باش بەت

دەۋران

782يوللانما
48مەستانە

دۇنيادىكى 23 تۈرلۈك ئاجايىپ-غارايىپ «ئەڭ» لەرگە نەزەر

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-30 17:50 6 ئىنكاس چۈشتى

دۇنيا ساياھەت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

دۇنيادىكى ئەڭ ئىسسىق جاي ئىراننىڭ لۇت قۇملۇقى، نۆلدىن يۇقىرى 70.7 سېلسىيە گىرادۇس بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ ئىسسىق جاي دەپ نام ئالغان.

ئەڭ سوغۇق جاي جەنۇبىي قۇتۇپتىكى ۋوستوك، ئۇ 89.2-سېلسىيە گىرادۇس بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ سوغۇق جاي دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

نوپۇسى ئەڭ زىچ دۆلەت ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرى، مۇقىم پۇقراسى 38 مىليوندىن ئاشىدۇ. 

نوپۇسى ئەڭ ئاز يەر ئىتالىيەدىكى ۋاتىكان، بۇ يەردە تۇرىدىغان نوپۇس ئاران 836. 

ئەڭ باي شەھەر توكيو. 

ئەڭ نامرات شەھەر خارارى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP قىممىتى 100 ئامېرىكا دوللىرىغىمۇ يەتمەيدۇ. 

دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن يەر تىنچ ئوكياننىڭ مارىئانا دېڭىز جىلغىسى، 11095 مېتىر. 

ئېكرانغا چىقىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان يەر ئامېرىكا نيۇيوركتىكى گۇگىنخېم مۇزېيى بولۇپ، گوگۇلدىكى ئىزدەش نەتىجىسىگە قارىغاندا بۇ يەرنىڭ ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن رەسىمگە تارتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن.

يامغۇر ئەڭ كۆپ ياغىدىغان جاي ھىمالايا تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھىندىستاننىڭ ئاسسام دېگەن يېرى بولۇپ، 1961-يىلى 26461 مىللىمېتىر يامغۇر ياغقان. 

ئەڭ قۇرغاق جايى بولسا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتەسىدىكى ئاتاكا قۇملۇقى بولۇپ، 1971-يىلدىن بۇرۇن بۇ يەردە 400 يىل يامغۇر يېغىپ باقمىغان. 

قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى ئەڭ ئۇزۇن جاي ئافرىقىنىڭ سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ شەرق تەرىپى بولۇپ، ھەر يىلى قۇياش يورۇتۇش ۋاقتى 4300 سائەت يەنى ھەر كۈنى 11 سائەت 45 مىنۇت پارلاق قۇياشنى كۆرگىلى بولىدۇ دېگەن گەپ.

ئولتۇراقلىشىش ئەڭ قىممەت شەھەر سىنگاپور. ئولتۇراقلىشىش تەننەرخى ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەنى 4~6 ھەسسە قاتلايدۇ.

ئولتۇراقلىشىشى ئەڭ ئەرزان شەھەر ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرى. سىنگاپوردا بىر بولكىنىڭ باھاسى 3 ئامېرىكا دوللىرىدىن 36 ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولسا، بومبايدا ئاران 0.91 ئامېرىكا دوللىرى.

ئەڭ قەدىمىي شەھەر سۇرىيەدىكى دەمەشىق، بۇ يەرنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 11000 يىلدىن ئارتۇق بولدى. 

ئەڭ ياش دۆلەت جەنۇبىي سۇدان، 2011-يىلى مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ياش دۆلەت دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان دۆلەت گېرمانىيە، BBC نىڭ يىللىق بېلەت تاشلاش ئەھۋالىغا قارىغاندا گېرمانىيە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان دۆلەت بولۇپ باھالانغان. %59 كىشى گېرمانىيەگە بېرىشنى خالايدۇ. 

قەھۋە ئىچىشكە ئەڭ ئامراق دۆلەت فىنلاندىيە. ھەر كىشى تەخمىنەن 11.99 كىلوگىرام قەھۋە ئىستېمال قىلدۇ. بۇ ھەر بىر قۇرامىغا يەتكەن ياش ھەر كۈنى 6 چوڭ ئىستاكان قەھۋە ئىچىدۇ، دېگەن گەپ. ئىتالىيە ۋە ئامېرىكا بۇنىڭغا قايىل ئەمەس.

ھاراقنى ئەڭ كۆپ ئىچىدىغان دۆلەت ئەنگلىيە. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھەر بىر قۇرامىغا يەتكەن ئەنگلىيەلىك ياش ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 لىتىردىن كۆپرەك ۋېسكى ئىچىدۇ. 

ۋېلسىپىت مىنىشنى ئەڭ ياقتۇرىدىغان دۆلەت گوللاندىيەدىكى گىرونىنگىن. ھەر كۈنى يېرىمدەك ئادەم ۋېلىسىپىتنى قاتناش قورالى قىلىپ تاللايدۇ.

مۈشۈككە ئەڭ ئامراق دۆلەت ئامېرىكا، ئامېرىكىدا مۈشۈكلەرنىڭ سانى 76 مىليون 500 مىڭغا يېتىدۇ.

ھەر كۈنلۈك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ دۆلەت ئامېرىكا. ھەر كۈنى ھەر ئادەم تەخمىنەن 3370 كالورىيە ئېنېرگىيەسى قوبۇل قىلىدۇ.

ئەڭ مۇھىت ئاسرايدىغان ۋە تېجەشلىك شەھەر ئىسلاندىيەنىڭ پايتەختى رېكياۋىك بولۇپ، ئېنېرگىيە مەنبەسى يەر ئىسسىقلىقى ۋە سۇ كۈچىدىن كېلىدۇ.

ئەڭ جەلىپكار دۆلەت ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئەرلەرگە نىسبەتەن بىرازىلىيە، ئاياللارغا نىسبەتەن ئاۋسترالىيە ئىكەن.  

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەركەك6 ئاي ئىلگىرى

    دىھقان نۇرداش 82- گىرادۇس دىمەكچى ئوخشايدۇ

  • دېھقان.6 ئاي ئىلگىرى

    72 سېلسىيە گرادۇس ئەڭ يۇقىرى گىرادۇس بولسا، 82 گرادۇس ، ئەڭ سوغۇق گىرادۇس بولامدىغاندۇ.

  • ئاداش6 ئاي ئىلگىرى

    ئەڭ ھاراقكەش دۆلەت روسسىيە ئىدىغۇ

  • akr6 ئاي ئىلگىرى

    82گىرادۇس بىلەن بىرىنچى نۆلدىن يۇقىرى ما

  • جەسۇر6 ئاي ئىلگىرى

    توكيو ئىككى تۇردە ئەڭ كەن ھە ،،،

  • بۈركۈت6 ئاي ئىلگىرى

    ماندا خەۋەرلەرنى يوللاپ تۇرۇڭلا ،ياخشى مەزمۇنلار ئىكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号