باش بەت

جاھانكەزدى

14374يوللانما
10مەستانە

نېمە ئۈچۈن تەبىئىي گاز ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىللار بارغانسېرى ئازلاپ كېتىدۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-04 21:30 15 ئىنكاس چۈشتى

تەبىئىي گاز بېنزىندىن ئەرزان تۇرسىمۇ نېمە ئۈچۈن گاز ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىللار ئازلاپ كېتىدۇ؟

گەرچە ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گاز تېخنىكىسى ناھايىتى پىشقان ھەمدە ئارتۇقچىلىقى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، تولۇقسىز ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان ئاپتوموبىللار ئىچىدە، يەنىلا %90 كىشى تەبىئىي گازنى ئەمەس بېنزىن ئىشلىتىشنى تاللىغان. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، نۆۋەتتە ئېلېكتىر تېخنىكىسى ۋە تەبىئىي گاز تېخنىكىسى كۈندىن-كۈنىگە مۇكەممەللىشىۋاتقان، كۆمۈر، يېقىلغۇ ماي بايلىقى كۈنسېرى ئازىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، نېمە ئۈچۈن ئاممىۋى ئاپتوبۇس ۋە تاكسى ئاپتوموبىللىرى قاتارلىق ئاممىۋى ئاساسىي قاتناش قوراللىرىدىن باشقا ئاپتوموبىللار تەبىئىي گاز ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ؟ تۆۋەندە بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنى كۆرۈپ باقايلى. 


ئالدى بىلەن بىز تەبىئىي گاز ئىشلىتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈپ باقايلى: 

1. مۇھىت ئاسراش ئۈنۈمى

تەبىئىي گاز ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىللار قويۇپ بەرگەن قالدۇق گاز تەركىبىدە قوغۇشۇن، فېنېل قاتارلىق راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بولمايدۇ، سولفىدلىق ماددىلارمۇ ئاساسەن يوق بولۇپ، ھەر خىل زەھەرلىك ماددىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەخمىنەن %85 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كاربون چالا ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارى %90، كاربون-ھىدروگېن بىرىكمىلىرى %72، ئازوت ئوكسىد ماددىلىرى %40، كاربون تۆت ئوكسىد %24، گۇڭگۇرت تۆت ئوكسىد %70، دانىچە ئارىلاشما ماددىلار %40، شاۋقۇن %40 تۆۋەنلەيدۇ. 

2. توشۇش ئاسان

تەبىئىي گازنى ئىشلىتىش ئاسان، ئۇنىڭ ئۈستىگە زاپىسى مول. تەبىئىي گازنى بارلىق شەھەر رايونلىرى ۋە كۆپ قىسىم شەھەر ئەتراپى رايونلىرىغا يەتكۈزۈشكە بولىدۇ. 

3. يېقىلغۇنى تېجەيدۇ

ئوخشاش ئىسسىقلىق قىممىتىگە ئىگە ئەھۋالدا، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئادەتتە بىر كۇب مېتىر تەبىئىي گازنىڭ باھاسىنى بىر لىتىر بېنزىن ياكى دىزېلنىڭ يېرىم باھاسىدا كونترول قىلىدۇ. بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يېقىلغۇ يېتىشمەسلىكنى تولۇقلاپلا قالماستىن، تەبىئىي گاز ئىشلەتكەن ئاپتوموبىللارنىڭ چىقىمىنىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ. 

4. بىخەتەر

بېنزىن ياكى دىزېل باكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تەبىئىي گازلىق ئاپتوموبىللارنىڭ يېقىلغۇ باكى تېخىمۇ پۇختا. تەبىئىي گازنىڭ ئۆزلۈكىدىن كۆيۈش تېمپېراتۇرا نۇقتىسى 650~680 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، بېنزىن ۋە دىزېلنىڭ كۆيۈش نۇقتىسىدىن كۆپ يۇقىرى تۇرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، تەبىئىي گاز ئىشلىتىلىدىغان ماتورنىڭ ئۆزلۈكىدىن كۆيۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بېنزىن بىلەن دىزېلدىن كۆپ تۆۋەن تۇرىدۇ. 


ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن تەبىئىي گاز ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىللار بارغانسېرى ئازلاپ كېتىدۇ؟

 

1. ھەرىكەت كۈچىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى چوڭ

ئەگەر ئاپتوموبىلىڭىز ھەرىكەت كۈچى تۆۋەن بولغان ئىخچام تىپلىق ئاپتوموبىل بولۇپ، تەبىئىي گاز ئىشلىتىلگەن بولسا، ئەسلىدىلا يېتىشمەيدىغان ھەرىكەت كۈچى تېخىمۇ ئاجىزلاپ كېتىدۇ، يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئاچقاندا ھەمدە ئاپتوموبىل ئىچىدە ئۈچ تۆت ئادەم ئولتۇرغاندا، ئاپتوموبىلنىڭ قوزغىلىشى ئۈچۈنمۇ خېلى كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ. 

2. ماتور ئۇپرايدۇ

ئاپتوموبىل تەبىئىي گازنى يېقىلغۇ قىلغاندا، كۆيۈش بۆلمىسىدىكى زاپچاسلارنىڭ روشەن چىرىيدىغانلىقى بايقالغان. ھەتتا ئەگرى ئوقمۇ چىرىيدۇ، ھاۋا تۆشۈكى، پورشىن ھالقىسى ۋە سىلىندىرنىڭ ئۇپرىشىمۇ ئېغىر بولۇپ، بېنزىن ئىشلەتكەن بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاپتوموبىلنى چڭ رېمونت قىلىش دەۋرى قىسقىراپ كېتىدۇ. تەبىئىي گاز ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىللاردا چىرىش ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇپراپ كېتىشىدىكى سەۋەب تەبىئىي گاز تەركىبىدە مىكرو مىقداردىكى گۇڭگۇرتلىق ماددىلارنىڭ بولغانلىقى بولۇپ، سىلىندىر، سىلىندىر دىۋارىنىڭ چىرىشى ۋە ئۇپرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىشلىتىش ئۆمرىنى قىسقارتىپ، چوڭ رېمونت قىلىش دەۋرىنىمۇ قىسقارتىۋېتىدۇ.  

3، گاز قاچىلاش قولايسىز

مەملىكىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، تەبىئىي گاز ئىشلىتىش ھەقىقەتەن نىسبەتەن قولايسىز بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە تەبىئىي گاز قاچىلاش نۇقتىلىرى بەك ئاز، بەزى ناھىيەلەردە ھەتتا بىر ياكى ئىككى گاز قاچىلاش پونكىتى بار. ئەگەر ئارىلىق بەك يىراق بولۇپ كەتسە، گاز قاچىلىغانغا قارىغاندا ماي قاچىلاش تېخىمۇ قولايلىق ھېسابلىنىدۇ. 

4. ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ

نۆۋەتتىكى تەبىئىي گازلىق ئاپتوموبىللار ئەسلىدىكى بېنزىن ياكى دىزېل ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىل ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەسلىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ بېنزىن ماتورى ياكى دىزېل ماتورىنىڭ يېقىلغۇ سىستېمىسىنىڭ كۆپ قىسمى ساقلاپ قېلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئەسلىدىكى ئاپتوموبىلغا تەبىئىي گاز سىستېمىسىنى قوشقاندا، ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىپلا قالماي، يەنە ئاپتوموبىلنىڭ زاپاس ساندۇق بوشلۇقىمۇ كىچىكلەپ كېتىدۇ. 

5. پۇل تېجەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئەمەس

ئائىلە ئاپتوموبىللىرىغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى چوڭ ئەمەس بولۇپ، 3000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە پۇل خەجلەپ گازلىق ئاپتوموبىلغا ئۆزگەرتكەندە، يىلىغا ئاران 10 مىڭدىن 20 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرىدىغان ئائىلە ئاپتوموبىللىرى ھەر كىلومېتىرىغا ئۈچ مودىن گاز كۆيدۈردى دېگەندىمۇ، بىر يىلدا 3000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە ماي پۇلى تېجەپ بېرەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبىئىي گاز باكىنى يىلدا بىر تەكشۈرتۈش كېرەك بولۇپ، بۇنىڭغىمۇ پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ. 

خۇلاسە: ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل بولۇپ، بەك كۆپ يول يۈرمىسە، يەنىلا بېنزىن ئىشلەتكەن ياخشى. تەبىئىي گاز گەرچە ئەرزان بولسىمۇ، بىراق قولايسىز تەرەپلىرىمۇ كۆپ. توختىماي يول يۈرىدىغان تاكسى ئاپتوموبىللىرى تەبىئىي گاز ئىشلەتسە نىسبەتەن قولايلىق. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئالفا3 ئاي ئىلگىرى

    جىلى ماشنام 4 يىل 80000 كىلومىتىر بولدى تەبىگاز CNG ئشلىتىمەن ئاپتۇل ئالماشتۇرغاندىن باشقا چاغدا بىرتال ئەۋتىركە كۇلۇچ تىگىپ باقمىدى ھازىرمۇ يىڭى چاغدىكىدەك ماڭدۇ
    20万~30万 ماڭغانلارنى كۆردۈم داشۇغا چۈشمەپتۇ
    شۇڭا تەبىگازنىڭ ئۇندابەك زىيىنى يوق دەپ ئويلايمەن
    پايدىسى پۇل تىجەيدۇ ھاۋانى ئاز بۇلغايدۇ

  • سابا263 ئاي ئىلگىرى

    گاز شۇنداق ياخشى تۇرمامدۇ نەدىكى قۇرۇق پاراڭ ئۇ

  • karwan3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭمۇ ماشىنامغا 6يىل بولدى مۇساپەم 230000كىلۇمىتىر ماڭدىم ئائلە ماشنىسى ماتۇر نى تىغ تەگكىزۇۇپ باقمىدىم تەبى گازدا ماڭىمەن

  • شىرئەلى3 ئاي ئىلگىرى

    ئەڭ ياخشىسى تاپاۋىتىڭىز بىلەن ماشىنىڭىزنىڭ ئات كۈچىنى ماسلاشقىنى ياخشى ئالۋەتتە

  • نانۇمىتىر3 ئاي ئىلگىرى

    مۇھىمى گاز تۇڭىنىڭ تەكشۈرۈش تەرتىۋى بەك كۆپ....

  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچىمۇ گازغا ئۆزگەرتكەنىڭ بەك چوڭ زىيىنى يۇق دەپ قارايمەن 65تۈمەن كىلومىتىر بۇلدى ھىلىغۇچە داشىۇۋ قىپاقمىدۇق

  • ئەلەمدار3 ئاي ئىلگىرى

    چۇچكۇ قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟دەپ بىرەمسىز

  • غوجام3 ئاي ئىلگىرى

    7يىل گازدا ماشىنا ھەيدەپ بۇ تېمىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنىڭ ھەممىنى ھېس قىلدىم زادى . يەنە بىر يېتەرسىزلىكى ماشىنا ئىچىگە بولۇپمۇ ئىسسىتقۇنى ئاچقاندا سېسىق گاز پۇرىقى كىرىۋېلىپ بەكمۇ بىزار قىلىدۇ . سالامەتلىككە زىيانلىق . ماشىنىنى ئائىلىدە ئىشلىتىدىغانلار يېقىن كەلـمىگەن ياخشى .

  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    TGDi دېگەن ماتۇرنى گازلىق قىلغىلى بولمايدېكنغۇ مەسلەت بەمەم سېلەباللا

  • ئامەت3 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ گازلىق قىلىپ ئۆزگەرتكەن ماشىنامنى ، يەتتە يىل بۇلدى كۇلۇچ تەگمىدى مۇتۇرغا ، بىر ئۈمۈر ھەيدىيەممەيسىز بىر ماشىنىنى ، تىجىگۈدەك يىرى بۇسا تىجىگۈلۈك پولنە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号