باش بەت

ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

435يوللانما
4مەستانە

يالغۇزلۇق سالامەتلىككە زىيانلىق

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-31 13:26 11 ئىنكاس چۈشتى

بۇنىڭدىن 50 يىل ئىلگىرى، ئىككى نەپەر تەتقىقاتچى يالغۇزلۇققا ئائىت تەجرىبىنى ئۆزى ئارقىلىق سىناق قىلغان. ئۇلار قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە ئايرىم–ئايرىم ھالدا 88 كۈن ۋە 126 كۈننى يالغۇز ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆڭكۈردىن چىققان ۋاقىتتا، ئاللىقاچان ۋەيران بولۇش باسقۇچىغا بېرىپ قالغان. ئۇلار بۇ جەرياندا ۋاقىت كۆز قارىشىنى يوقىتىپ قويغان. ئۇخلاش دەۋرى 30 سائەت سوزۇلۇپ كەتكەن، روھىي ھالىتىمۇ ئىنتايىن تۇراقسىزلىشىپ كەتكەن.

ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يېقىندا: بىر كىشىنىڭ يېنىدا دوستى بولماسلىق خۇددى تاماكا چەككەنگە ئوخشاشلا زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى. چۈنكى ئۇلار يالغۇزلۇقنىڭ بىر خىل قان ئۇيۇتقۇچى ئاقسىلنىڭ سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى–تۆۋەنلىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان ئىدى. بۇ خىل ئاقسىل يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، سەكتە بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. يالغۇزلۇق پەقەت ئىنسانىيەت پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي يەنە ئادەم مېڭىسىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك جەريانىنىمۇ ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىغانلىقتىن بىر ئادەمنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىۋېتەلەيدۇ. شۇڭا ھەتتا ئەڭ ھاكاۋۇر كىشىلەرمۇ ھەقىقى يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاق بۆجەن2 ئاي ئىلگىرى

    يالغۇزلۇق راس زىيانلىق ئىكەن

  • تەنھائاشىق6 ئاي ئىلگىرى

    ھە...ي مەنمۇ يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان توي قىلىپ تۇرۇپمۇ يالغۇز قالىدىكەن ،ھازىرمۇ شۇنداق قاچانغىچە تارتامەن يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بولىدىكەن ئەمەسمۇ :؛

  • مېسسى مەستانىسى7 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ بەك يالغۇز باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلمايمەن مىنىڭمۇ دوستلىرىم كۆپ بولسا دەيمەن

  • ئاۋات تۈن مەلىكىسى8 ئاي ئىلگىرى

    يالغۇزلۇقنىڭ ئەڭ يامىنى پۈتۈن دۇنيادا بىر ئۈزىنى يالغۇز ھىس قىلىش بولسا كىرەك … مەن شۇنداق ئويلايمەن ،بۇ ۋاقىتتىكى ھىسىياتنى تەسەۋۋۇر قىلماق قىيىن …بىكىنمىچىلىكمۇ بەك تەس ئىكەن …

  • ئاجەي8 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ شۇ ،دوستۇم يوق،مۇھەببىتىم يوق ،سىردىشىم يوق ، كۈن بويى موتسىكلىت بىلەن ئايلىنىپ يۈرەش ۋە ۋاڭباغا كىرىشتىن باشقا مۇھىم ئىشىممۇ يوق ، ھەي …

  • ئويلان8 ئاي ئىلگىرى

    ماڭا پىسخىكا دوختۇرى تونۇشتۇرساڭلار مەن ئۈرۈمچىدەن بەك يالغۇز يا دوستۇممۇ يوق پىسخىكا دڭختۇرغا كۆرۈنىپ باقسام دەيمەن ياردەم قىلساڭلار

  • قالدىم يالغۇز8 ئاي ئىلگىرى

    توغرا يالغۇزلۇق،تەنھالىق جىسمانىي ساغلاملىققا ھەم روھىي ساغلاملىققا ئېغىر دەرىجىدە زىيانلىق،
    ھازىر مۇشۇ پۇلى بار چاغدا ۋاي دوستۇم دەيدىغان،پۇل قالمىغاندا ئ‍ىزدىمەيدىغانلار كۆپ بولۇپ كەتكەچكە يالغۇز يۈرىيدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى

  • سىھىرلىك ئوقيا8 ئاي ئىلگىرى

    ئوھ
    چاتاق .... مەنمۇ يالغۇز يۈرۋاتقىلى 120 بولدى بەزىدە ئۈزۈمگە ئۈزۈم گەپ قىپ كىتىمەن تېخى

  • ئا .8 ئاي ئىلگىرى

    دوستى بولمىسا قىرىنداشلىرى ئۇرۇق تۇققانلىرى بولىدۇ ئىنسان دىگەننىڭ شۇلا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرسا بولىدىغۇ يالغۇز قالماسلىق دوستقىلا باغلىق ئەمەس

  • ئىسىل8 ئاي ئىلگىرى

    مەندىنمۇ چاتاق چىقاۋاتىدۇ ، چۈنكى مەن بەك يالغۇز دوستوم يۇق نۇرتورى دوستوم بوپقالدى .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号