باش بەت

خەۋەرلەر

2999يوللانما
12مەستانە

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى | جاڭ ئەيفاڭ قازاق ھەمشىرىلەرنى بەختلىك تۇرمۇشىنى ئۆز قولى بىلەن «كەشتىلەش»كە يېتەكلىدى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-02 11:20 0 ئىنكاس چۈشتى

      ئۆز خەۋىرىمىز: چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ جىيەك بازىرى قاراساي كەنتى قازاقلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلار يېڭى كەنتى بولۇپ، بۇ كەنتكە 2010-يىلىدىن بېرى لياۋنىڭ ئۆلكىسى مەبلەغ چىقىرىپ ياردەم قىلىپ كەلگەنىدى. يېقىنقى يىللادا، يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كىرگەن قازاق ئاھالىلەرنىڭ بەزىلىرى باقمىچىلىق، بەزىلىرى تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرسا، يەنە بەزىلىرى ساياھەت بۇيۇملىرى دۇكىنى، سەھرا ئارامگاھى ئېچىپ، كىرىمنى كۆپ خىل ئۇسۇللاردا ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىغا قاراپ ماڭدى.  

  قاراساي كەنتىدە قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى زاۋۇتىنىڭ بىناسى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، بۇ يەردە كەشتىچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل مۇقىيات كەنتتىكى قازاق ئاياللارنى يېتەكلەپ، بىر تۈركۈم كەشتە بۇيۇملىرىنى كەشتىلىمەكتە ئىدى.

 مۇقىياتنىڭ دېيىشىچە، بۇ قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى زاۋۇتىنى ئۇنىڭ خەنزۇ ئاچىسى جاڭ ئەيفاڭ مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغانىكەن. ئەمەلىيەتتە، پېنسىيەگە چىققان جاڭ ئەيفاڭ بۇرۇنلا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانىكەن. بىراق، ئۇ كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ھەمشىرىسى مۇقىياتنىڭ ئىشسىز تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلغانىكەن.

  جاڭ ئەيفاڭمۇ جىيەك بازىرىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان، ئۇ مۇقىيات بىلەن كىچىكىدىن بىللە مەكتەپكە بېرىپ، بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمشىرىلەردىن ئىدى. جاڭ ئەيفاڭغا شۇ نۇقتا ئېنىق ئىدىكى، مۇقىيات ھۈنەرگە كامىل ئىدى، جاڭ ئەيفاڭ ئۆزىمۇ قازاق كەشتىچىلىكىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، بۇ ئىككىيلەن ھەمكارلاشسا نۇرغۇن ئىشلارنى ياخشى قىلىپ كېتەلەيتتى.

 2016-يىلى 50 نەچچە ياشلىق جاڭ ئەيفاڭ چاغانتوقاي ناھىيەسىدە قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمى دېھقان-چارۋىچىلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى ھەمدە ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ شۇ يىلىلا كوپراتىپنى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن مۇقىيات ئىككىسى ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قاراپ ماڭدى.

 

 جاڭ ئەيفاڭ مۇقىيات بىلەن قازاق كەشتىچىلىكى ھەققىدە پاراڭلاشماقتا. 

  جاڭ ئەيفاڭ ئالدى بىلەن ئىككى كەشتە ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، قاراساي كەنت ئاھالىلەر كومتېىتى قورۇسىدا مۇشۇ ماشىنلار ئارقىلىق 20 ئايالنى تەربىيەلىدى، ئارقىدىن يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ تېز ئۈنۈملۈك تۈرلەرنى قوللاش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ قولغا كەلتۈرگەن 620 مىڭ يۈەن مەبلەغكە يېڭى ئۈسكۈنە سېتىۋېلىپ، زاكاس بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىۋەتتى.

 جاڭ ئەيفاڭ ۋە مۇقىيات ئىشلارنى تەقسىم قىلىۋالدى، بىرى كەشتە بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارسا، يەنە بىرى بازار ئېچىش، سېتىشقا مەسئۇل بولدى. بۇ كوپىراتىپتا كەشتىلەنگەن كۆرپە، ياستۇق، كىگىز قاتارلىق قازاق كەشتىچىلىك مەھسۇلاتلىرى ناھايىتى تېزلا چۆچەك شەھىرىدە بازار تېپىپلا قالماي، يەنە خېنەن، بېيجىڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەرگە ھەتتا ئاۋسترالىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىرىلدى، 2016-يىلى كوپېراتىپ قولغا كەلتۈرگەن زاكاز تالونى بىر مىليون يۈەندىن ئاشتى.

 زاكازلار كۆپەيگەنسېرى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە توغرا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن جاڭ ئەيفاڭ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىل يىغقان پۇلى ۋە ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن سوراپ توپلىغان 4 مىليون يۈەنگە ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى زاۋۇتىنى قۇردى.

  كەنتتىكى كەشتىچىلىكنى بىلىدىغان قازاق ئاياللار بەس-بەستە بۇ زاۋۇتقا كىردى. كەنت ئاھالىسى ئەلىمە خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەن پەقەت ئۆيدە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلاتتىم، ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ پۇل تاپالىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، زاۋۇتقا كىرگەندىن بۇيان، مەنمۇ پۇل تېپىپ، ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇردۇم.

 بۇ زاۋۇتتا ئەلىمەگە ئوخشاش ئايلىق مائاش ئېلىپ ئىشلەيدىغان كوپىراتىپ ئەزاسىدىن 20 سى بار، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە %1 پاي چېكىنى بۇ نامرات ئائىلىلەرگە بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ھەر يىلى پايدا بۆلۈشىدۇ، كوپىراتىپ يەنە ھەر يىلى %10 پايدىسىنى قاراساي كەنتىنىڭ كوللېكتىپ كىرىمىگە ھەدىيە قىلىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە جاڭ ئەيفاڭ بىلەن مۇقىيات تېخىمۇ كۆپ ئايالنى بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەش يولىغا باشلاپ، كۆپچىلىكنى ئۆز قولى ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇشىنى «كەشتىلەپ» چىقىشقا يېتەكلىمەكتە.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-08/01/content_612159.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号