باش بەت

نۇسرەتگۈل

8957يوللانما
149مەستانە

ئامېرىكىدا تۇرىدىغان جۇڭگولۇق قىز خۇنەنگە قايتىپ تۇغقان ئىزدەيدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-30 12:22 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 29-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

24 يىل ئىلگىرى تېخى بىر ياشقىمۇ كىرمىگەن مېيىپ قىز شىڭشىڭنى ئائىلىسىدىكىلەر يول بويىغا تاشلاپ قويغانىدى. 24 يىلدىن كېيىن فوتوگرافقا ئايلانغان شىڭشىڭ يىراقتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئەسلەپ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن ئائىلە سۈرىتى چۈشۈش ئۈچۈن قايتىپ كېلىشنى قارار قىلدى.

شىڭشىڭ: «گەرچە ئىگىلەنگەن يىپ ئۇچى كۆپ ئەمەس، تۇغقانلىرىمنى تاپالىشىم قىيىن بولسىمۇ، ئەمما مەن جۇڭگولۇق قېرىنداشلارنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكىگە ئىشنىمەن. مېنىڭ يۇرتۇم شياڭتەننى كۆرۈپ باققۇم بار» دېدى. سۈرەتتە سول تەرەپتە تۇرغىنى شەھەرلىك بالىلار ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىدىكى شې شىڭشىڭ، ئوڭ تەرەپتىكىسى شې شىڭشىڭنىڭ ھازىرقى ھالىتى.

شىڭشىڭ 1993-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋاڭ يىشۆ ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ ئىشكى ئالدىغا تاشلاپ قويۇلغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بەكلا كىچىك بولغاچقا ئاتا-ئانىسىنىڭ تەقى-تۇرقىنىمۇ ئەسلىيەلمەيدۇ. كېيىن شىڭشىڭ شياڭتەن شەھەرلىك بالىلار ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىغا ئاپىرىلدى. بۇ جايدا ئۇنىڭغا «شې شىڭشىڭ» دەپ ئىسىم قويۇلدى، يەنە تېخى خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتى.

شىڭشىڭ 3 ياشقا كىرگەن يىلى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا تۇرىدىغان بىل دېين بەينتون ئەر-ئايال جۇڭگوغا كېلىپ ئۇنى بېقىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ باققان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە قوللىشى بىلەن ئوچۇق-يورۇق قىزغا ئايلاندى. گەرچە سالامەتلىك مەسىلىسى ئۇنىڭغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەرىكەت قىلىشنى، بولۇپمۇ پۇتبول ئويناشنى، يۈگۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى.

ئۇ ئۆزىدە مۇشۇنداق خاراكتېر يېتىلىشىدە باققان ئاتا-ئانىسىنىڭ زور تۆھپىسى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئەپسۇسلىنارلىقى، باققان دادىسى شىڭشىڭ 15 ياشقا كىرگەن يىلى ۋاپات بولدى. ھازىر شىڭشىڭنىڭ باققان ئانىسىمۇ ياشىنىپ قالدى. ئۇ گەرچە قىزىنىڭ جاپا تارتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسىمۇ، ئەمما تۇغقانلىرىنى ئىزدىشىنى قوللىدى.

شىڭشىڭ باققان ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى بىلەن شۇ جايدىكى داڭلىق فوتوگرافقا ئايلاندى، ۋاقتى چىقسىلا دوۋن يىغىندى كېسىلى، بېكىنىۋېلىش كېسىلى بار، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلارنى يوقلاپ سۈرەتكە تارتىپ، ئۇلارنىڭ ھاياجانلىق مىنۇتلىرىنى خاتىرىلىدى.

شىڭشىڭ كىچىكىدىنلا قىزىققاق بولغاچقا ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ تەقى-تۇرقىنىڭ قانداقلىقىغا بەك قىزىقىدۇ. بۇ قېتىمقى تۇغقان ئىزدىشىنىڭ ئۇلار بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى چۈشىنىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ: «بۇ يىللاردا مەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتتىم. ھازىر مەن ئۆز ئاتا-ئانام بىلەن ئائىلە سۈرىتى چۈشۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى.

شىڭشىڭدىكى بىر گۇۋاھنامىدە ئۇنىڭ 1992-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلغانلىقى، ئۇنى بېقىۋېلىشقا بەرگەن ئادەمنىڭ شياڭتەن شەھەرلىك بالىلار ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باشلىقى «ۋاڭ جېنخۇا» ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

بۇ پاراۋانلىق ئورنىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئەينى ۋاقىتتا بۇ جايدا ھەقىقەتەن شۇنداق بىر ئادەم خىزمەت قىلغانلىقى، بىراق، پېنسىيەگە چىقىپ كەتكەنلىكى، ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك شىڭشىڭنى ئېلىپ كەلگەن ئادەمنىڭ تەقى-تۇرقىنى ئەسلىيەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号