باش بەت

amangul

63يوللانما
1مەستانە

قۇش زۇكىمى تۇخۇم باھاسىنى ئۆرلىتىپ، مال كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-02 22:14 0 ئىنكاس چۈشتى

20170802202849865.jpg

سىنا تورى 2-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كورېيە ھۆكۈمىتى 1-ئاۋغۇست تۇخۇم تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى بىكار قىلىشنى تەستىقلىغان بولۇپ، قۇش زۇكىمىدىن كېلىپ چىققان مال بىلەن تەمىنلەشنىڭ كەمچىل بولۇشىغا تاقابىل تۇرماقچى بولغان.

كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى تەدبىر كارخانىلارنىڭ 28 مىڭ توننا تۇخۇم ئىمپورت قىلىشىغا يول قويىدىغان بولۇپ،  13 مىڭ توننا شاكاللىق تۇخۇم، 600 توننا سورتلۇق تۇخۇم ۋە 14 مىڭ 400 توننا باشقا مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ باجسىز مۇددىتى يىل ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن.

 كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېيىشىچە، كورېيە كارخانىلىرى ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، دانىيە، گوللاندىيە، تايلاند ۋە ئىسپانىيەدىن تۇخۇم ئىمپورت قىلغان. 

يۇقىرىقى باجسىز مۇددەت تەدبىرى ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يولغا قويۇلۇشقا باشلايدىكەن.

قۇش زۇكىمىدىن كېلىپ چىققان يۇقۇم ئەھۋالى تۇخۇمنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل ئىككىنچى قېتىملىق تەدبىر قوللىنىپ، تۇخۇم تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئالدىنقى قېتىم، بۇ يىلقى يېڭى يىل بايرىمىدىن كېيىن كورېيە ھۆكۈمىتى 4-يانۋاردىن باشلاپ تۇخۇم تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجىنى نورمىلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشنى ۋە تاموژنا بېجى نىسبىتىنى نۆلگە تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلغان. تۇخۇم تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار تۇخۇم ، تۇخۇم ئېقى ۋە تۇخۇم تالقىنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كورېيە يېمەكلىك دورىگەرلىك مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك باشقارمىسىنىڭ 1-يانۋار دېيىشىچە، ھۆكۈمەت پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تۇخۇم مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى تەستىقلىغان بولۇپ، قۇش زۇكىمى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يامراپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان «تۇخۇم قەھەتچىلىكى»گە تاقابىل تۇرغان. كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى خەۋىرىدە خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كورېيەنىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تۇخۇم مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشى ئىكەن.

بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، كورېيە «تۇخۇم قەھەتچىلىكى»گە كىرىپ قالغان بولۇپ، تۇخۇم بىر مەھەل «ئالتۇن تۇخۇم»غا ئايلىنىپ، باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن.

ئارقىدىنلا كورېيە ئامېرىكا، ئىسپانىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدىن تۇخۇم ئىمپورت قىلىپ، مەلۇم دەرىجىدە باھانى مۇقىملاشتۇرغان. لېكىن ئامېرىكا بىلەن ئىسپانىيەدىمۇ ئۇشتۇمتۇت يۇقۇم ئەھۋالى پەيدا بولغانلىقتىن كورېيە يۇقىرىقى دۆلەتلەردىن تۇخۇم ئىمپورت قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان.

كورېيە ئىستاتىستىكا نازارىتىنىڭ 27-ئاپرېل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كورېيەدىكى تۇخۇم تۇغىدىغان مېكىياننىڭ سانى ئازىيىپ، 12 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.

كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كورېيە ئاللىقاچان 38 مىليوندىن ئارتۇق تىرىك قۇشنى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، 25 مىليون 200 مىڭى تۇخۇم تۇغىدىغان مېكىياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن،بۇ كورېيە كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تۇخۇم مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %30 ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، كورېيە 1-ئاينىڭ بېشىدىن تارتىپ 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا، 98 مىڭ 600 توننا تۇخۇمنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى بىكار قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号