باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8946يوللانما
455مەستانە

تاماكا تاشلىسا ئۆمۈر قانچىلىك ئۇزىرايدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-02 13:22 15 ئىنكاس چۈشتى

نۇرغۇن كىشى تاماكا چېكىش بىر خىل ئادەت دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە تاماكا چېكىش «كۆك تاماكىغا بېقىنىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل سوزۇلما خارەكتېرلىك كېسەل بولۇپ، بۇ خىل كېسەل دورىغا بېقىنىش دائىرىسىگە كىرىدۇ، يەنى ئادەم بەدىنى روھىي جەھەتتىن نىكوتىنغا بېقىنىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت تاماكا چەككەندە نەپەس يولى كېسەللىكى، يۈرەك–مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ. نىكوتىن ياغدا ئېرىيدىغان ماددا بولۇپ، ئۆپكىگە كىرگەندىن كېيىن ناھايىتى تېز قانغا ئۆتىدۇ. ئاندىن مېڭە قان تومۇرلىرى ئارقىلىق مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئارقىدىن، نىكوتىن چوڭ مېڭىدە نىكوتىن ئاتسېتىلخولىن قوبۇل قىلىش تەنچىسىنى جانلاندۇرۇپ، دوپامىننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاماكا چەككۈچىلەردە «ھوزۇر» پەيدا قىلىدۇ.

ئەگەر تاماكا چېكىشنى توختاتقاندا، تاماكا چەككۈچىلەردە ۋاقىتلىق ئىچى تىتىلداش، ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئاتالمىش «تاماكا تاشلاش ئالامەتلىرى» كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭغا تاماكا چەككۈچىلەردىكى پىسخىكا جەھەتتىن بېقىنىش ئالامىتى قوشۇلۇپ، تاماكا چەككەندە روھنى ئۇرغۇتقىلى، ئىچ پۇشۇقىنى چىقارغىلى، ھارغىنلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تاماكا چېكىش خۇمارى كۈنسېرى كۈچىيىپ، ھەر قانچە قىلىپمۇ تاماكا تاشلىيالمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇ ئالامەتلەر تاماكا تاشلاشنىڭ زىيىنى بولماستىن، بەلكى بەدەننىڭ نىكوتىن تەمىناتى يوق ھالەتكە تىرىشىپ ماسلىشىشىدۇر.

تاماكىنى ئىلمىي تاشلىغاندا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1–تارماق دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى شېن يەنلىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كىلىنىكىدا تاماكا تاشلاشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار ئىكەن:

نىكوتىننىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش بويىچە داۋالاش. مەسىلەن: سېغىز، تاماكا تاشلاش چاپلىمىسى، شورايدىغان تابلېتكا، بۇرۇن پۈركۈمىسى قاتارلىقلارغا كۆك تاماكا تۈرىگە كىرمەيدىغان مىكرو نىكوتىن قوشۇپ، كۆك تاماكا تۈرىدىكى نىكوتىننىڭ ئورنىنى تولۇق ياكى قىسمەن ئېلىش، بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى نورمالسىزلىقلارنى تۈگىتىپ، ئاندىن تاماكىنى تەدرىجىي ئازايتىش ئارقىلىق تاماكا تاشلاش ئۈنۈمىگە يېتىش؛ ئامفېتاكېتون تۈرىدىكى دورىلاردىن پايدىلىنىش، يەنى ئامفېتاكېتون تۈرىدىكى دورىلاردىن پايدىلىنىپ نىكوتىننى چەكلەپ، دوپامېننىڭ ئاجرىلىشىنى توسۇپ، بۇ ئارقىلىق تاماكا چېكىشتىن پەيدا بولىدىغان «ھۇزۇر» تۇيغۇسىنى تۈگىتىپ، تاماكا تاشلىغان دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىلدە پەيدا بولىدىغان بىئاراملىقنى يېڭىپ، بەدەننىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئازادىلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش؛ پاننىكلان تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلىتىش، بۇ خىلدىكى دورىدا نىكوتىننىڭ خىمىيەلىك شەكلى بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى نىكوتىن قوبۇل قىلىش تەنچىسى بىرلەشكەن بولۇپ، ئوتتۇرا ۋە يېنىك دەرىجىدىكى نىكوتىن ئەۋرىشكىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ، ئۇ ئاز مىقداردىكى دوپامېننىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تاماكا تاشلىغۇچىلاردىكى نىكوتىنغا بولغان بېقىنىشنى يېنىكلىتىپ، نىكوتىن ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان دوپامىننىڭ سەزگۈر نېرىپلارنى غىدىقلىشىنى تۈگىتىپ، تاماكا چېكىشتىن «ھۇزۇر» ئېلىش تۇيغۇسىنى چەكلىگىلى، تاماكا چەككۈچىلەردىكى ئادەت ۋە بېقىنىشنىڭ ماددىي ئاساسىنى تۈگىتىپ، تاماكا چېكىش ئىستىكىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

    شېن يەنلىڭ مۇنداق دېدى: تاماكا تاشلاشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى پىسخىكا جەھەتتىن داۋالاشنى ئاساس، دورا بىلەن داۋالاشنى قوشۇمچە قىلىشتۇر. دوختۇرنىڭ كەسپىي كۆرسەتمىسى ۋە ئىلمىي تاماكا تاشلاش لايىھەسى بويىچە ئىش كۆرگەندە، تاماكا تاشلاشتا ئۇتۇق قازانغىلى بولىدۇ.
    بەڭگىلەرنىڭ باھانىسىنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق
    تاماكا تاشلاش ھەقىقەتەن قىيىن، بۇنىڭ ئۈچۈن بەڭگىلەر: ئۇزاق ۋاقىت تاماكا چەككەنلەر تاماكا تاشلىسا سالامەتلىككە زىيانلىق، تاماكا تاشلىسا سەمىرىپ كېتىدۇ، ياشقا چوڭ بولغاندا تاماكا تاشلاشنىڭ پايدىسى يوق دەيدۇ...

شېن يەنلىڭ مۇنداق دېدى: ئۇزاق ۋاقىت تاماكا چەككەنلەر تاماكا تاشلىسا ئاغرىپ قالىدۇ، دېگەن سۆزنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق؛ ئاتالمىش تاماكا تاشلىسا سەمىرىپ كېتىدۇ، دېيىشتە، ئاساسلىقى بەزى كىشىلەرنىڭ تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن، تاماكىنىڭ ئورنىدا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەۋېلىپ، سەمىرىپ كەتكەنلىكىگە قارىتىلغان. ئاتالمىش «ياشقا چوڭ بولۇپ قالغاندا تاماكا تاشلىغاننىڭ پايدىسى يوق» دېگەن سۆزنىڭ تېخىمۇ ئاساسى يوق، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، 60 ياش، 50 ياش، 40 ياش، 30 ياش ۋاقتىدا تاماكا تاشلىغاندا، ئۆمۈرنى ئايرىم–ئايرىم ئۈچ يىل، ئالتە يىل، توققۇز يىل ۋە ئون يىل ئۇزارتقىلى بولىدىكەن. تاماكىنى قانچە ياشتا تاشلىسىمۇ، كېچىكمەيدىكەن. «تاماكا تاشلاپ يەنە چېكىۋالىدىغاندىن كۆرە، تاماكا تاشلىمىغان ياخشى» دېگەن سۆز تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى پىسخىكا ئۆزگىرىشىگە قارىتىلغان بولۇپ، بەزى كىشىلەر تاماكا تاشلاپ يەنە چەكسە تاماكىنى تېخىمۇ كۆپ چېكىۋالىدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇ سەۋەبتىن تاماكا تاشلىغانلار تاماكا تاشلىغان مەزگىلدە جەزمەن دوختۇر ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمىگە تايىنىپ تاماكىنى ئوڭۇشلۇق تاشلىشى، تاماكا تاشلىغۇچى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردە تاماكا چەككۈچىنىڭ تاماكا تاشلاپ يەنە قايتا چېكىۋېلىشىگە نىسبەتەن پىسخىكا جەھەتتىن «ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش» قىلىش تەييارلىقى بولۇش كېرەك.

شېن يەنلىڭ: تاماكا تاشلىغان مەزگىلدە، تاماكىدىن بىر تال چەكسىڭىزمۇ قىلغان ئەجرىڭىز بىكارغا كېتىدۇ، تاماكا تاشلاپ مەغلۇپ بولسىڭىز، ئىشەنچىڭىزنى يوقاتسىڭىز بولمايدۇ، جەزمەن قايتىدىن باشلاپ تاكى تاماكا تاشلاپ غەلىبە قىلغانغا قەدەر قەتئىي ئىرادىلىك بولمىسىڭىز بولمايدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا دائىر قىزىق لىنىيە تېلېفونى «12320»دە تاماكا تاشلاشتىن مەسلىھەت بېرىش سەھىپىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تاماكا تاشلاشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قانداق ئىشلەش، تۈزگەن تاماكا تاشلاش پىلانىنى قانداق ئىجرا قىلىش، ئەگەر تاماكا تاشلاش پىلانىغا خىلاپلىق قىلىپ قويسا قانداق قىلىش، تاماكا چېكىش بىلەن ئۆسمە كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى، باشقىلارنىڭ تۇتقان تاماكىسىنى قانداق سىلىق رەت قىلىش... دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب بېرىلىدىكەن، ھەر قانداق كىشى قىزىق لىنىيە تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدىكەن.

30 ياشتا تاماكا تاشلىغانلارنىڭ ئۆمرى ئون يىل ئۇزىرايدۇ.

40 ياشتا تاماكا تاشلىغانلارنىڭ ئۆمرى توققۇز يىل ئۇزىرايدۇ.
50 ياشتا تاماكا تاشلىغانلارنىڭ ئۆمرى ئالتە يىل ئۇزىرايدۇ.
60 ياشتا تاماكا تاشلىغانلارنىڭ ئۆمرى ئۈچ يىل ئۇزىرايدۇ.

مەنبە: يارپ تورى

http://uy.xjaids.com/e/action/ShowInfo.php?classid=39&id=2269

باش سۈرەت تاللاش x
  • كەمتەر1 ئاي ئىلگىرى

    دوستلار ، ھەممىڭلار ياخشىمۇ؟مانا مۇشۇ سەھىپىگە نۇرغۇن ئەرلەر كۆرۈپسىلەر، بىزلەرمۇ بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ سەھىپە ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرساق،سىلەرچە بولامدۇ.

  • ئىلتىجا1 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ يولدۇشۇم مەن بىلەن توي قىلىشتىن ئىلگىرى ، يەتتە سەككىز يىل چېكىپتىكەن ،بىز توي قىلىشقا پۈتۈشكەندە مەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ، گەپ ئارىلىقتا ئۇنىڭغا تاماكا چەككەنلەردىن بىزار ئىكەنلىكىمنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى يۇمشاق گەپلەر بىلەن ئازراق پۇرۇتۇپ قويغان ئىدىم.ئۇ توينىڭ نەچچە كۈن ئالدىدا تاشلاپتىكەن.تاشلىغىلىمۇ بەش يىل بولدى.ئارىلىقتا ئۆپكە كېسىلى بىلەن داۋالاندى.كېسىلى خېلىلا ئېغىركەنتۇق ، بەزىلەر ساقىيالمايدىكەن دېيىشىكەن بىراق ھازىر ئەسلىگە كېلىشى بەك ياخشى بولۇپ بىر يىل ئىچىدىلا ساق سالامەت ساقىيىپ كەتتى.بىراق ، يېقىننىڭ ياقى ئۇ سىرتتىن كىرگەن ۋاقىتتائازراق پۇرىقىنى بايقاپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم.ئۆزىدىن سورىسام ماشىنامدا ئاغىنە بالىلا چېكىپتىكەن پۇرىقى سىڭىپ قاپتۇ،سىزنىڭ ئۆچلۈكىڭىزنى بىلىدىغان تۇرسام يەنە شۇنداق قىلامەنمۇ دەپلا يىغىشتۇردى.ئۆزۈمچە بەكلا گۇمانسىراپ قېلىۋاتىمەن.راست ، شۇنداق بولسا ، كېسەلنى قايتا قوزغىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ قالدىم.ئاىلىدە تاماكا خۇمارنى يوقىتىدىغان يەرلىك رېتسىپلار بولسا ، دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.ئۆپكە كېسىلى قايتا قوزغالسا ساقايتماق بەك تەس ئىكەن.

  • گۈلى1 ئاي ئىلگىرى

    مەن تاماكىنىڭ پۇرىقىنى چەككەن ئادەمگە قارىغاندا يېنىدا تۇرغان ئادەمگە بەكرەك زىيان قىلىدۇ دەپ ئوقۇغان بىر خەۋەردە شۇنىڭ ئۇچۇن كىچىك بالىسى بارلار ئامال بار ئۆيلىرىدە بالىلارنىڭ يېنىدا تاماكا چەكمەسلىكى كىرەك دەپ ئويلايمەن ھەم سالامەتىككە زىيانىلىق ھەم بالىلارغا تەسىرى ياخشى بولمايدۇ

  • شاپاق كاللا تاز گەدەن1 ئاي ئىلگىرى

    تاشلايسىلە ھەممەڭلا چېكىپ بوپ پوپىشەكنى تاشلايسىلە ..... چېكىۋېرىڭلا . سىلەبى ئوغۇرنىڭ ئشكىنى چەكمىگەندىكىن ..

  • پەرزەنت ئىشقىدا1 ئاي ئىلگىرى

    تاماكا چېكىش ياخشى ئىش ئەمەس ،بىراق تاماكا بىلەن ئۆمۈرنىڭ مىس موچەنلىك ئالاقىسى يوق ،

  • بەكرى1 ئاي ئىلگىرى

    ئانىسنىڭ ئەمچىكىدىن ئايرىلالىغان ئادەم شۇ تاماكىدىنمۇ ئايرىلالايدۇ، قەتئىي نىيەتكە كەلسىلا

  • جېنىم باللىرىم1 ئاي ئىلگىرى

    قەتئىي نىيەتكە كەلسەڭلار چوقۇم تاشلىيالايسىلە ،مېنىڭمۇ دادام يىگىرمە بەش يىل چېكىپتىكەن سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز بەك ئېغىر ئالاتتۇق تاماكا چېكىشىنى ،ئۇچاغلاردا مەكتەپتە ئوقۇيتتۇق سىنىپىمىزدىكى بالىلار ماۋۇنىڭ دادىسى تاماكا چېكىدىكەن دەپ زاڭلىق قىلاتتى ،بىر قېتىم سىڭلىمنىڭ ساۋاقدىشى ئۆيىمىزگە كەلگەن چېغىدا دادامنىڭ چەككىنىنى كۆرۈپ قاپتىكەن سىڭلىم شۇنداق يىغلىغان ئىدى دادام شۇ چاغدا قولىدىكى تاماكىنى تاشلىغانچە ئىككىنچى قولىغا ئېلىپمۇ باقمىدى ،تاماكا تاشلاپ ساق بىر يىلدىن كېيىن دادام ئازراق ھۆتەل بولۇپ قېلىپ دوختۇرخانىغا ئاپارساق ئۆپكە جېخىرى بولۇپ يەتمىش پرسەنت ساقىيىپتۇ دېدى ،شۇڭا ئۆزۈڭلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلاپ ئۇ نەرسىنى چەكمەڭلا بىر جەھەتتىن پۇلۇڭلارنى بۇزغان بولىسىلە ھەم سالامەتلىكىڭلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولىسىلەر .

  • دادامنىڭ بالىسى1 ئاي ئىلگىرى

    ئىرادەڭلا بولسىلا ھېچقانداق دورا يېمەي ئىچمەي تاشلىيالايسىلە مەنمۇ بۇرۇن بىر مەزگىل قەبىلىلەر ئۇرشى دېگەن ئۇيۇنغا مەجنۇنلارچە مەپتۇن بۇلۇپ قالغان ئىدىم شۇ ئۇيۇندىن ئايرىلالماس بوپ قالغان ئىدىم كىيىن بىر دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئۈچ كۈن توختىماي ئوينىدىم ئويناۋېتىپ كىيىن ئويلاپ باقسام ماڭا ئەمەلىي تۇرمۇشتا پەقەت پايدىسى بولمىغانلىقىنى بىلدىم ۋە تاشلىدىم

    كىيىن ھەپتىدە بىرە قېتىم ئېچىپ قۇيۇپ كىيىن يەنە ئوينىمىدىم
    ھازىرمۇ يانفۇنۇمدا با بىرە ئىككى كۈن ئاچمىساممۇ ئۇنچە سېغىنىپ كەتمەيمەن شۇ ئۇيۇننى coc
    ئۆز تەجىربەمنى سۆزلەپ قويدۇم ئانچە مۇنچە پايدىسى بوپ قالسا ھەجەپ ئەمەس

  • بىر بالا1 ئاي ئىلگىرى

    ھەي تاڭ جۇمۇ …ئۈمۈرنىڭ ئۇزۇن قىسقا بۇلۇشى بۇلار بىلەن مۇناسىۋەتسىزمىكىن…بۇ نەرسىلەر پەقەت نەزىريە. ئەمەلىيەتتىن بىرنى دەپ بېرەيمۇ ؟ چوڭ دادام بۇ يىل 97 ياشقا كىردى ( ئۈمرى ئۇزۇن بولسۇن) 1920 يىلى تۇغۇلغان .تاماكىنى 9 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ چىكىپتىكەن… مەنغۇ تاماكا چەكمەيمەن .ئەمما چوڭ دادامنىڭ چىكىشىگە ھەيران قالىمەندە…ھازىرمۇ كۈندە 3 تال چىكىدۇ.

  • 8903131 ئاي ئىلگىرى

    مانا 28ياشقا كىرپتىمەن،17يىل بوپتۇ،تاماكىنى تاشلاش . تۈگۈل،خۇمارىم تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىپ بارىدۇ.1 كۈندە 2 قاپ چېكىمەن.بەزىدە تېخى يەتمەي قالىدىكەن.قانداق قىلسام بولار؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号