باش بەت

گۈلمىرە شەمشىدىن

1542يوللانما
1007مەستانە

شاھرۇھ خان ئائىلىسىدىكى ئوغۇللار قىزلارنى بەك كۆيدۈرىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-01 19:00 26 ئىنكاس چۈشتى

بوللىۋود تاماشا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بوللىۋود رومانتىك خانىنىڭ ئەتىۋارلىق بالىسى ئابراھام خاننىڭ ھەربىر پارچە سۈرىتى ۋە خەۋىرى بارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىزىق تېما بولالايدۇ. بۇ بالىنىڭ ياخشى يېرى، يېتىرقىمايدۇ ھەم تېخى ئەمدى ئۈچ ياشقا كىرگىنىگە قارىماي ئاپپارات تۇيغۇسى كۈچلۈك، سۈرەتكە چۈشۈشكە ئۇستا. ئۇنىڭ دائىم بىر توپ ئادەم ئارىسىدا قىلچە قورۇنماي، ئاپپاراتقا شۇنچە تەمكىنلىك بىلەن قاراپ سۈرەت چۈشۈشىگە قارىمامسىز. ئىككى كۈن بۇرۇن ئارىيان بىلەن سۇھاننانىڭ ئىككى دوستى ئىككى تەرەپتىن ئابراھامنىڭ مەڭزىگە سۆيگەن سۈرەت ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تارقىلىپ، تورداشلارنىڭ بۇ بالىغا تېخىمۇ ئامراقلىقىنى كەلتۈردى.

كەينىگە ئۇلاپلا توردا شاھرۇھ خان ۋە ئايران خاننىڭ ئابراھام خاننىڭ بۇ سۈرىتىگە ئوخشايدىغان سۈرىتى كەڭ تارقالدى. قارىغاندا خان ئائىلىسىدىكى يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى قىزلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشسە كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • رەيھان3 ئاي ئىلگىرى

    ھەي لاچىن دىگەن تورداش ،شارۇلخاننى قۇرۇق سۆلەتۋاز دەپسز،يازغان ئ‍ىنكاسىڭىزغا قاراپ باقسام ئ‍ۆزىڭىز شۇنداق سۆلەتۋازدەك قىلىسىز ،چىرايىڭىز چىرايلىق بولغان بىلەن قابىلىيىتىڭىز ھەم ئەقلىڭىز بولمىسا بىكار ........!

  • مەستانە3 ئاي ئىلگىرى

    شىئېر : بولدىڭىز .
    ئاپتۇرى : ئۆركەشجان ئابلىمىت (ئىزچى),

    كەسپىڭىزدە شەرەپ قۇچۇپ جاھاندا مەشھۇر بولدىڭىز
    ماختىلىپ ئەل قەلبىدە گويا نادىر مۇزىكا - خور بولدىڭىز
    كىم ھەۋەس قىلمايدۇ سىزدەك ھاياتى ئاتالغان ئېكرانغا
    ئاشۇ شەرەپكە مۇناسىپ شاھرۇھخان دەل سىز بولدىڭىز
    ئۆتتى كۈنىڭىز يېتىملىكتە ئۇلاپ نۇرغۇن تۈننى تاڭلارغا
    ھەر فىلىمنىڭ تەھتىتىدىن - دوغ سۈزگۈچى تور بولدىڭىز
    ئىككى مىليارد بەش يۈز مىليون مەستانىنى ئەگەشتۈرۈپ
    ھەممىنى قالدۇرۇپ ھاڭ-تاڭ بوللىۋودقا شاھ بولدىڭىز
    ئىسمىڭىز چۈچۈك تىللاردا دىيىلدى تونۇپ كەتتى ئۇكاشلار
    بۇ رىقابەت سەھنىسىدە تەڭسىز شەرەپكە لايىق بولدىڭىز
    يارىشاركەن ئۇتۇق دىگەن تاپسا تىرىشپ ئۆزى ئەجرىدىن
    مىليارد يۈرەك قات - قېتىغا يېزىپ ئىسمىڭىزمۇ بولدىڭىز
    بارچىنى قايىل قىلغان چولپاندىن كىم ماختانماس خوشال
    ماختاشقا سىزنى (مەستانىلەر تىلى يېتىشمەس) بولدىڭىز

  • مەستانە3 ئاي ئىلگىرى

    شىئېر : بىلەمسەن .
    ئاپتۇرى : ئۆركەشجان ئابلىمىت (ئىزچى)


    شۇنداق گۈزەل خۇشخۇي پېچەت قامىتىڭ
    كۆز ئالدىمدىن كەتمەس كۈن - تۈن ھالىتىڭ
    پەخىرلەندىم يېقىندا ، زەپمۇ كەلگەچ ئامىتىڭ
    ئاھ دېپىكا پادۇكون مەن مەستانەڭ بىلەمسەن

    بازارلاردا يۈرۈپسەن ھەتتا ئۆيدە پۇتلۇشۇپ
    بىر رەت كۆرمەي يۈرۈپتىمەنغۇ شوقلۇشۇپ
    گۆدەك بولغاچ بەرمەپتىمەن بىر قوللۇشۇپ
    ئاھ دېپىكا پادۇكون مەن مەستانەڭ بىلەمسەن

    بۇرۇنلاردا سىنى پەقەت نەزىرىمگە ئىلمايتىم
    شۇ گۈزەل قامىتىڭنى پەقەت خىيال قىلمايتىم
    سىنى كۆرۈش خىيالىم يوق ئويۇننىلا چىللايتىم
    ئاھ دېپىكا پادۇكون مەن مەستانەڭ بىلەمسەن

    كاللام باشقا خىيالدا - باشقا نىشاندا يۈرەتتىم
    دۇنيارىممۇ باشقا ئىدى يېغلاپ بەزى كۈلەتتىم
    چۈشۈمدىمۇ باشقا ئىشنى باشقىنلا كۆرەتتىم
    ئاھ دېپىكا پادۇكون مەن مەستانەڭ بىلەمسەن

    مەستانىغۇ يوقلا گەپ ، سىنى چولپان دىمەيتىم
    نەدە تۇردۇڭ نەدە قوپتۇڭ غېمىڭنىمۇ يىمەيتىم
    ئۇ چاغلاردا كارىم يوق ئىسمىڭنىمۇ بىلمەيتتىم
    ئاھ دېپىكا پادۇكون مەن مەستانەڭ بىلەمسەن

    سەن مىنىڭدىن بىخەۋەر ئۆز يۇلۇڭدا يۈرەتتىڭ
    جاپالارغا بىرىپ بەرداش كەسپىڭنى سۈيەتتىڭ
    كەلگەن بولساڭ شىنجاڭغا مەستانەڭنى كۆرەتتىڭ
    ئاھ دېپىكا پادۇكون مەن مەستانەڭ بىلەمسەن

    (تۆت يىل بولدى) دېپىكا ، ئەمدى قىلاي قەدرىڭنى
    مەنمۇ ئەمدى ئەگەشتىم ، بىلگەنلەرگە ئەجرىڭنى
    قالدىم سىنى ياقتۇرۇپ ، بىلىپ جاپا - جەبرىڭنى
    ئاھ دېپىكا پادۇكون مەن مەستانەڭ بىلەمسەن

    نەچچە رەت قاراپ بولدۇم ، ئوبرازىڭغا قايرىلىپ
    يۈز تۇرانە كۆرگۈم بار ، كەتكىچە جاندىن ئايرىلىپ
    سىنى شۇنداق بىر كۆرسەم كەتمەسمىدىم يايرىلىپ
    ئاھ دېپىكا پادۇكون مەن مەستانەڭ بىلەمسەن

    داۋا بولدى ھازىرغىچە سەن كۆرسەتكەن سىمايىڭ
    بەكمۇ ياخشى ئەر باش رولغا ماسلىشىشىڭ ھىمايىڭ
    دۇنيا گۈزىلى بۇلالماسلىق ئەمەس سىنىڭ گۇناھىڭ
    ئاھ دېپىكا پادۇكون مەن مەستانەڭ بىلەمسەن

    بوللىۋود ھەم ھوللىۋود سەندىن ئايلانسۇن ، تىرىش
    ھوللىۋودقا ئاز چىقىپ بوللىۋودتا خان بىلەن كىرىش
    مەن ئۈچۈن شەرەپتۇر سىنى كۈيلەپ خەت يىزىش
    ئاھ دېپىكا پادۇكون مەن مەستانەڭ بىلەمسەن

    2017 . 4 . 24

  • ئىقبالە3 ئاي ئىلگىرى

    ئەلى بەگ تورداش، شارۇلخان قانداقسىگە قۇرۇق سۆلەت بۇلىدۇ، قۇرۇق سۆلەت دەپ ھىچ ئىش قىلماي ئاتا ئانىسىنىڭ تاپقىنىنى شوراپ يەيدىغاننى دەيدۇ، شارۇلخان دىگەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىرىشىپ مۇشۇ كۈنگە ئىرىشكەن داڭلىق چولپان ، ھەم دوختۇرخانا قۇرۇپ باشقىلارنى ھەقسىز داۋالاۋاتقان بىر مىھرىبان ئادەم ، سىزنىڭ ئىسمىڭىزغا قارىغاندا ئەسلى قۇرۇق سۆلەت باي ئەۋلادى ئوخشايسز

  • ئەرن3 ئاي ئىلگىرى

    سىلەر ئۆچ ئامراق بولساڭلار بەرىبىر شاھرۇكخاننى سىلەرنى تونىمايدۇ ئەمما سىلەر تونۇيسىلەر ئۇنى ،نېمىدىگەن بىچارىلىك ،بىر ئۆمۈر ئۇنىڭغا ئۆچلۈكىڭلارنى يۈزمۇيۇز دېگۈدەك پۇرسەتمۇ چىقمايدۇ سىلەرگە ،شۇڭا كەينىدىن غاجاپ باقىسىلەر ،بىرئادەمنىڭ كەينىدىن ياخشى دېيىش ئەخلاق ،سىلەردەك ئۆزى بىلەن بىر پۇللۇق مۇناسىۋىتى يوق ئادەمگە ئۆچ بوپ قېلىش ساراڭلىق

  • ۋاز كىچەيمۇ …؟3 ئاي ئىلگىرى

    چوڭ ئوغلى شاررۇلخانغا بەك بەك ئوخشايدىكەن

  • زۇلمەت3 ئاي ئىلگىرى

    قۇشقاچ دىگەن خېلى بىرنىمىلەرنى بىلىدۇ،پاختەك دەيمىز مۇندا

  • مەن3 ئاي ئىلگىرى

    شاھرۇھ خان داڭلىق بولغانلىكى ئۇچۇن ئامېرىكىلىقلار تۇتۇق سۆزلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ شاھرۇھ خاننىڭ سۆزلىگەن تۇتىقىمۇ زور زىلزىلىگە پەيدا قىلدۇ

  • ئاققۇ3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئىنكاسلارغا قاراپ بەكلا كۇلگۇم كىلىۋاتىدۇ بۇ ئادەمنى ياقتۇرماي تۇرۇپ نىم دەپ ئاتايىتەن ئىچىپ كۆرىسىلەر تخى يەتمىگەندەك ئۆچ ئامرەق دەپ كىتىسىلىكەن سىلىنىڭ ئۆچ بوپ قالغىنىڭلىغا يا ئامراق بوپ قالغىنىڭلىغا بۇ ئادەمنىڭ بىرە مەستانىسى ئازلاپ قالمايدۇ ياقتۇرمىغان نىمەڭلىگە بىكار ئىېقىمىڭلىنى بۇزۇپ ئىچىپ يۇرمەڭلار ئەمسە بۇ نىڭ خەۋەرلىرىنى يا سىلىدى ئامراقمۇ ئۆچمۇ ئىنكاس يىزىڭلار دىمەپتۇ ئۇزەڭلىچە ئوچ ئامراق دەپ كىتىسىلىكەن قىززق ئادەملەر باردە ھەي

  • بۇركۇت3 ئاي ئىلگىرى

    خوشاڭ بولمىسا نىمە قىلسە ئىنكاس يېزىپ شاھرۇھ خان دىگەن يەرشارى بويىنچە مەستانىسى ئەڭ كۆپ كىنو چولپىنى نەچچە مىليارد مەستانىسى با بەيدۇغا shahrukhkhan دەپ بىسىپ كۆرۇپ باق شاھرۇھ خاننىڭ قانداق ئادەلىكنى بىلىسە ، لاچىنمىش تىخى ھۇھ،،،، قۇچقاچ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号