باش بەت

نۇسرەتگۈل

6529يوللانما
56مەستانە

ساقچىلار نەنجىڭدىكى چىنخۇەي دەرياسى فاڭشەن بۆلىكىدىن بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ جەسىتىنى بايقىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-31 17:26 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 31-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

30-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن ئاشقاندا نەنجىڭدىكى چىنخۇەي دەرياسىنىڭ جياڭنىڭ رايونىدىكى فاڭشەن بۆلىكىدىن بىر ئەر، بىر ئايالنىڭ جەسىتى بايقالدى.

بۇ ئىككى جەسەت چىنخۇەي دەرياسى فاڭشەن بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا بولۇپ، ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلارنىڭ خېلى ياش ئىكەنلىكى، ئەرنىڭ بىر قولى بىلەن ئايالنى تۇتقان ھالەتتە قازا قىلغانلىقىنى بايقىدى.

بۇ ئەھۋالنى شۇ جايدىكى بىر كەنت ئاھالىسى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ بايقاپ قېلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ھادىسە يۈز بەرگەن دەريا بۆلىكى ناھايىتى كەڭ ھەم چەت، ئادەممۇ ئاز ئىدى.

نۆۋەتتە، ساقچىلار ئىككەيلەننىڭ سالاھىيىتى ۋە قازا قىلىش سەۋەبىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号