باش بەت

ئادىلجان

6850يوللانما
70مەستانە

تېسلادىكى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش نىسبىتى قۇشخانىدىكىدىنمۇ يۇقىرى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-03 21:22 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 3-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېسلانىڭ كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ فېرمونت شەھىرىگە جايلاشقان ئاساسلىق زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار 31-ئىيۇل شىركەتنىڭ مۇستەقىل مۇدىرىيەت رەئىسىگە خەت يېزىپ، تېسلادىن ئىشچىلار ئۈچۈن ساغلاملىق ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلدى. تېسلا 7-ئاينىڭ 28-كۈنى فېرمونت شەھىرىدە Model 3نى تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن، شىركەتنىڭ CEOسى ئېلون ماسك ئىشچىلاردىن غەيرەتكە كېلىپ، 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ھەر ئايدا 20 مىڭ دانە Model 3نى تەلەپ قىلغان. 

ماسك مۇنداق دېگەن: «بىز ھېچ بولمىغاندا ئالتە ئاي جاپالىق ياساش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز كېرەك.» ئەمما فېرمونت شەھىرىدىكى زاۋۇتنىڭ ئىشچىلىرى ئۈچ كۈندىن كېيىن يوللىغان مۇراجەتنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىشچىلار ئىزچىل تۈردە «قاتتىق ئازاب ئوقۇبەت» ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ. 

ئىشچىلارنىڭ خېتىدە مۇنداق دېيىلدى:«بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز ۋە بىخەتەرلىكىمىزگە مۇناسىۋەتلىك. تاسادىپىي ھادىسىلەر ھەر كۈنى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بىر قىسىم ئېغىر دەرىجىدىكى ھادىسىلەر دائىم ئىشچىلارنىڭ غەيرىتىنى يەرگە ئۇرىدۇ ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش كېچىكىدۇ. چۈنكى ئىشچىلار كېسەل رۇخسىتى سوراپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىسە بولمايدۇ. زاۋۇت قىممىتى بار ئەمگەك كۈچىدىن ئايرىلىپلا قالماي، ئىشچىلارنىڭ ئائىلىسىمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ھادىسىلەردىن ساقلانغىلى بولاتتى.»

بۇ يىل 5-ئايدا كالفورنىيە ئىشتاتلىق ئىشچىلار بىخەتەرلىكى تەشكىلاتى Worksafe دوكلات ئېلان قىلىپ، 2015-يىلى تېسلانىڭ فېرمونت شەھىرىگە جايلاشقان زاۋۇتىدىكى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش نىسبىتى ئامېرىكىدىكى ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن %31 ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تېسلا زاۋۇتىدىكى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش نىسبىتى %8.8 (ھەر 100 ئىشچىنىڭ 8.8 نەپىرى يارىلىنىدۇ) بولغان، ئەمما پۈتكۈل كەسىپنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش نىسبىتى %6.7 ئىكەن. 

%8.8لىك ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش نىسبىتى ھەتتا شالچىلىق زاۋۇتى ۋە قۇشخانىدىكى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش نىسبىتىدىنمۇ يۇقىرى. ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شالچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش نىسبىتى %7.3، قۇشخانىنىڭ بولسا ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش نىسبىتى %5.1 بىلەن %7.3 ئارىلىقىدا ئىكەن. 

ئەمەلىيەتتە تېسلا زاۋۇتىدىكى ئىشچىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى يېڭى مەسىلە ئەمەس. بۇ يىل 2-ئايدا ئۆزىنى فېرمونت شەھىرىدىكى زاۋۇتتا تۆت يىل خىزمەت قىلدىم دەۋالغان جوسې موران ئىسىملىك بىرى توردا يازما ئېلان قىلىپ، تېسلا زاۋۇتىنىڭ ناچار خىزمەت شارائىتىنى ئاشكارىلىغان 

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىر تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئاپتوموبىلنى ياساۋاتىمىز. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى، بىز بىر كەلگۈسىگە كۈچلۈك ئىنتىلىدىغان شىركەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىمىز، ئەمما بۇ شىركەتنىڭ خىزمەت شارائىتى بەكلا ناچار.»

ئىشچىلار خەتتە يەنە باشقۇرغۇچىلار قاتلىمىدىن خىزمەت مۇھىتىدا ساقلانغان خەتەرنى ئالدىن ئۇقتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، شىركەتكە ئىشچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىك سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئېنىق مائاش تەمىناتى ۋە ئۆستۈرۈش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىشقا مۇراجەت قىلدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号