باش بەت

ئەخمەتجان

3382يوللانما
45مەستانە

ھىندىستاندىكى ئەڭ ئېگىز بايراق خادىسى شامالدا بۇزۇلۇپ كەتتى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-03 12:45 5 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئەسلىدە دۆلەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلىش ۋە كىشىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇشنى مەقسىتىدە ياسالغان، ھىندىستاندىكى ئەڭ ئېگىز دۆلەت بايرىقى خادىسى كىشىلەرنىڭ كۈلكە دەستىكى بولۇپ قالغان. 

4-ئايدىن بېرى، ھىندىستان-پاكىستان چېگراسىدىكى بۇ بايراق خادىسىغا ئىزچىل بايراق ئېسىلمىغان. كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، بايراق خادىسى زىيادە ئېگىز، دۆلەت بايرىقى بەك چوڭ بولغاچقا، شامالغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئارقا-ئارقىدىن بۇزۇلۇپ كەتكەن. 

ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىگە ئاران ئون كۈن قالغاچقا، دائىرىلەر بۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغان ئامال ئىزدەۋاتماقتىكەن. 

بۇ بايراق خادىسىنىڭ ئېگىزلىكى 110 مېتىر، ئېغىرلىقى 55 توننا. بۇنىڭغا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، بايراقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 37 مېتىر، كەڭلىكى 24 مېتىر، ئېغىرلىقى 100 كىلوگىرام ئەتراپىدا. 

بۇ بايراق خادىسى بۇ يىل 3-ئايدا ئىشلىتىلىشتىن بۇرۇن، ھىندىستاندىكى ئەڭ ئېگىز بايراق خادىسى چاركاند ئىشتاتىنىڭ مەركىزىي شەھەرى رانچ شەھەرىدىكى ئېگىزلىكى 91 مېتىر كېلىدىغان خادىكەنتۇق. 

«ھىندىستان گېزىتى» نىڭ 31-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بايراق خادىسى بەك ئېگىز بولغاچقا، بايراق ئۇچى ئۇچرايدىغان شامال بېسىمى ناھايىتى يۇقىرىكەن، دۆلەت بايرىقىمۇ قاتتىق شامالدا ئۈچ قېتىم يىرتىلىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن دائىرىلەر بايراقنى قايتا چىقىرىشقا پېتىنالمىغان. ئامىرتاسار شەھەردىكى بىر چوڭ باشلىق ئىلگىرى ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتكە خەت يېزىپ ياردەم تەلەپ قىلغان، ئۇ خېتىدە مۇنداق دېگەن: «ھەر قېتىم پاكىستاندا تۇرۇپ كۆرگىلى بولىدىغان، ھىندىستان بويىچە ئەڭ ئېگىز بايراق خادىسىدىكى بۇزۇلغان بايراقنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولغىنىمدا قاتتىق ئۇيىلىپ كېتىمەن، بۇ ئىش ھىندىستان ئۈچۈن <نومۇستۇر>». ئامىرتاسار شەھەرىدىكى پارلامېنت ئەزاسى گۇرجىت سىنگى ئوجارا مۇنداق دېگەن: «مەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن ھىندىستاننىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى مۇستەقىللىق كۈنىدە، ھىندىستان دۆلەت بايرىقىنىڭ مۇشۇ خادىدىدا لەپىلدىشىنى تەلەپ قىلدىم. ھېچ بولمىغاندا شۇ بىر كۈن بولسىمۇ تىنچ تۇرۇپ بەرسە مەيلىتى». بىراق، پەنجاب ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت بۈگۈنگىچە بۇنىڭغا بىرە ئامال قىلالمىغان. گۇرجىتنىڭ دېيىشىچە، بۇنىڭغا قوللىنىشقا بولىدىغان ئاماللار بايراق خادىسىنىڭ ئېگىزلىكىنى پاكارلىتىش ياكى دۆلەت بايرىقىنى تېخىمۇ پۇختا ماتېرىيالدىن تىكىپ چىقىشكەن. 

بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققىنى پەقەت بۇ بايراق خادىسىلا بولۇپ قالماستىن، ئامىرتاسار شەھەرىدىكى ئېگىزلىكى 52 مېتىر كېلىدىغان بايراق خادىسىمۇ ئوخشاش مەسىلىگە يولۇققان. شامالنىڭ تەسىرىدىن دۆلەت بايرىقىنى 14 قېتىم ئالماشتۇرۇپ بولغان. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت مۇشۇ ئىككى خادىدىكى بايراقنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن سەرپ قىلغان. 

مۇشۇ ئىككى بايراق خادىسىنى ئاسراش ۋە قوغداشقا مەسئۇل ئاپپاراتنىڭ مەسئۇلى سۇرىش ماھاجان 3-ئاينىڭ ئاخىردا خۇرسىنىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئىككى خادىدىكى دۆلەت بايرىقى تەننەرخ جەھەتتە يېڭى رېكورت ياراتتى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ تەننەرخىمۇ بەك يۇقىرى بولماقتا». 

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن بۇ ئىككى خادىنى ۋە دۆلەت بايرىقىنى قوغداشقا مەخسۇس ئۆمەك ئەۋەتىشكە ۋەدە بەرگەنىكەن. بىراق، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدە بۇنىڭغا دائىر بىرمۇ جۈملە يوقكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئېكىس3 ئاي ئىلگىرى

    شاكا ئالماشتۇرغان بولسا ھىچنىمە بولمايتتى ئۇ بايراق، ھا ھا ھا .....

  • ۋووي3 ئاي ئىلگىرى

    ھەجەپ ئوبدان بوپتو ، 30 ھەرەەەە

  • گېنىرال3 ئاي ئىلگىرى

    شۇ بىر مىلىيۇن بەش يۈز مىڭنى بىراقلا مەبلەق سالغان بولسا بەلكىم ئۇنداقمۇ بولماستى،

  • ئورخان3 ئاي ئىلگىرى

    نىپىز رەختىن ياسىسا بولدىغۇ بايراقنى

  • چۆل ئوغلى3 ئاي ئىلگىرى

    چەكتىن ئاشقان ھەرقانداق ئىش ئەلۋەتتە ئەكسىچە ئۈنۇم بىرىدۇ دە،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号