باش بەت

نۇسرەتگۈل

10527يوللانما
187مەستانە

تويدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىگە بارغان يىگىت دوختۇرنىڭ پۇلىنى ئوغرىلىۋالدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-04 11:40 2 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 4-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

8-ئاينىڭ 2-كۈنى جېنبا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى چېڭگۇەن ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار 7-ئاينىڭ 25-كۈنى جېنبا ناھىيەلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدىكى بىر دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا قويۇپ قويۇلغان 3000 يۈەندىن كۆپرەك پۇلىنىڭ ئوغرىلىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. ساقچىلار ئامانلىق كۆزەتكۈسىدىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىش ئارقىلىق تويدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىگە بارغان بىر ئەرنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى ھەمدە شۇ كۈنى سالامەتلىك تەكشۈرتكىلى كەلگەنلەر تىزىملىكىدىن ئۇ ئەرنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتتى.

ئەسلىدە، 8-ئاينىڭ 2-كۈنى تاڭ xx بىلەن بولغۇسى ئايالى دوختۇرخانىغا تويدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى قىلدۇرغىلى بارغاندا دوختۇرنىڭ سومكىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان 3000 يۈەندىن كۆپرەك نەق پۇلنى ئوغرىلىۋالغان بولۇپ، قولغا چۈشكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئەينەن بايان قىلغان. ئەھۋال ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن تاڭ xxنىڭ بولغۇسى ئايالىمۇ دوختۇردىن كەچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. نۆۋەتتە، تاڭ xx ساقچىخانىدا جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئامىرخان8 ئاي ئىلگىرى

    تويلۇققا پۇلى كەم ئوخشايدۇ بۇ يىگىتنىڭ

  • يۇمشاق8 ئاي ئىلگىرى

    ۋاييەي خىجىل بولسىچۇ؟، قانداق قىلاي، قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号