باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش كۆرۈلسە جەرىمانە تۆلەشكە ئالدىرىماڭ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-31 17:35 2 ئىنكاس چۈشتى

پىراۋىڭىزغا دائىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەھۋاللار خاتىلىنىپ قالامدۇ؟ ئەمما ئېسىڭىزدا بولسۇن، ئېلېكترونلۇق كۆزمۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى بىلەلىشى ناتايىن......

تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە جەرىمانە تۆلەشكە ئالدىرىماڭ، چۈنكى بۇ ئەھۋاللاردا ئەرز قىلىشقا بولىدۇ.

1. ماشىنا «نۇسخىلىنىپ» ئىشلىتىلگەن بولسا

بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا ئالدى بىلەن بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشنى ئۆزىڭىز قىلمىغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلىشىڭىز كېرەك. 

ئەگەر «نۇسخىلانغان» ماشىنا سىزنىڭ ماشىنىڭىز بىلەن ئوخشاش تىپتىكى ماشىنا بولمىسا، ماشىنىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى، ماشىنىلارنى تىزىملاش كىنىشكىسى، ماشىنا ئىگىسىنىڭ كىملىكى، ماشىنا ئىگىسىنىڭ پىراۋىسى ۋە دېلوغا چېتىشلىق ماشىنىنىڭ نەق مەيداندا تارتىلغان سۈرىتى قاتارلىقلارنى ئىسپات قىلسىڭىزلا بولىدۇ.

ئەگەر «نۇسخىلانغان» ماشىنا سىزنىڭ ماشىنىڭىز بىلەن ئوخشاش تىپتىكى ماشىنا بولسا، ئۇ ھالدا بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش سۈرەتكە تارتىلغان ۋاقىتتا ماشىنىڭىزنىڭ شۇ نەق مەيداندا يوقلۇقىنى ئىسپاتلىشىڭىز كېرەك، ماشىنا توختىتىش تالونى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ھەق ئېلىش تالونى، نازارەت قىلىش كامېراسى قاتارلىلقارنى ئىسپات قىلسىڭىز بولىدۇ. 

بۇنىڭدىن باشقا نومۇر تاختىسى خاتا كىرگۈزۈلۈپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋالدىمۇ نارازىلىق ئەرزى قىلسىڭىز بولىدۇ. 


2. تەكرار كىرگۈزۈلگەن بولسا

ھازىر كۆپلىگەن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار ئېلېكترونلۇق كۆز ۋە كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ خاتىرىلىنىدۇ، گەرچە توغرىلىق دەرىجىسى خېلى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما بەزىدە يەنىلا تەكرار خاتىرىلىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، يەنى ماشىنا ھەرىكەتلەنمىگەن ئەھۋالدا ئوخشاش ئورۇن ئوخشاش ۋاقىتتا بىر قېتىملىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش ئىككى قېتىم سۈرەتكە تارتىلىدۇ ھەمدە خاتىرىلىنىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئەرز قىلىشقا بولىدۇ. 


3. ئېلېكترونلۇق ساقچى سۈرەتكە تارتىۋالغان بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ماتېرىياللىرى ئېنىق ئەمەس

ئېلېكترونلۇق ساقچى سۈرەتكە تارتىۋالغان بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش خاتىرىسى جازا بېرىشتىكى ئاساس ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ماتېرىيال ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ تىپى، نومۇر تاختىسى، سىرتقى كۆرۈنۈشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكى ۋە بەلگىلىمىلىگە خىلاپلىق قىلغان ۋاقتى، ئورنى، خىلاپلىق قىلىش ئاساسى قاتارلىقلارنى چوقۇم ئېنىق، توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىشى كېرەك. ئەگەر ماشىنا ئىگىسى تەكشۈرگەن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش خاتىرىسى ئېنىق بولمىسا، نارازىلىق ئەرزى قىلسا بولىدۇ. 


4. ئالاھىدە ماشىنىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئەھۋالدا

ئېلىمىز يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ 53-ماددىسىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: ساقچى ماشىنىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى، جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى، قۇرۇلۇش خەتەردىن قۇتقۇزۇش ماشىنىسى قاتارلىقلار جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغان ۋاقىتتا، سىگنال بەرگۈچ، بەلگە چىراغ قاتارلىقلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ؛ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان شەرت ئاستىدا يول يۈرۈش لىنىيەسى، يۆنىلىشى، يول يۈرۈش سۈرئىتى ۋە سىگنال چىراغلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، باشقا ماشىنىلار ۋە پىيادىلەر بۇ ماشىنىلارغا يول بېرىشى كېرەك. 

ئەگەر سىز مۇشۇنداق ئەھۋالدا يۇقىرىقى ماشىنىلارغا يول بېرىش ئۈچۈن سىزىقنى بېسىۋېتىش، ئارقىغا بۇرۇلۇش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا مەجبۇر بولسىڭىز، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. 

ئەسكەرتىش:  ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئالاھىدە ماشىنىلارغا يول بېرىش ھەر بىر شوپۇرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى، ئەگەر ئالاھىدە ماشىنىلارغا ئۇچراپ ئۇلارغا يول بەرمىڭىسىز بايقىلىپ قالسا پىراۋىڭىزدىن ئۈچ نومۇر تارتىلىدۇ. ئالاھىدە ماشىنىلار ساقچى ماشىنىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى، جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى، قۇرۇلۇش خەتەردىن قۇتقۇزۇش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. 


5. كاشىلا كۆرۈلگەن، ھادىسە كۆرۈلگەن، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ماشىنىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئەھۋالدا

ئەگەر كاشىلا كۆرۈلگەن، ھادىسە كۆرۈلگەن، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ماتورسىز قاتناش ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىلاردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇرۇش ئۈچۈن سىزىقنى بېسىۋېتىپ قېلىپ، سۈرەتكە تارتىلىپ قالغان بولسا، بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ۋاقىتتا سىز ئەينى ۋاقىتتا ئەھۋالنى ئىسپاتلاپ بېرەلىشىڭىز كېرەك، سىز يول يۈرۈشنى خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسى ياكى يانفوندا ئەينى ۋاقىتتىكى يول ئەھۋالىنى خاتىرىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. 


6. سىگنال چىرىغىدىن كاشىلا كۆرۈلگەندە

قاتناش سىگنال چىرىغىدا كاشىلا كۆرۈلۈش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش، مەسىلەن: چىراغ ئۆزگەرمەسلىك، چىراغنىڭ ئالمىشىشىدا خاتالىق كۆرۈلۈش قاتارلىقلاردا نارازىلىق ئەرزى قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما سىز شۇ ۋاقىتتا سىگنال چىرىغىنىڭ ھەقىقەەن بۇزۇلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىشىڭىز كېرەك، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولسا ئۇنى سىنغا ئېلىۋالسىڭىز ياكى يول يۈرۈشنى خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسىدە خاتىرىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. 


7. بەلگىلەر ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا

ماشىنا توختىتىش سىزىقى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈۋېتىلمىگەن ھەمدە ئەتراپتا ماشىنا توختىتىش بەلگىسى بولمىغان ئەھۋالدا ماشىنا توختىتىپ خاتىرىلىنىپ قالسا، نارازىلىق ئەرزى قىلىشقا بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: يول بەلگىلىرى ئېنىق بولمىغان يول بۆلەكلىرىدە ماشىنىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەيدەش ھەمدە بىر قىسىم ھەممىباب قاتناش بەلگىلىمىسى ئارقىلىق ئۆزىگە چەك قويۇش لازىم، ئەگەر راستىنلا قاتناش بەلگىسى مەسىلىسى سەۋەبلىك جەرىمانە تۆلەشكە توغرا كەلسە، بۇنداق ئەھۋالدا نارازىلىق ئەرزى قىلسا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    150مىتىر يىراققا قۇيۇشكىرەكقۇ دەيمەن

  • ئالىم3 ئاي ئىلگىرى

    ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى كۆچمى سۈرەت تارتىش ئاپپاراتىدىنقانچىلىك يىراقلىققا قويۇلۇشى كېرەك؟بىلىدىغانلار بارمىدۇ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号