باش بەت

ئادىلجان

8601يوللانما
123مەستانە

تۇنجى تۈركۈمدە تاپشۇرۇلغان Model 3 تېسلانى قۇتقۇزۇپ قالالامدۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-30 23:03 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 30-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كۆپچىلىكنىڭ بىلگىنىدەك، ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان تېسلا Model 3 ئاپتوموبىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇنجى تۈركۈمدە ئالدىن زاكاس قىلغان 30 نەپەر ماشىنا ئىگىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى، بۇ يىل 9-ئاي ۋە 12-ئايدىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1500 ۋە 20000غا يېتىشى مۇمكىن. ئۆتكەن بىر يىلدا تېسلا بۇ ئەرزان باھالىق، سەپلىمىسى نىسبەتەن تۆۋەن ئاممىباب توكلۇق ئاپتوموبىلنى ئېلان قىلىدىغانلىقى سەۋەبلىك پاي باھاسى %70كە يېقىن ئۆستى. بۇ ماشىنىمۇ سىرتقى ساھەدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك ئۈمىدىگە ئايلاندى، ئۇلار بۇ ئارقىلىق شىركەتنىڭ سېتىش مىقدارىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلدى. 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپلىگەن دۆلەت، ھۆكۈمەتلەر ئۆزىنىڭ يېڭى ئېنىرگىيەلىك ئاپتوموبىل پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، كۆپلىگەن ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل كارخانىلىرى بۇ «توكلۇق ئاپتوموبىل كۈرىشى»گە كىرىپ كەلدى. مەسىلەن: جۇڭگو ھۆكۈمىتى دەل يېڭى ئېنىرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگۈچى بولۇپ، 2018-يىلىدىن باشلاپ توكلۇق ئاپتوموبىلغا نورما بەلگىلەش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، يەنى بارلىق ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرى چوقۇم يېتەرلىك ساندىكى توكلۇق ياكى توكقا چېتىش تىپىدىكى ئارىلاش ماتورلۇق ئاپتوموبىل سېتىپ چىقىرىشى، 2018-يىلىدىن بۇرۇن سېتىش سوممىسىنىڭ %8چىلىك مىقداردىكى «ئىناۋەت جۇغلانما نومۇرى» شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. 2025-يىلىدىن بۇرۇن ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە ئارىلاش ماتورلۇق ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارى ئاز بولغاندا بارلىق سېتىش مىقدارىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىشى كېرەك. 

شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىمالىي ياۋروپادىكى ئاپتوموبىل كارخانىسى ۋولۋومۇ يېقىندا ئومۇميۈزلۈك توكلۇق قىلىش ئىستىراتېگىيەسىنى ئېلان قىلدى. بۇ شىركەت 2019-يىلى ئومۇميۈزلۈك توكلۇق قىلىش ئىستېراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى، يەنى يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان بارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ توكلۇق نۇسخىسى (ساپ توكلۇق نۇسخىسى، توكقا چېتىش تىپىدىكى ئارىلاش ماتورلۇق نۇسخىسى ۋە 48 ۋولتلۇق ئارىلاش ماتورلۇق نۇسخىسى)نى چىقىرىش، 2025-يىلى بىر مىليون يۈرۈش ئېلېكتىرىك ئاپتوموبىل سېتىپ چىقىرىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى. 

جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، بۈگۈنكى تېسلا توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىدا مىسلىسىز دەرىجىدىكى رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە، بۇ قېتىم چىقارغان Model 3 سىرتقى ساھەدىكىلەر تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ «ئومۇمىي خەلق توكلۇق سەپەرگە چىقىش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ دەپ قارىماقتا، شۇڭا Model 3نى ئېلان قىلىشتا خاتالىق كۆرۈلسە بولمايدۇ. 

Model 3 زادى قانچىلىك قالتىس

گەرچە نۆۋەتتە سىرتقى ساھەدىكىلەر Model 3نىڭ كۆپ قىسىم سەپلىمىسىنى بىلىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما مەھسۇلاتنىڭ كۆپلىگەن ئىنچىكە ھالقىلىرى يەنىلا سىر پېتى تۇرماقتا. 

تېسلا ئورگان تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، Model 3 بىر تۆۋەن سەپلىمىلىك ساپ توكلۇق پىكاپ ئىكەن. ماشىنىنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى 4676x1885x1435mm، ئوق ئارىلىقى 2870mm، ئومۇمىي رازمېرى BMW 3 بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ، ئومۇمىي كۆرۈنۈشى بولسا BMW 3نىڭ GT نۇسخىسىغا يېقىنلىشىدۇ. باتارىيە سانى ۋە ئېلېكتىر ماتور سانىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن 50،65 ،80،P80Dدىن ئىبارەت تۆت خىل سەپلىمىسى بار، ساپ توكلۇق ھالەتتىكى ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 357kmدىن 550kmغىچە ئوخشاش ئەمەس. 

سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، Model 3 كىچىكلىتىلگەن نۇسخىدىكى Model Sقا ئوخشاپ كېتىدۇ. گەرچە تېسلا بۇلتۇر بۇ ماشىنىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا بۇ پەقەت دەسلەپكى لايىھە دېگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر يىلدىن بۇيان تېسلانىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى ئۆزگىرىپ باقمىدى، ئاخىرقى ماشىنا شەكلىمۇ بېكىتىلىپ بولدى، شۇڭا Model 3 نۆۋەتتە تېسلا قارمىقىدكى سىرتقى كۆرۈنۈشى ئەڭ قالتىس تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل دېيىشكە بولىدۇ. 

تېسلانىڭ Model S ۋە Model X ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما خېلىلا بولۇپ قالاتتى، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا زىيادە ئاددىي دەپ قارىغان، ھالبۇكى تۆۋەن سەپلىمىلىك Model 3نىڭ ئىچكى لايىھەسى كىشىلەرنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرۈشى مۇمكىن. بۇ ماشىنىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈش سۈرەتلىرى بۇرۇن كۆپ قېتىم ئاشكارىلانغان، بۇ ماشىنىنىڭ ھەتتا ئەڭ ئاساسىي كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تاختىسىمۇ يوق بولۇپ، بارلىق ئىقتىدارلار ئوتتۇرىسىدىكى مەركىزىي كونترول ئېكرانىغا توپلاشتۇرۇلغان. 

ئاشكارىلانغان ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە Model 3نىڭ دۇنيادىكى زاكاس مىقدارى 500 مىڭدىن ئاشقان، بۇ شىركەت 8-ئايدا 100 دابە، 9-ئايدا 1500 دانە، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 20 مىڭ دابە ئىشلەپچىقىرىشنى، 2018-يىلى تولۇق تاپشۇرۇپ بولۇشنى پىلانلىغان. دېمەك تېسلا كەلگۈسى بىر-ئىككى يىل ئىچىدە بارلىق زاكاسنى تاماملاپ بولىدۇ، بۇ تېسلانىڭ سىجىل پايدا ئېلىشىنى چەكسىز ئېھتىماللىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

«ئۇششاق ھەرىكەتلەر» كۆپ

تېسلا Model S بىلەن Model 3نىڭ پەرقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئەڭ ئەرزان نۇسخىدىكى Model Sنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىدۇ، ھازىر سېتىلىۋاتقان 69 مىڭ 500 دوللارلىق Model S 75 ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغاندىن كېيىن، تېسلانىڭ بارلىق ئالىي سەپلىملىك ماشىنىسى قوش ماتورلۇق تۆت چاق سۆرەيدىغان ماشىنىلار بولۇپ قالىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، تېسلا تاللاپ سەپلەيدىغان سەپلىمىلەرنى ئۆزگەرتتى ھەمدە «ھەقىقىي خۇرۇم ئورۇندۇق» تۈرىنى جىمجىتلا چىقىرىۋەتتى، كەلگۈسىدە تېسلا ھەقىقىي خۇرۇم ئورۇندۇق تەمىنلىمەيدۇ.

گەرچە تېسلا سەپلىمە بېتىدە ھەقىقىي خۇرۇم ئورۇندۇق دېگەن تۈرنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما «ھەقىقىي خۇرۇم» دېگەن خەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈۋەتتى. ھازىر تېسلانىڭ دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان نۇسخىدىكى ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچكى بېزەكلىرى تېسلانىڭ «ئالىي دەرىجىلىك» سەپلىمىسى دەپ قارالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە  ئورۇندۇققا ئەڭ يېڭى بىرىكمە ماتېرىيال ئىشلىتىلىپ، ھەقىقىي خۇرۇم ئورۇندۇقنىڭ ئورنىنى ئالغان. ئەمما بارلىق تېسلا ئاپتوموبىلى بۇنىڭغا ئوخشاش ئەمەس. ھەقىقىي خۇرۇم رول يەنىلا ئۆلچەملىك سەپلىمە ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئىلگىرى مەلۇم خېرىدار خۇرۇم ماتېرىيال ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇڭا تېسلامۇ خۇرۇم ئىشلىتىلمىگەن روللارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىقاردى. 

ئەمما Model 3نى تاپشۇرۇش ۋاقتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تېسلانىڭ پاي باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىدى. 7-ئاينىڭ 5-كۈنى پاي باھاسى %7.24 چۈشۈپ، بىر يىلدىن بۇيانقى تاق كۈندىكى ئەڭ تۆۋەن رېكورتنى ياراتتى، ئىككىنچى كۈنى يەنە %5.58 چۈشتى. سىرتقى ساھەدىكىلەر تېسلا پاي باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ئىلگىرى Goldman ئېلان قىلغان دوكلات بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى. 

مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا Goldman تېسلاغا قارىتىلغان دەرىجە باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قلىغان بولۇپ، «سېتىپ چىقىرىش» دېگەن باھانى ساقلاپ قالغان ھەمدە تېسلانىڭ ئالتە ئاي ئىچىدىكى نىشان پاي باھاسىنى 190 دوللاردىن 180 دوللارغا تۆۋەنلەتكەن. بۇ نىشان باھا تېسلا بۇرۇن تارىخىي رېكورت ياراتقان 386.99 دوللارلىق پاي باھاسىنىڭ يېرىمىغا تەڭلىشىدۇ، قىسقىغىنە نەچچە كۈندە تېسلانىڭ بازار قىممىتى بىراقلا نەچچە ئون مىليارد تۆۋەنلەپ كەتتى. 

قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ماسك بۇرۇن توردا تۇنجى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان نۇسخىدىكى Model 3 ئىككى ھەپتە بۇرۇن ياسىلىپ پۈتكەنلىكىنى ئېيتقان، بۇنىڭ بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسى ئېشىشى كېرەك ئىدى. ئەمما نەتىجىدە پاي باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يەنىلا Goldmanنىڭ ئانالىز دوكلاتىدا «تېسلانىڭ پاي باھاسى يەنىلا سېتىپ چىقىرىش دەرىجىسىدە» دەپ قارىغانلىقىدا، ئۇ تېسلانىڭ نىشان پاي باھاسىنى 180 دوللارغا تەڭشىگەن بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى تېسلانىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاجىز ئىكەن. 

تېسلا بۇرۇن توپتوغرا بەش يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يوقلۇقتىن 100 مىڭ ئاپتوموبىل ياساشتەك ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن، 2020-يىلىغا بارغاندا بۇ رەقەم 500 مىڭ (ھەتتا 700 مىڭ)دىن ئېشىپ كېتىشى، يەنى سەككىز يىل ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 50 ھەسسە تېزلىشىشى كېرەك. مۇشۇنداق تېز سۈرئەتلىك كېڭەيتىش جەريانىدا ھەر بىر ئاپتوموبىلنىڭ سۈپىتىنىڭ بىردەك بولۇشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلشى تېسلادەك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىسى يوق يېڭى كارخانىغا نىسبەتەن بىر زور سىناق ھېسابلىنىدۇ. 

ئۇنىڭ ئۈستىگە تېسلانىڭ ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى Model 3نىڭ ئەمەلىي زاكاس مىقدارىغا ماس كەلمەيدۇ. تېسلانىڭ مۆلچەرىگە ئاساسەن، كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە Model 3نى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۆرسەتكۈچ شەكلىدە ئەگرى سىزىقلىق ئۆرلەيدۇ. ئەمما بۇ يىل 12-ئايغا كەلگەن تەقدىردىمۇ ئۈمىدۋارلىق بىلەن قىلىنغان مۆلچەردىكى ئايلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يەنىلا 20 مىڭ دانە، بۇ بەلكىم Model 3نى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەڭ تېز سۈرئەت بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر نۆۋەتتىكى Model 3نىڭ زاكاز مىقدارىنى تولۇق تاماملاشقا توغرا كەلسەك، بەلكىم ئىككى يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. 

يەنى سىز ھازىر Model 3غا زاكاز چۈشۈرسىڭىز، قولىڭىزغا ئېلىش ئۈچۈن 2020-يىلىغىچە ساقلىشىڭىز مۇمكىن. 

ئۇنىڭدىن باشقا تېسلا ئىزچىل تۈردە دۇنيا بويىچە بىرلىككە كەلگەن باھادا سېتىش ئەندىزىسىنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، سېتىش ئەندىزىسىدە ۋاكالىتەن سېتىش ھالقىسى يوق، ئىستېمالچىلار ماشىنىنى بىۋاستە زاۋۇتتىن سېتىۋالىدۇ، شۇڭا باھاسى ئاشكارا. دېمەك پېرىۋوت نىسبىتى، ئىستېمال بېجى، تاموژنا بېجى ۋە توشۇش تەننەرخىنى تەڭشەشكە توغرا كېلىشتىن باشقا، تېسلا ئاپتوموبىللىرىنىڭ دۇنيادىكى باھاسى ئاساسەن بىردەك. 

ئەمما گەرچە تېسلا Model 3نىڭ تولۇقلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان باھاسى 35 مىڭ دوللار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تېسلا كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر ۋاقىتتا Model 3نىڭ ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرىدىغانلىقىدىن يوشۇرۇن بىشارەت بەردى. يەنى ئەگەر ئىستېمالچىلار زاپچاسلىرى تولۇق Model 3غا ئېرىشمەكچى بولسا، چوقۇم قىممەت تاللاپ سېتىۋېلىش بولىقىنى سېتىۋېلىشى كېرەك. مەسىلەن: نۆۋەتتە تېسلا Model Sنىڭ باشلىنىش باھاسى 69 مىڭ 500 دوللار، ئەمما Model Sنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئوتتۇرىچە باھاسى تەخمىنەن 100 مىڭ دوللار ئەتراپىدا. ئەرزان باھالىق Model 3 ئەلۋەتتە نۆۋەتتە ئانچە قىممەت ئەمەس، ئەمما ئۇ پۈتۈنلەي بازارغا كىرگەندىن كېيىن باھاسى 50 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولسىمۇ ئۇنىڭغا ھەيران قېلىش كەتمەيدۇ. 

شىۋېتسارىيە بانكىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، پەقەت ئىستېمالچىلارنىڭ ھەر بىر Model 3 ئۈچۈن تۆلىگەن پۇلى 51250 دوللاردىن ئاشقان ۋاقىتتا، تېسلا ئاندى پايدا ئالالايدىكەن. شىۋېتسارىيە بانكىسى مۇنداق ھېسابلىدى: دەسلەپكى باھاسى 35 مىڭ دوللار بولغان Model 3 تېسلانى چوقۇم زىيان تارتقۇزىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم 6000 دوللارلىق تاللاپ قۇراشتۇرىدىغان زاپچاس بولىقىنى سېتىۋېلىشى كېرەك، يەنى بىر ماشىنا 41 مىڭ دوللارغا سېتىلغان ۋاقىتتا ئاندىن Model 3نىڭ پايدا-زىيان تەڭپۇڭ نۇقتىسىغا يېتىدۇ. ئەگەر Model 3 ماسك ئىلگىرى ئېيتقان %25لىك پايدا نىسبىتىگە يەتمەكچى بولسا، ئۇنىڭا يەنە 10250 دوللار قوشۇشى كېرەك، يەنى ھەر بىر Model 3 چوقۇم 51250 دوللارغا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى باھادا سېتىلىشى كېرەك. 

ئۇنىڭدىن باشقا، ماسكنىڭ ئالدىدا يەنە بىر قىيىن مەسىلە بار، يەنى باشقا ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىگە كىرىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تېسلا رىقابەتتە تەننەرخ ئۈستۈنلىكىنى قانداق ساقلىشى كېرەك؟ تېسلانىڭ باش تېخنىكى JB Straubel ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «Model 3قا ئىشلىتىلگەن باتارېيە نېۋادا ئىشتاتىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى باتارىيە زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان، بۇ باتارىيەنىڭ ئۈنۈمى Model Sتىكىدىن %30 يۇقىرى. ئەمما جۇڭگو ۋە باشقا چوڭ تىپتىكى باتارىيە زاۋۇتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تېسلانىڭ بۇ تەننەرخ ئۈستۈنلىكى ساقلىشى تېخىمۇ قىيىنغا توختىشى مۇمكىن.»

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号