىدۇ. ئۆزگىچە مۇسكۇل تارقىلىشى سەۋەبلىك تاغ باغرىغا ياماشقاندىكى يۈگۈرۈش سۈرئىتىمۇ سائىتىگە تەخمىنەن 54.7 كىلومېتىرغا يېتىدۇ ھەمدە تاغ باغرىدىن چۈشكەندىكى سۈرئىتىدىن ئاشىدۇ، ياۋا كۈلرەڭ ئېيىقنىڭ ئۆمرى 30 يىلغا يېتىدۇ.  

باش سۈرەت تاللاش x
  • سامانيولى4 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋۇ ئادەم 500 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى نەرسىنى كۇتۇرسە ۋەششىيكەنغۇ! بىز 100كىلو ئىغىرلىقتىكى نەرسىنىمۇ ئاران كۇتۇرمىز، كۈشمۇ با يەدە باكەن ھە!

  • مۇقام يۇرتى5 ئاي ئىلگىرى

    بەزى تورداشلار پىچىۋېتىش دىگەننى چۈشەنمەيدىكەن ، مەن بۇنىڭغا قارىتا ئازراق چۈشەنچە بېرەي :
    كالا دىگەن نام كالىلارنىڭ ئومومى ئاتىلىشى ،بۇنى ئەمدى بىر نەچچە تۈرگە ئايرىشقا توغرا كېلىدۇ ،بۇ ھايۋان تۇغۇلىشىدا ئەركەك ،چىشى دەپ ئايرىلىدۇ ،بۇرۇنقى زامانلاردا ئەركىكى ئارقىلىق چىشىسىنى نەسىللەندۈرۈپ كالىلار كۆپەيتىلەتتى ،ھازىر ئەمدى پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلىپ چىشى كالا يەنى ئىنەك كالىنى سۈنئى ئۇسۇلدا نەسىللەندۈرۈپ كالا تۇغدۇرۇلىدىغان بولدى ،
    شۇڭا ھازىر يېزىلاردا كالا تۇغۇلىشىدىلا ئەركەك ياكى چىشىسى ئايرىلىپ بەش ئالتە ئاي ياكى بىرەر يىلدىن كىين چوڭ بولغاندىن كىيىن ئەركىكىنىڭ ئۇرۇقدىنى پىچىۋېتىلىدۇ يەنى ئوپراسسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىلىدۇ ،بۇنداق قىلغاندا ئەركىكىنىڭ چىشىسىغا نىسبەتەن ھىسيات دىگەن نەرسە بولمايدۇ ،ئەركەك كالا پەقەت يېزا ئىگىلىگىدە ھارۋا سۆرەش ياكى يەر ئاغدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ (ھازىرغۇ يېزىلامۇ تەرەققى قىلىپ ماشىنلىشىپ كەتتى ھەممە ئىشنى قول تىراكتۇر ياكى چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن قىلدىغان بوپ كېتىپتۇ ).
    دىمەك كالىنىڭ ئاتلىشى :
    توپاق (ئۇرۇقدىنى پىچىۋىتىلمىگەن ، چىشى كالىنى يەنى ئىنەك كالىنى نەسىللەندۈرەلەيدۇ) .
    ئۇي (ئۇرۇقدىنى پىچىۋىتىلگەن ياكى ئوپراسسىيە قىلىپ ئىلىۋىتىلگەن ئىنەك كالىنى نەسىللەندۈرۈش ئىقتىدارى يوق ) .
    ئىنەك (ھازىر سۈنئى ئۇسۇلدا نەسىللەندۈرۈپ ئەركەك ياكى چىشى موزاي يەنى كالا تۇغۇش ئىقتىدارى بار).

  • 一直在努力5 ئاي ئىلگىرى

    كەمپۈت دىگەن نۇرداشنى ئەڭ تۆپىگە چىقىرايلى ،پىچىۋىتىش دىگەن گەپنى چۈشىنىۋالسۇن

  • بىر قاغام بولسىكەن ماڭا ئامراق5 ئاي ئىلگىرى

    ھوي ئاۋۇ ئۇزۇن ئىسىم قويۇۋالغان نۇرداش، ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىغا قارىتىپ ھېسابلاپتۇ،كىچىككىنەقۇرتنى سەكسەن توننا نەرسە كۆتۈرەلەيدۇ دېسە………

  • سىنبا5 ئاي ئىلگىرى

    731يولۋاسنىڭ ئەڭ چوڭلىرنىڭ ئېغىرلىقى كىلىدۇ ئاشىنچىلىك ئادەتتىكىلىرنىڭ ئېغىرلىقى 200كىلو ئەتراپىدا

  • جۇدا5 ئاي ئىلگىرى

    ئارمانىم تورداش مەن قازاق ئەمەس ئۇيغۇر
    قارشەدىن بۇلىمەن
    مۇبالىغە ئەمەس شۇۋاقىتلىرىمدە ھەقىقەتەن كۈچۈم
    باتى

  • ئىسمىڭىزنى كىرگۈزڭە5 ئاي ئىلگىرى

    تيىنى يوق گەپلەكەن بۇ قاملاشمىغان

  • ئارمانىم5 ئاي ئىلگىرى

    جۇدا نىڭ دىگىنى مۇبالىغە ئەمەس مەن ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن قازاق قېرىدىشىمىزتى ھەقىقەتەك كۈچ بارتىدە ئۇ كاساپەتتە

  • ROCK5 ئاي ئىلگىرى

    ئورنگۇتاننىڭكى ھەقىقەتەن ئېشىپ كىتەپتۇ

  • كەمپۈت5 ئاي ئىلگىرى

    پىچىۋىتىدۇ دىگەن نىمە گەپ ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号