باش بەت

ئوغلان0996

3020يوللانما
23مەستانە

نىكاھلىنىش ئەرلەردىكى يوشۇرۇن جان ئالىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-03 23:06 5 ئىنكاس چۈشتى

ئامېرىكىنىڭ بىر خىل تەتقىقاتىدىن ئايان بولۇشىچە، نىكاھلىنىش ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەن، ئۇزاق داۋاملاشقان نىكاھ تۇرمۇشى ئەرلەرنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەرگە دۇچار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلىدىكەن. 

تەتقىقاتچى خادىملار 57-85 ياشقىچە بولغان 1723 نەپەر پىدائىينىڭ قان ئەۋرىشكىسى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ قان تەركىبىدىكى C-رېئاكسىيىلىك ئاقسىلنىڭ مىقدارىنى ئۆلچىگەن. C-رېئاكسىيىلىك ئاقسىل جىگەردە پەيدا بولىدىغان، ئورگانىزمدا ياللۇغلۇق رېئاكسىيەسى يۈز بەرگەندە ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان بىر خىل ئۆتكۈر ئاقسىل بولۇپ، ئۇ كىلىنىكا مېدىتسىناسىدا يۈرەك كېسىلى، خامۇشلۇق كېسىلى ۋە سەكتە قاتارلىق خەتەرلىك كېسەللىكلەرنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ.

تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، بارلىق ئادەملەر توپى ئىچىدە نىكاھلانغان ئەرلەرنىڭ قان تەركىبىدە C-رېئاكسىيىلىك ئاقسىل مىقدارى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ئوتتۇرىچە ھەر بىر كىشىنىڭ ھەر بىر لىتىر قېنى ئىچىدە 1.16مىللىگرام بولىدىكەن. ھالبۇكى، نىكاھلانمىغان ئەرلەردە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2.72 مىللىگرام بولىدىكەن، بۇ نىكاھنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان خېيىم خەتەرنى ئازايتالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاينۇرە1 ئاي ئىلگىرى

    بەكلا ياخشى تىما بوپتۇ پومزەكخان بەكلا توغرا گەپ قىلدىڭىز مەنمۇ ئۇچىرغان ئۇنداقلارغا مىنىڭمۇ بەك ئاچچىقم كىلىدۇ كۆڭلى بولمىسا ئاۋۇ بىر ئىككى بالىلار نەدىن بوپتىكەن

  • سەفىيە2 ئاي ئىلگىرى

    ئەرلەر تاماكا چەكسە زىيانلىقمۇ جىنسى ئىقتىدارىغا ساغلاملىقىغا زىيىنى بارمۇ

  • قەشقەچى2 ئاي ئىلگىرى

    ناھايىتى ياخشى گەپ قىلدىڭىز پومزەكخان شۇندا نائەھلىلەر ئاۋۇپ قاپتۇ ھازىر ئۆيدىكىلە زولاپ قىغانتى يەي دەپ ئوغاۋالا تۇرۇپ رەت قىمماي ئاپ بولاپ ئاقىدىن كۆڭلەم يوقتى دەپ تالادىكى خىنىملىنى ئازدۇرۇپ يۇردىغان

  • دانا3 ئاي ئىلگىرى

    پومزەكخان ناھايىتى توغرا دەپسىز شۇنداق لاتا ئەرلە نىكاھلانماي ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇ

  • پومزەكخان3 ئاي ئىلگىرى

    ئاياللىرىڭلارغا رەھمەت ئېيتىڭلار ،ئۇلار سىلەرگە ياتلىق بولۇپ سىلەرنىڭ سالامەتلىكىڭلارغا ئىلىپ كىلىدىغان يوشۇرۇن خەتەرلىك كىسەللەردىن خالاس قىلىپتۇ.
    ھىلىقى خوتۇننى ئىلىۋىلىپ ئەمدى بولغاندا دادام ئەپ بەرگەن ئانام ئىلىپ بەرگەن كۆڭلۇم يوقتى دەپ بىر ئىككى بالىنى تىپىپ قويۇپ ،خەققە يىغلاپ ئۆزىنى بىچارە كۆرسۇتۇپ تالادىن كۆڭلىنى خۇش قىلىپ يۇردىغان لاتا ئەرلەر ما تىمىنى ئوبدان كۆرسە بولغىدەك …

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号