باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10318يوللانما
780مەستانە

جەنۇبىي ئامېرىكا بايۋەتچىسىنىڭ جۇڭگودىكى سەرگۈزەشتىلىرى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-30 15:30 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سۇمباتلىق يىگىت، نازىنىن قىزلار جەمگاھى Chinajoy سەھنىسىدە، جەنۇبىي ئامېرىكىدىن كەلگەن كېلىشكەن يىگىت سانتىياگو ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.87 مېتىر بولۇپ، ھەيكەلگە ئوخشايدىغان سۇمباتلىقى ۋە چىرايى بىلەن ئۇچىسىغا قېنىق كۆك رەڭلىك خۇرۇم چاپان كىيىۋالغانىدى. سانتىياگو بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يىراقتىكى كولومبىيەدىن كەلگەن. بۇ يىل ئۇنىڭ جۇڭگوغا كېلىشىنىڭ 4-يىلى، ئۆز نۆۋىتىدە 2- قېتىم Chinajoy سەھنىسىدە تۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ.

سانتىياگو جىن يوڭ ھېكايىلىرىدىكى شياۋ فېڭنى ياقتۇرغاچقا، كۆپچىلىك ئۇنى «جەنۇبىي ئامېرىكىلىق شياۋ فېڭ» دەپ چاقىرىدۇ. سانتىياگونىڭ ئاتا-ئانىسى كارخانىچى بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت سودا بىلەن شۇغۇللانغاچقا، پەقەت ئۆي-مۈلۈك سودىسىلا ئەمەس يەنە تېخى دېھقانچىلىق مەيدانى، ئات مەيدانى قاتارلىقلارمۇ بار. سودا ئىشىغا قارىتا، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا «قۇلاق موللىسى» بولۇپ كەتكەن. ئۆز يۇرتىدا ئۇ كېپىنەك سارىيى ئاچقان بولۇپ، بۇ جايدىكى كېپىنەكلەر ئادەتتىكىگە پەقەتلا ئوخشمايدۇ. بۇ كېپىنەكلەر مەخسۇس يېڭىدىن توي قىلغانلارغا سېتىلىدىغان بولۇپ، توي مۇراسىمىدا ئۇچۇرىدۇ. بۇ سودا لوگىكىسىنى ئۇ ئۆزى ئويلاپ چىققان، شۇڭلاشقىمىكىن، ئەتراپىدىكىلەر ئۇنى ناھايىتى ئەقىللىق دېيىشىدۇ.

سۈرەتتە، سانتىياگو بىلەن ئاچىسى كولومبىيەدە.

ئۇلار ئۆيىدە خېلى كۆپ ئەرمەك ھايۋان باققان، بۇنىڭ ئارىسىدا كولومبىيە ئېتى paso fino colombianoمۇ بولۇپ، «ئاتلارنىڭ فارارى»سى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچسىڭىزمۇ تۆكۈلۈپ كەتمەسمىش. بۇ ئاتنىڭ ئەجدادى دۇنيا چېمپىيونى بولغاچقا، قىممىتى 15 مىليون كېلىدىكەن. شۇڭا بۇ ئاتنىڭ باھاسىمۇ چوقۇم ئەرزان ئەمەس.

ئاتتىن باشقا، ئۇنىڭ ئۆيىدە يەنە كۆندۈرۈلگەن ساپ نەسىللىك ئىككى خاسكىي ئىتى بار. سانتىياگو ئىت كۆندۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئىلگىرى كولومبىيەنىڭ ئىت كۆندۈرۈش چېمپىيونى بولغان. گەرچە ئۇ ئالتۇن «كاتەك»تىكى بايۋەتچە بولسىمۇ، بىراق سانتىياگونىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆزىدىن ھېچنېمە تەلەپ قىلمايدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ نېمە قىلغۇسى بولسا، شۇنى قىلسا بولىدىكەن، بىراق ئاتا-ئانىسى ئەزەلدىن ئىقسادىي ياردەم قىلمايدىكەن. دېمەك، ئۇنىڭ ھازىرقى ئېرىشكەنلىرنىڭ ھەممىسى ئۆز تىرىشچانلىقى بەدىلىگە كەلگەن.

گەرچە ئاتا-ئانا ھېچقانداق ئىقسادىي ياردەم قىلمىسمۇ، بىراق ئۇنىڭغا بىلىم ۋە ئىقتىدار بەردى، ئۇنىڭ ئۆزى يالغۇز دۇنيانى كېزىشىنى قوللىدى. يات ئەللەرنىڭ كوچىسىدا مېڭىۋاتقان سانتىياگو ئۆزىنىڭ يۇرتىنى كولومبىيەدىكى 2-چوڭ شەھەر مېدېللىن چوڭقۇر ياد ئېتىدۇ.

نۆۋەتتە، سانتياگو ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، بىراق مودېل بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ بۇ كەسپكە قەدەم قويغىنىغا 6 يىل بولدى. قانداق قىلىپ مودېل بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە سۆز بولۇنغاندا ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى ئىتالىيە كوچىسىدا ئايلىنىۋاتقاندا، تاساددىپىي داڭلىق مودا كىيىم لايىھەلىگۈچىسى جىئورجىئو ئارامانىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇ مېنىڭ مودېللىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىمغا مەدەت بېرىپ، يەنە تېخى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈشۈمنى تەلەپ قىلدى». بۇ ئىش تېخى 20 ياشقىمۇ توشمىغان سانتىياگو ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

كېيىن بىر قېتىملىق پۇرسەتتە، ئۇ كولومبىيەگە چولپان قازغىلى كەلگەنلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇلار سانتىياگونى جۇڭگوغا كېلىپ تەرەققىي قىلىش تەكلىپىنى بەردى. يىراقتىكى شەرق ئېلىگە بولغان ئوتتەك قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇ كولومبىيەدىن جۇڭگوغا كەلدى. ئويلىمىغان يەردىن، بىر كېلىپلا جۇڭگونى ياقتۇرۇپ قالغان ئۇ بۇ جاينىڭ يېمەك-ئىچمەك، قىسقۇچپاقا قاتارلىق ئېسىل تائاملىرىنىمۇ ياقتۇرۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ جۇڭگودا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 4 يىل تۇرۇپ قالدى.

4 يىل داۋامىدا، سانتىياگو جۇڭگونىڭ سۇجۇ، خاڭجۇ، نەنجىڭ، بېيجىڭ، شىئەن قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شەھەرلىرىگە باردى. گەرچە كۆپىنچىسى خىزمەت ئۈچۈن بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا ۋاقىت چىقىرىپ ئەتراپنى ئايلاندى. ساياھەت داۋامىدا، ئۇ يەنە جۇڭگونىڭ بىناكارلىقىنى، ھەر قايسى جايلارنىڭ جەڭ ئېلان قىلغۇدەك ئالاھىدە مەزىلىك تائاملىرىنمۇ ياقتۇرۇپ قالدى. گەرچە سانتىياگونىڭ خەنزۇچىسى ياخشى بولمىسمۇ، بىراق ئۇ ئاچچىق قورۇمىلاردىن قورقۇپ كەتكەچكە، تۇنجى بولۇپ، «مەن ئاچچىق يېمەيمەن» دېگەن سۆزنى ئۆگەندى.

سانتىياگو يەنە ئوبراز دوراشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، يەنە مۇشۇ تۈردىكى سودا پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتنىشدۇ. ئۇ يەنە تېخى مەخسۇس مۇشۇنىڭغا ئائىت قورال-جابدۇقنى سېتىۋالغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن 6 يىللىق مودېل تەجرىبىسى بولغاچقمىكىن، ئۇ بۇنىڭغا ناھايىتى ئاسانلا كىرىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، تاماشىبنلارنى ھەقىقىي تۈردە جەلپ قىلىدىغىنى ئۇنىڭ چىرايى بولماستىن بەلكى، خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىدىنكەن. ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈردىغىنى شۇكى، ئۇ ئەزەلدىن بەدەن چېنىقتۇرمايدىغان بولۇپ، بىراق بەدەن شەكلى يەنىلا شۇنچىلىك ئۆلچەملىك ئىدى. دېمەك، ئۇ مودېل بولۇش ئۈچۈنلا يارالغاندەك قىلىدۇ.

خىزمەت ۋاقىتىدا ئۇ ئادەتتە ئەتىگەن سائەت 9 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 5 كىچە ئىشلەيدىغان بولۇپ، ھەر قېتىم 30 مىنۇت تۇرۇپ، 20 مىنۇت ئارام ئالىدۇ. مانا مۇشۇنداق تەكرار داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق 8 سائەت خىزمەت قىلىدۇ. گەرچە خىزمەت ۋاقتى ئۇزۇن، جاپالىق بولسىمۇ، بىراق ئۈمىدۋار بۇ يىگىت ئەزەلدىن قاقشىمايدۇ، ئەكسىچە يەنە داۋاملىق خىزمەت قىلشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ خىزمەت قىلغاندىكى ھالىتىدىن ھوزۇرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا، سانتىياگو يەنە ئويۇن ئويناشنىمۇ ياقتۇرىدىغان بولۇپ، «穿越火线» ئۇنىڭ ئەڭ ئامراق ئويۇنىدۇر. خىزمەت قىلمىغان ۋاقىتلاردا ئۇ ئۆيىگە سولىنىۋېلىپ، كۈندە دېگۈدەك ئويۇن ئوينايدۇ.

ئوچۇق-يورۇق، قەيسەر، سەمىمىي، تۈز كۆڭۈل... نۆۋىتى كەلگەندە ھەر قانداق توسالغۇلارنى يېڭىپ ھەتا دۆلىتى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرەلەيدىغان جامبازلىق ھېكايلىرىدىكى شياۋ فېڭ بىلەن «穿越火线»دىكى 刀锋 ئوبرازى سانتىياگونىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىككى شەخس. مودېل بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ دائىم 刀锋نىڭ رولىنى ئوينايدۇ. روھىي دۇنياسىدا بولسا، شياۋ فېڭنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.

سانتىياگونىڭ قىز دوستى يوق بولۇپ، يەنە بىر ھەمراھىغا بولغان تەلىپى ھەققىدە سۆز بولۇنغاندا، ئۇ ئا جۇغا ئوخشاش ئاقكۆڭۈل بولۇشى كېرەك، دېدى. ئۇ جۇڭگوغا كەلگەن شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئا جۇغا ئەڭ ئوخشايدىغان «پەرىشتە ھەدە» ليۇ يىفېينى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشىۋالدى.

بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرغان سانتىياگو مېتروغا ئولتۇرۇپ، ئۆيىگە قايتماقچى بولدى. ئۇ كەلگۈسىدىكى يەنە بىر ھەمراھى بىلەن كىشىلەر توپى ئارىسىدا بىرلا بېقىشىپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مېترودا ئادەملەر قستا-قىستاڭ بولسىمۇ، بىراق سانتىياگو بۇنىڭدىن ئۆزىنى شۇنچىلىك ئەركىن ھېس قىلىدۇ. ئۇ يانفونىنى چىقىرىپ، دوستلىرىنىڭ ئۇچۇرنى كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتى.

مېترو بېكىتىدىن چىققاندىن كېيىن، سانتىياگو ھەمبەھىر ۋېلىسىپىتىنى مىنىپ ئۆيىگە قايتماقچى بولدى. ئۇ ھازىر ھەرخىل قولايلىق ئەپ دېتاللىرىنى بىمالال ئىشلىتەلەيدۇ.

ھۇجرىسىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقىت سانتىياگونىڭ ئەڭ ئەركىن ۋاقتى. ئۇ بۇ يەردە خىزمەت ۋە كەلگۈسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلىپ ئارام ئالىدۇ.

سانتىياگو كىشىلەرگە بىر خىل سوغۇققان شاھزادە تۇيغۇسى بەرسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئىنتايىن قىزىقارلىق ئادەم. ئۇ باشقىلار بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشكەندە، دائىم يۇمۇرسىتك ھەرىكەتلەرنى چىقىرىپ، قىلچىلىك ياتسىرمايدۇ. ئۆزىدىن سەل پاكاراراق ئادەملەر بىلەن سۈرەتكە چۈشكەندە بولسا، ئېگىلىپ تۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇ ھەتتا راك قورۇمىسى يېگەندىمۇ، ئاقلاپ قويغان راكنى باشقىلارنىڭ تەخسسىگە سېلىپ قويىدۇ.

كەلگۈسى كەسپىگە بولغان پىلانىغا قارىتا، ئۇ ئۆزىنىڭ كارخانا قۇرۇش ئارزۇسى بارلىقىنى، قايسى ساھەدە پۇل تاپقىلى بولسا، شۇ ساھەدە تەرەققىي قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ھازىر جۇڭگودا ئىگلىك تىكلەش مۇسابىقىسگە قاتنىشىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، جامائەت غەملەش سۇپىسى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان. گەرچە ئۇنىڭ جۇڭگوغا كەلگىنىگە 4 يىل بولسىمۇ، بىراق بۇ يەرنىڭ سودا مۇھىتىنى ئانچە چۈشەنمىگەچكە، ئىزچىل بازارنى تەكشۈرۋاتىدۇ. بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم گۈزەل كېلەچەك يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بەختىم سىز3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇ شۇنچىلىك ئېغىربېسىق ئىكەن ياش جەھەتتە مەن بىلەن تەڭ ئىكەن كىچىكلىكىگە قارىغاندا ئۆزىنى ھەقىقەتەن تۇتۇشنى بىلىدىكەن ھەم تۇرمۇشقا پىششىق ئىكەن قايىل بولدۇم

  • ئۆمەرجان3 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن ھەۋەس قىلىۋاتىمەن قايىل بولدۇم
    ھەممىدىن بەك بۇ ئاكاشنىڭ كىبرى يوقكەن…
    ئۇنىڭدىن باشقا كىپىنەك سودىسىغا بەك ھەيران قالدىم بۇب ئۆمرۈمدە ئاڭلىغان ئەڭ قىزىقارلىق ھەيران قالارلىق سودا ئىكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号